大数跨境

مەركىزىي بانكا 100 يۈەن باسسا، كارخانىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ

مەركىزىي بانكا 100 يۈەن باسسا، كارخانىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ EMINBIZ
2021-02-27
1


ئامېرىكىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ھەر 100 دوللارنى بېسىپ چىقىرىشى بازاردىكى قەرزنىڭ100 دوللاردىن كۆپرەك ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ پۇلنىڭ كۆپەيتكۈچىسى ئويلىشىلمىغان ئەھۋالدا .جۇڭگودا ئەھۋال بىر ئاز ئوخشىمايدۇ.



جۇڭگودا، ئەسلىدىكى پۇل بېسىش ئۇسۇلى خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش ئىدى.يەنى مەن بىر ئېكسپورت كارخانىسى A، Bدۆلەتتە بىر ئويۇنچۇق سېتىپ، 100 ئامېرىكا دوللىرى تاپتىم، دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىي پېرېۋوت راسچوت قىلىپ سېتىش تۈزۈمى بويىچە، دۆلەت بەلگىلىگەن تاشقى پېرېۋوت ئىسچوتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ.كارخانا ۋە شەخسلەر ئارتۇق تاشقى پېرېۋوتنى تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە كۆرسىتىلگەن بانكىغا سېتىپ بېرىشى كېرەك.يەنى بۇ كارخانا چوقۇم بۇ100 ئامېرىكا دوللىرىنى سودا بانكىسىغا ئېلىپ بېرىپ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇشى كېرەك،ئەگەر ئەينى چاغدىكى پېرېۋوت نىسبىتى 1:7 بولسا، ئۇنداقتا 700A   يۈئەن خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ.ئاندىن سودا بانكىسى بۇ 100ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىپ مەركىزىي بانكىغا خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرىدۇ، مەركىزىي بانكا ئالغان بۇ 100 ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ،

مەركىزىي بانكا چىقىم قىلغان 700 يۈئەن خەلق پۇلى بېسىپ چىقىرىلغان پۇل بولىدۇ.بۇ يېقىنقى20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق پۇل بېسىش ئۇسۇلى بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگوبازىرىدىكى پۇللارمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يارىتىلغان (% 70ئەتراپىدا).


لېكىن 2014ـ يىلىدىن كېيىن، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى چەككە يەتكەچكە،خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش تەك پۇل بېسىش نىسبىتى تۆۋەنلىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ زايومنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئۆرلىدى.يەنى بازاردا ئېقىشچانلىق  كەمچىل بولغاندا، مەركىزىي بانكا تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، MLF قاتارلىق پۇل قوراللىرى ئارقىلىق بازارغا ئېقىشچانلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ماھىيەتتە مەركىزىي بانكا سودا بانكىسىنىڭ قولىدىكى زايومنى سېتىۋېلىپ،خەلق پۇلىنى قويۇپ بېرىپ، ئاخىرىدا بازاردىكى پۇلنى كۆپەيتىدۇ.زايوم ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى،ماھىيەتتە ھۆكۈمەت بىر پارچە قەرز ھۆججىتى يېزىپ، جەمىيەتتىن پۇل قەرز ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىل قەرزىنى ئىپادىلەيدۇ.

شۇڭا خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش تەك پۇل بېسىش ئۇسۇلىنىڭ ئىجتىمائىي قەرزگە بولغان بىۋاسىتە تەسىرىگە مۇنداق قارىساق بولىدۇ: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ زايومىنى سېتىۋالسا، مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ زايومىنى سېتىۋالسا،ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى كۆپىيىپ، بازاردىكى پۇل كۆپىيىدۇ.

2020- يىلى مەركىزىي بانكا ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز قولايلىقى ( MLF) كېپىللىك بۇيۇملىرىنىڭ دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، AAدەرىجىلىكتىن تۆۋەن بولمىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار، AA+،AA دەرىجىلىك شىركەتلەرنىڭ كىرېدىت تۈرىدىكى زايومى ( كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يېشىل ئىقتىسادقا چېتىلىدىغان زايومنى ئالدىن قوبۇل قىلىدۇ )، ئەلا سۈپەتلىك كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى ۋە يېشىل قەرزپۇلى قاتارلىقلارنى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

يەنى ئالاھىدە ئەھۋالدا،مەركىزىي بانكا كارخانا زايومى سېتىۋالسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر بۇخىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل بېسىش جەريانى، كارخانىنىڭ قەرزىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش تەك پۇل بېسىش ئۇسۇلىدا بولسا، دوللار بىر خىل قەرزبولماستىن، بەلكى مۈلۈك بولغاچقا، بۇ پۇل بېسىش جەريانى ھۆكۈمەت قەرزىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئىجتىمائىي قەرزنىڭ ئېشىش -ئاشماسلىقى ھۆكۈمەت قەرزى، كارخانا قەرزى، ئاھالىلەر قەرزىنىڭ ئېشىش -ئاشماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.يۇقىرىقى تەھلىلدىن قارىغاندا، زايومنى خەلق پۇلىغائالماشتۇرۇش ئىجتىمائىي قەرزنى بىۋاسىتە كۆپەيتىۋېتىدۇ، خەلق پۇلىنى ئامېرىكادوللىرىغا ئالماشتۇرۇش ئۇنداق بولمايدۇ.


لېكىن مەيلى زايومنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇش بولسۇن ياكى خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش بولسۇن ھەممىسى بازاردىكى پۇلنى ۋاسىتىلىك كۆپەيتىۋېتىدۇ.مەسىلەن يۇقىرىقى مىساللارداA كارخانىنىڭ سودا بانكىسىغا 100 يۈئەن ئامېرىكادوللىرى پېرېۋوت قىلىشى A كارخانىنىڭ بانكىدىكى ئامانەت پۇلىنىڭ 100 خەلق پۇلى كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.ياكى مەركىزىي بانكىنىڭ مەلۇم سودا بانكىسىنىڭ 1 مىليارد يۈئەنلىك زايومىنى سېتىۋېلىشى مەلۇم سودا بانكىسىنىڭ 1 مىليارد يۈئەنلىك كۆچمە مەبلىغىنى كۆپەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ پۇللارنى قەرز ئېلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر بانكا 2 مىليون يۈئەنلىك ئۆي قەرزى تارقاتسا، ئۇنداقتا ئاھالىلەرنىڭ قەرزى 2 مىليون يۈئەن كۆپىيىدۇ.ئەگەر بانكا مەلۇم كارخانىغا 5 مىليون يۈئەن قەرز تارقاتقان بولسا، ئۇنداقتا كارخانىنىڭ قەرزى 5مىليون يۈئەن كۆپىيىدۇ.


يېڭىدىن كۆپەيگەن بۇ قەرزلەر ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى ئىككى خىل پۇل بېسىش ئۇسۇلىدا ۋاسىتىلىك پەيدابولغان.ئۇنداقتا يۇقىرىقى مىساللار ئىچىدە Aكارخانىنىڭ بىر مىليون ئامانەت پۇلى ھەمدە سودا بانكىسى يېڭىدىن بىر مىليارد يۈئەن مەبلەغ كۆپەيتكەن بولسا، قانچىلىك قەرزنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ؟3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى پۇل كۆپەيتكۈچى 6.55 نىڭ پۇل كۆپەيتكۈچىسى بويىچە بولغاندا، قەرزنى ئەڭ كۆپ بولغاندا6.55 ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدۇ.


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0