




ئۆسۈش مەزگىلىدە ھەر ئايدا بىر - ئىككى قېتىم ئاممىياكلىق، فوسفورلۇق ئوغۇت بېرىلىپ، ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، باشقا سۇيۇق ئوغۇتلارنىمۇ ئىشلەتسەك بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، چېچەكلەش مەزگىلىدە بەك كۆپ ئوغۇتلاشقا بولمايدۇ ، 5-6 - ۋە 9-10 ئايلاردا ئىككى قېتىم سۇيۇق ئوغۇت بىلەن قۇشۇمچە ئۇغۇتلىنىدۇ .


يوپۇرماقسىمان چاتاش :
غولىدىكى كىچىك يوپۇرماقلىق شاخنىڭ ئۆسۈش ئورنى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەم بولۇپ قالسا، غولىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىدىن قىسقىراق چاتاپ، يوشۇرۇن بىخلارنىڭ بىخلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . ئادەتتە كېسىش ئېگىزلىكى يوپۇرماقسىمان شاختىكى بىخ ئېگىزلىكى بىلەن ئوخشاش بولسا بولىدۇ، شاختىكى تىكەنلىك ئورۇن دەل يوپۇرماقسىمان شاخ بىخلىنىپ چىقىدىغان ئورۇن بولۇپ، شاخ قانچە توم بولسا ، يوشۇرۇن بىخنىڭ بىخلىنىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

ئەگەر پۈتۈن تۈپنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى كۈچلۈك كۈن نۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆيۈپ كەتسە ياكىتەشتەك تۇپرىقى بەك قۇرغاق بولۇش،ئوغۇت يېتىشمەسلىك ۋە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆسۈشىياخشى بولمىسا ، پۈتۈن تۈپنى يېڭىلاپ چاتىساق بولىدۇ. يېڭىلاپ چاتىغاندا ، ھەممە يوپۇرماقسىمانشاخلىرى كېسىلىدۇ ، لېكىن شاخلىرىدىكى تىكەنسىمان ئورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك،چۈنكى ئۇلارشاخلارنىڭ تەكشى تارقىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.ئۆسۈش پەسلىدە چاتىغاندا ئادەتتە ئاسان بىخلىنىدىغانيېڭى شاخلىرى چاتىلىدۇ، چاتالغاندىن كېيىن، سۇغىرىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىشكېرەك،تەشتەكنىڭ توپىسى ھۆل بولۇپ كەتسە ھەرگىز بولمايدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن،چاتاش مەغلۇپبولىدۇ.


