大数跨境

ھىندىستانلىق چولپان بىلەن توي قىلغان جۇڭگولۇق يىگىت

ھىندىستانلىق چولپان بىلەن توي قىلغان جۇڭگولۇق يىگىت EMINBIZ
2021-05-08
2



جۇڭگولۇق يىگىت نورمان خو ئاخىرى چىن مۇھەببەتكە ئېرىشتى، ئۇ كەسىپتىلا ئەمەس، يەنە مۇھەببەتتىمۇ نەتىجە قازاندى. ئۇ توققۇز يىل تىرىشچانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ھىندىستانلىق چولپان بىلەن توي قىلدى، ئۇلارنىڭ تويى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ھىندىستاننىڭ بومبايدا جۇڭگولۇق ئاشپەز نورمان خو بىلەن ھىندىستانلىق ساھىبجامال چولپان بېنناۋ داداكەندى توي قىلدى، بۇ يىگىت توققۇز يىللىق تىرىشچانلىقى بىلەن ئاخىرى بۇ ئايال چولپان بىلەن توي قىلدى. ئۇلار چوڭ تىپتىكى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يېقىن دوستلىرىنى تويىغا گۇۋاھ قىلدى.

بېنناۋ بومبايدا ئالقىشلانغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «Baaf Bahoo Aur Baby» دا رول ئېلىپ تونۇلغان. نورمان خومۇ بوش ئەمەس، ئۇ ئاددىيلا بىر ئاشپەز بولۇپ قالماي، يەنە بومبايدا بىر تاماقخانىسى بار.

بېنناۋ چولپان بولغاچقا تويغا كۆپ ئادەم كەلدى، بىر قىسىم كىنو ساھەسىدىكى كىشىلەرمۇ قاتناشتى. بۇنىڭدىن سىرت نورمان خونىڭ يېقىن دوستلىرىمۇ كەلدى، ھەممەيلەن بۇ بەختلىك پەيتكە گۇۋاھ بولدى. بېنناۋدىن يولدىشى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى سورالغاندا ئۇ ياق، ھازىرقى خىزمىتىم ھىندىستاندا، ئالدىراپ ئايرىلالمايمەن دېگەن.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307