
نۆۋەتتە ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي قەرز پۇلى قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. نۇرغۇ بانكىلاردا ھازىر پۇل قىس، قەرز بېرىش سۈرىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇۋاتىدۇ، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي قەرز پۇلىنىڭ ئالدىن تاپشۇرىدىغان نىسبىتىمۇ ئۆستۈرۈلدى، قىسمەن بانكىلار ئۆي قەرزى كەسپىنى ۋاقتىنچە توختاتتى. كىشىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغىنى شۇكى، يېقىندا بانكا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلەشكە باشلىدى، قەرز پۇل بازىرى باھا ئۆسۈم نىسبىتى بولسا تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزگىرىش بولمىدى. بانكا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەشكە باشلىغانلىقى قەرز پۇل بازىرى باھا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆرلىتىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇنداقتا ھازىر بانكىلارنىڭ ئۆي قەرزى كەسپىنى چىڭىتىشىنىڭ سەۋەبى ئۆي-مۈلۈك خەتىرىنىڭ بەك چوڭ بولغانلىقىدىنمۇ؟ سەل بۇرۇن، مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆي-زېمىن كۆپۈكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئەڭ چوڭ «كۈلرەڭ كەركىدان» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. مەركىزىي بانكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شياۋلىڭ گەپنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ، كۆپۈك ئىچىدە تەنتەنە قىلىدىغان كۈنلەر ئاز قالدى، تاشقىن قايتقاندىن كېيىنكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك دېگەن. روشەنكى، ئۆي باھاسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، سىستېمىلىق پۇل-مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بانكىلارنىڭ ئۆي قەرزىنى چىڭىتىشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق.
مېنىڭچە، بانكىلارنىڭ ئۆي قەرز پۇلىنى چىڭىتىشىدا، ئۆي-زېمىن پۇل-مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبمۇ بار:
بىرىنچى، ھەر قايسى بانكىلارنىڭ بۇ قېتىم ئۆي قەرزىنى چىڭىتىشى، ئىلگىرىكى ئۆي قەرزىنى كەڭرى قويۇۋېتىشنى تۈزىتىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت بىرقەدەر كەسكىن بولدى، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي بانكا ئامانەت زاپىسى نىسبىتىنى ئۈچ قېتىم، تەييارلىق فوندى ئۆسۈمىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلەتتى ھەمدە قەرز پۇل بازىرى باھا ئۆسۈم نىسبىتىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. ئەسلىدە ئۆي باھاسى چۈشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن دۆلەت ئىچىدىكى بەزى شەھەرلەردە ئۆي باھاسى چۈشمەي ئەكسىچە ئۆرلەپ كەتتى، ھەتتا زىيادە قىزىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. كېيىنكى يېرىم يىلغا كەلگەندە، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. شۇڭا مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىشقا ئېھتىياجى تۇغۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى بانكىلار يىللىق قەرز كۆرسەتكۈچىنى ئىشلىتىلىپ بولدى، شۇڭا ئۆي قەرزى كەسپىنى بەس ـ بەستە چىڭىتتى. بۇ ئەمەلىيەتتە مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى بىر خىل تەڭشىشى بولۇپ، بازاردىكى پۇل سىياسىتىنىڭ چىڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىككىنچى، ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش چىڭ تۇتۇلدى، ھەر قايسى بانكىلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي ـ مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سىياسىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، قەرز پۇلنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتتى. ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019ـ يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆي-زېمىننى تەڭشەش-تىزگىنلەش قېتىم سانى 620 قېتىمغا يەتكەن، 2020ـ يىلى 1ـئايدىن 8ـ ئايغىچە، 368 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 367 قېتىم بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن. 9-ئايدىن كېيىن، يەنە ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولغان شېنياڭ، چېڭدۇ، دۇڭگۈەن، شېنجېن، يىنچۈەن، تاڭشەن قاتارلىق 12 شەھەر تەڭشەپ كونترول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شەھەرلەردىكى بانكىلار يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىش» تەك ئۆي-زېمىن تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، بانكا قەرزىنى ئايرىم-ئايرىم چىڭىتىشقا باشلىغان، بۇمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي ـ زېمىن تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ماسلاشقانلىق.
ئۈچىنچى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۇل سىياسىتىنىڭ كەڭ بولۇشىنىڭ تەسىرىدە، ئۆي باھاسى تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلىدى، ھازىر نۇرغۇن مەبلەغ ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىش خەتىرىنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچقا، كىشىلەر كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. نۆۋەتتىكى قايناق ئۆي ـ مۈلۈك بازىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، چەكلىك ئىجتىمائىي ساقلانما مەبلەغنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا يېتەكلەش كېرەك. شۇڭا، ھەر قايسى بانكىلار ھازىر ئۆي-مۈلۈك قەرز پۇلىنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چىڭىتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆي قەرز پۇلىنىڭ قىس بولۇشى يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.
يىغىنچاقلىساق، بانكىلارنىڭ ئۆي قەرزىنى چىڭىتىشىدا ئاساسلىقى ئۆي-مۈلۈك پۇل-مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا بەزى سەۋەبلەرمۇ بار. مەسىلەن، ئىلگىرى ئۆي قەرزى زىيادە كەڭ قويۇۋېتىلگەن بولغاچقا ئۆي قەرزىنى چىڭىتىش ئارقىلىق سىياسەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلار ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، بانكىلارنىڭ ئۆي قەرزىنى چىڭىتىشىمۇ يەرلىكنىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلىشىگە ماسلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ھازىر قىسمەن شەھەرلەردە ئۆي-زېمىن قىزىپ كېتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تازا جانلانمايۋاتىدۇ، شۇڭا بانكىلار ئۆي قەرزىنى چىڭىتىپ، ئۆي بازىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.


