

مۇقەددىمە: نۇرغۇن كىشىلەر يا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنى ئوخشاش بىر كىشىگە سېتىش، يا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئوخشاش بىر مەھسۇلاتنى سېتىش بولسا يەھۇدىلارنىڭ تىجارەت قائىدىسى، سېتىشنىڭ ھەقىقىيتىنى سۆزلەيدۇ. ئەمما سىز يەھۇدىيلارنىڭ تىجارەتتىكى چەكلىمىلىرىنى بىلەمسىز؟
بىرىنچى : ئىشىكتە ئولتۇرۇپ مېھمان كۈتۈش.
سودا-سېتىق ئىشلىرى جانلانمايدۇ، تاۋار بازىرى تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تاۋار ئالماشتۇرۇشتا ۋاقىت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ خېرىدار بىلەن كۆرۈشۈش تەس. پەقەت يۈگۈرگەندىلا، ئاندىن بازار ئۇچۇرىدىن خەۋەر تېپىپ، دەل ۋاقتىدا پۇرسەت تاپقىلى، ئاندىن پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى : يۈرەكلىك بولماسلىق.
كونىلاردا يەتتە ئۈلۈش ئىشەنچ بولسىلا ھەرىكەتكە كەلگىلى بولىدۇ، قالغان ئۈچ ئۈلۈش ئىشەنچ سېنىڭ قولغا كەلتۈرۈشۈڭگە تايىنىدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇقساڭ قەتئىي نىيەتكە كېلەلمەي، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساڭ پايدا ئالمايسەن، شۇنى بىلىش كېرەككى، سودىدا توققۇزى مۇقىم بولۇپ پۇل تاپىدىغان ئىش كۆپ ئەمەس.
ئۈچىنچى : تاۋار قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ساتماسلىق كېرەك.
تاۋارنىڭ باھاسى ئۆسسىمۇ، باھاسى چۈشمەي، قىممەت بولۇپ مەلۇم دەرىجىگە بېرىپ يېتىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت پۇل تاپقىلى بولسىلا سېتىش، مەيلى كۆپ ياكى ئاز پۇل تاپسۇن، رازى بولۇش كېرەك، ئەگەر يۇقىرى باھانى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئونىڭ ئىچىدە سەككىز، توققۇزى زىيان تارتىدۇ.
تۆتىنچى : پۇلنى ئامانەت قويۇش.
پايدا ئالغاندىن كېيىن يەنە مەبلەغ سېلىشنى خالىماي، جانلىق پۇلنى ئۆلۈك پۇلغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، غېرىچقا ئېرىشىپ، غۇلاچقا تىكىلىپ، تىجارەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتقاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققىلى بولىدۇ.
بەشىنچى : بەك ئېگىز، بەك يىراق تىكىلىش.
كىچىك پايدىنى ياراتماي، بىر كاپام يەپلا سەمرىمەكچى بولسا، مەڭگۈ باي بولالمايدۇ. كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاز-ئازدىن توپلاپ، قەدەممۇ-قەدەم ماڭغاندىلا، ئاندىن بايلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققىلى بولىدۇ.
ئالتىنچى : ھاراق پۇرىقى كوچىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىدىن قورقمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مال سېتىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، مەھسۇلات ياخشى بولسا، تەبىئىيلا بەزىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ پاسسىپ سېتىش ئۇسۇلى. پەقەت تەشەببۇسكار ھالدا خېرىدار تارتىپ، تەسىرىنى كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن كۆپ سېتىپ، كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
يەتتىنچى : خەق قانداق قىلسا بىز شۇنداق قىلىمىز.
ئىجادچانلىق روھى كەمچىل، ھەمىشە باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، باشقىلار تەرىپىدىن بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىلىدۇ، باشقىلار پايدىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، سىز يەنە قىلسىڭىز پايدىسى ناھايىتى ئاز بولىدۇ ياكى ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىز. بازارنى ئالدىن ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.
سەككىزىنجى : قىززىق ئۇچۇرنى قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش.
قىزىق ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئالدىراپ-تېنەپ ھەرىكەت قىلىپ، تولۇق تەييارلىق قىلماي، تەييارلىقسىز جەڭ قىلسا مەغلۇبىيەت كۆپ غەلبە ئاز بولىدۇ. پەقەت بازارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كۆڭۈلدە سان بولغاندىلا، ئاندىن ئىش باشلىغان ياخشى.
توققۇزىنجى: ئىسسىقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ.
دائىم قايسى ئىشنى قىلغان ئادەم كۆپ بولسا شۇ ئىشتا شۇنچە پايدا بار دەپ قاراش، شۇنى بىلىش كېرەككى، “تۇرۇپ قانچە كۆپ بولسا يەر شۇنچە چىڭ بولىدۇ”. پەقەت كۆزگە چېلىقمايدىغان يېرىنى ئېنىق تاللىغاندىلا، ئاندىن بازارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
ئونىنچى : كۆپ پايدا ئېلىپ سېتىش.
سېتىلغان تاۋارلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۆپ بولۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، پايدىسى كۆپ، باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئادەمنى كەينىگە داجىتىدۇ، نەتىجىدە پايدىسى كۆپ، سېتىلىشى ئاز بولۇپ قالىدۇ. پايدىنى يېنىكرەك كۆرگەندىلا، باھاسى مۇۋاپىق بولغاندا خېرىدار بولىدۇ، ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ ساتقاندىلا، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ


