搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئەنگىليەدىكى تاجىسىمان ۋىروسى ئۆزگۈرۈپ يۇقۇم تىخمۇ ئەۋجىپلا
>
ئەنگىليەدىكى تاجىسىمان ۋىروسى ئۆزگۈرۈپ يۇقۇم تىخمۇ ئەۋجىپلا
EMINBIZ
2020-12-28
2
导读:بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بىز ئۇدا كېسەل
بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بىز ئۇدا كېسەل بىلەن بىللە ياشىماقتىمىز،دۆلىتىمىزنىڭ كېسەلگە قارىتا بولغان سىياسىتى ناھايتى ياخشى بولغاچقا بىزمۇ ئىزچىل شۇنداق ياخشى بولغان ھالدا تۇرماقتىمىز، ھەمىمىز دۆلەتنىڭ بالدۇراق ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىرشىنى ساقلاپ تۇرغان مۇشۇ كۈنلەردە ئەنگلىيە بىزگە قايتىدىن بىر ۋەھىمە خەۋىرىنى ئىلىپ كەلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 14-چېسلا، ئەنگلىيە سەھىيە ۋەزىرى مات خانكاۋنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى ئۆزگەرگەن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئەنگلىيەنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېز سۈرئەتتە تارقالغان. 19-چېسلا، باش ۋەزىر جونسون مۇنداق دېدى:« ۋىرۇس ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى تارقىلىش خاراكتېرى مەۋجۇت بولغان ۋىرۇس زەھەر تۈپىدىن % 70 يۇقىرى بولغان »
بۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر چىگرىنى تاقاش، ئەنگىلىيەگە بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنى توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بېيجىڭ ۋاقتى 21-چېسلا سائەت 5كە قەدەر، ئاز دېگەندىمۇ 11 دۆلەت ھەرىكەت قوللانىپ بولدى.
01
ئىتالىيەدە ئەنگىليەدىكى كېسەللىكنى ئىلىپ كەلگەن بىر بىمار بايقالدى
ئىتالىيە« جۇمھۇرىيەت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 20-دېكابىر كەچتە خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن:« ئىتالىيە ئالىي سەھىيە تەتقىقات يۇرتى بىلەن ھەمكارلاشقان چېلىئو ھەربىي تېببىي ئىنستىتۇتى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىر بىمارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن يېقىندا ئەنگلىيەدە بايقالغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرىنىڭ گېنىنى ئايرىپ چىققان.»
ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل يېقىندا ئەنگلىيەدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىتالىيەگە قايتىپ، رىمدىكى فىئۇمىچىنو ئايروپورتىدا چېگرادىن كىردى، ئۇ بىمار ھازىر ئايرىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قويۇق ئۇچراشقۇچىلارمۇ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار يۇقۇم مۇداپىئە بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىدۇ »
ئىتالىيە 20-چېسلا دەرھال ئەنگىلىيەگە بېرىپ كېلىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كېلەر يىلى 6-يانۋارغىچە ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە 14 كۈن ئىچىدە ئەنگىلىيەدە توختاپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ئىتالىيەدە چېگرىدىن كىرىشى ياكى ئوتتۇرىدا مېڭىشىنى چەكلىدى. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن يولۇچىلار چېگرىدىن كىرگەن بولسا، شۇ جايدىكى سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
02
ئىسپانىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئەنگىلىيەدىن كەلگەن ئايروپىلانلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى
شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىسپانىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېين ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشىلدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتلىمىدا ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، ئەنگلىيەدىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
03
ئاۋستىرىيە ئەنگلىيەدىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قونۇشىنى چەكلىدى
ئاۋسترىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرى يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاۋسترىيە ئەنگلىيەدىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتكە قونۇشىنى چەكلىگەن.
ۋيېنا تېببىي تەتقىقات مەركىزىدىكى ئاندېرىياس بېرگتال ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ھازىرغا قەدەر، ئاۋسترىيە ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تاجىسمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرىنى تېخى بايقىمىدى، ۋىرۇستا يەككە-يېگانە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ». ئاۋىسترىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 20-نويابىر، بېلگىيە لوندونغا بېرىپ كېلىدىغان ياۋروپا يۇلتۇزى ناملىق ئالاھىدە تېز پويىزنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلگىيە باش ۋەزىرى دېكرو 20-چېسلادىن باشلاپ، بېلگىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ چېگراسىنى ۋاقتىنچە تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 20-چېسلا كەچتە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش مىنىستىرى ژان باتىست جېبارى 20-چېسلا يېرىم كېچىدىن باشلاپ، فىرانسىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان، پويىز ۋە كېچىك كېمىسى تىرانسپورتىنىڭ چېگرادىن 48 سائەت كىرىشىنى ۋاقتىنچە چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما ئەنگىلىيەگە بارىدىغان خادىملار ۋە قاتناش ترانسىپورتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ فرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلىسې سارىيىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەڭ تېز بولغاندا 22-فېۋرالدىن باشلاپ ئەنگىلىيەدىن فرانسىيەگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدىغان ئاممىنىڭ ۋىروسىنى تەكشۈرىدىكەن.
كۇۋەيت خەلق ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 20-چېسلا چۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى تاج ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرىنىڭ كۇۋەيت تەۋەسىدە تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلق ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلاشقاندىن كېيىن كۇۋەيتنىڭ ئەنگىلىيەگە بېرىپ كېلىدىغان خەلق ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى توختىتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيەنى يۇقۇم خەۋپى يۇقىرى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، كۇۋەيتمۇ ئەنگىلىيەگە ئۇچۇشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى تۇنجى بولۇپ جاكارلىغان ئەرەب دۆلىتى دېدى.
04
بەزى دۆلەتلەر ئەنگلىيەدىن كەلگەن خادىملارنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
بۇلغارىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى چاڭئەن جېروف 20-چېسلا يېقىندا ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان بىر خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجىسمان زەھەرلىك تۈپىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى سائەت 17 دىن باشلاپ، ئەنگلىيەدىن كەلگەن بارلىق خادىملار (بۇلغارىيەلىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، بۇلغارىيەگە كىرگەندىن كېيىن چوقۇم 10 كۈن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشى كېرەك.
گىرېتسىيە پۇقرالىرىنى قوغداش مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى:« شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت ئالتىدىن باشلاپ، ئەنگلىيەدىن كەلگەن بارلىق كىشىلەر گىرېتسىيە چېگراسىدىن كىرگەندىن كېيىن، بىردەك يەتتە كۈن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر يەنىلا ئەسلىدىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، يەنى گىرىتسىيەگە كىرگەندىن كېيىن مەجبۇرىي ئۈچ كۈن ئايرىۋېتىشى كېرەك.
05
بەزى دۆلەتلەر ئايروپىلانلىرىنىڭ ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغانغا قەدەر ۋاقتىنچە توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 20-دېكابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: « ئەنگلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆرۈلگەن يېڭى تاجىسىمان يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يېڭى ئەھۋالى سەۋەبىدىن، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ، شىۋېيتسارىيە بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان ھاۋا قاتنىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، تاكى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغانغا قەدەر.» بۇ جىددىي تەدبىر مۇناسىۋەتلىك ئايرودروم، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىقلارغا ئۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 20-دېكابىر يېرىم كېچىدە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىدا، تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە، گوللاندىيە، دانىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىغا قاتنايدىغان خەلق ئاۋىئاتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغانغا قەدەر ۋاقتىنچە توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، پەقەت پورتۇگالىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ياكى شۇ دۆلەتنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتىگە ئىگە يولۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەدىن پورتۇگالىيەگە كىرىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار چوقۇم يېتىپ بارغاندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مەنپىي ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.
06
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تاج ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرى توغرىسىدا زىچ ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئەەنگلىيە بۇ خىل يېڭى تاج ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئۇچۇرى ۋە ئانالىز نەتىجىسىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئاممىنى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى ئالاھىدىلىكى ۋە تەسىرى جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى ئۆزگەرگەن تۈر باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، نۆۋەتتە ئەڭ جىددىي خىزمەت بۇ ئۆزگەرگەن تۈر ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.»
ئەنگلىيە بىئومېدىتسىنا ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئاللېن ۋىلسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئەڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان يېڭى تاجىسمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش رېئاكتىپى يېڭى ۋارىيانتنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىيەلەمدۇ-يوق، ھەمدە دەسلەپكى زەھەر تۈپى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان ئانتىتېلا يېڭى ۋارىيانتقا ئوخشاش دەرىجىدىكى ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلالامدۇ-يوق.»
بىرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكرو ئورگانىزم گېن گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسى ئاللېن ماكناللى مۇنداق دېدى:«تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ يېڭى زەھەر تۈپىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ خىل زەھەرلىك تۈپكە نىسبەتەن سوغۇققانلىق ۋە ئەقلىي قاراشنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ ۋىرۇسنىڭ نورمال تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانى. مۆلچەرىمىزچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ۋارىيانتلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي يوقىلىدۇ. »
ئەنگلىيە مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ لوندون رەئىسى دوكتور گارى مارلو مۇنداق دېدى: « لوندوندا خىزمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېقىنقى مەزگىلدە ۋىرۇس تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان بىمارلارنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بايرامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى تېخىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.»
【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
EMINBIZ
总阅读
0
粉丝
0
内容
0