
ساغلاملىقىڭىزغا ئەمىن بىز ھەمراھ
كونىلاردا « يىڭنە سانجىپ ، لوڭقا قويغاندا كېسەلنىڭ يېرىمى ساقىيىدۇ » دەيدىغان گەپ بار . لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش جۇڭيى تېبابىتىدىكى بىر خىل ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ ، بىئاراملىق ۋە چارچاشنى تۈگىتىپ، بەدەننى تەڭشەيدۇ، كىشىلەر لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالىغاندىن كېيىن راھەت ھېس قىلىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بەزى ئوقۇرمەنلەر لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىنتايىن چارچاش ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتە بولۇپ، دائىرىلىك قان قېيىش ئارقىلىق يەل ھەيدەپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. ئەمما لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالىغاندا تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، ياڭچى (جۇڭيىدا) ئاسان سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولمىسا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئادەمنى چارچىتىپ، سوغۇقتىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا كوللاپس (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدە يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى) قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇدىر ۋىراچ ما لىشىن تۆۋەندىكىدەك كۆرسەتمە بەردى:
1. لوڭقا قويغۇزغان ۋاقىت 5-10 مىنۇتقىچە بولۇش كېرەك. ئەسلىدىنلا قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بارلار لوڭقا قويۇش ۋاقتىنى بەش مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۆزىنى چارچىتىۋالىدۇ.
2. سىيرىپ داۋالىغاندا ئازراق سىيرىغان ئىز كۆرۈلسىلا كۇپايە، كۈچەپ سىيرىپ قىزارتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
3. لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، لوڭقا ئىزى ۋە سىيرىلغان ئىز يوقاپ كەتكەندە ھەپتىدە بىر قېتىم قىلىش كېرەك.
4. بەدىنى ئاجىز، جىگەر ۋە بۆرىكىدە مەسىلە بارلار، دىيابېتلار ۋە تېرە ئاستى ئاسانلا قانايدىغانلار لوڭقا قويدۇرۇپ، سىيرىپ داۋالاشقا ماس كەلمەيدۇ.
5. قورساق توق ۋە ئاچ ھالەتتە ھەمدە قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن لوڭقا قويدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر لوڭقا قويدۇرغان بولسا شۇ ھامان يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ، ئارىلىقتا ئىككى سائەت ئۆتكۈزۈش كېرەك.
6.تۇنجى قېتىم لوڭقا قويدۇرغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ قالايمىقان لوڭقا قويدۇرماسلىق كېرەك.







