
1
سىتەيلون 75گە كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
شۇ يەر ۋاقتى 6-ئىيۇل سەيشەنبە، سىئېرۋېستىر سىتەيلون (Sylvesterr Stallone) ئۆزىنىڭ 75 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، سىتەيلون Instagramm ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن تورتى، ئايالى ۋە ئۈچ قىزى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.
تۇغۇلغان كۈن تورتىنى چېنىقىش ئۆيىدىكى بىر دوستى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان بولۇپ، تورتنىڭ ئۈستىگە سىتەيلوڭنىڭ رەسىمى بېسىلغان، ئۈستىگە: « تولغىما ئۇسسۇل ئوينايلى، 75 ياش! تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! » دەپ يازىدۇ سىتەيلون ئۆزىنىڭ تورت كۆتۈرۈۋالغان تېمىسىنى ھەمبەھىرلىگەندە: « مەن چېنىقىش ئۆيىگە كىردىم، بۇ دەل مېنى ساقلاپ تۇرغان نەرسە. مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەردىن بەك مىننەتدار، مېنىڭ تۇرمۇشۇم شۇنداق مول! » دەيدۇ.

بىراق، دوستى سوۋغا قىلغان تۇغۇلغان كۈن تورتىغا سېلىشتۇرغاندا، سىتەيلون ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان بەختلىك مىنۇتلارنى تېخىمۇ قەدىرلىدى. سىتەيلون ئېلان قىلغان پۈتۈن ئائىلە سۈرىتىدە، ئۇنىڭ ئايالى جېننىفېر فرايۋېن ۋە 24 ياشلىق قىزى سوفىيا، 23 ياشلىق قىزى سىستىن ۋە 19 ياشلىق قىزى سىكاررىلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. بۇ شېرىن ئائىلە سۈرىتىگە سىتەيلون مۇنداق دەپ يازدى: « مېنىڭ گۈزەل ئائىلەم مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ ياخشى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى! »

سىكاررى ئالدىنقى ئايدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈردى، سىتەيلون ئايالى ۋە باشقا ئىككى قىزى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دادىسىنىڭ 75 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، سىكاررىمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ تىلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ ھەمبەھىرلىگەن بىر پارچە ئائىلە سۈرىتىدە شوخلۇق قىلىپ مۇنداق دەپ يازدى: « دادا، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئەمدى تاماق ئەتمەڭ! » دېدى.

چوڭ قىزى سوفىيە بىلەن ئىككىنچى قىزى سىستىنمۇ سىتەيلونغا تۇغۇلغان كۈن تىلىكىنى بىلدۈردى، دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، سوفىيا ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ تاتلىق سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى. سىستىن دادىسىنىڭ روكىينىڭ رولىنى ئالغان قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلەپ ھەمدە: « دادا، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! مەن سىزنى سۆيىمەن! » دەپ يازدى.

2
سىتەيلوننىڭ تەلەپچان ئائىلە ئەزالىرى
سىتەيلون ھاياتلىقتا غەلبە قىلغۇچى، ئۈچ چىرايلىق قىزى ۋە يەنىلا دەرىجىدىن تاشقىرى جەزبىدار ئايالى بار، بىر ئائىلىدىكى بەش جان ئادەتتىن تاشقىرى تەلەپچان. 75 ياش ئەسلىدە چىچىغا ئاق كىرىپ مۈكچەيگەن بوۋاينىڭ يېشى بولۇپ، سىتەيلوننىڭ بۇ چوڭ مۇسكۇلى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى. مەيلى كىيىم كىيىش جەھەتتە بولسۇن، سىتەيلوننىڭ بەدەن شەكلىگە بولغان تەلەپچانلىقى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەندەك قىلاتتى.

ئەمەلىيەتتە ھازىر نۇرغۇن قىزلار ئورۇقلاشنى قوغلىشىۋاتىدۇ، لېكىن ساغلام بولغان مودا كۆز قاراش پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس، ئازراق مۇسكۇل سىزىقلىرى بولغان بەدەن شەكلى ئاندىن بىر قەدەر ساغلام بولىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ۋىجىك بەدەن ھازىرقى گۈزەل بەدەن شەكلىنىڭ ئۆلچىمىگە قارىغاندا تازا مۇكەممەل ئەمەس.

سىتەيلوننىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بەدەن شەكلىنى قوغلىشىدۇ، 75 ياشلىق سىتەيلونغا قارايدىغان بولساق بېلىنى مۈرىسى ئېگىلمىگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي ياش يىگىتنىڭ ھالىتى ئىدى. 52 ياشلىق ئايالىمۇ شۇنداق، بەدەن شەكلى ھەم چىرايى كىچىك قىزلارنىڭكىدەك بولۇپ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ.

3
سىتەيلوننىڭ ھوللىۋودتىكى تەسىر كۈچى زادى قانچىلىك؟
سىتەيلوننى ھوللىۋودتا تونۇمايدىغان ئادەم يوق، ئۇ ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغىمۇ نامى چىققان داڭلىق چولپان. 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. بەزىلەر چوقۇم ھازىرقىدەك نام قازىنىشىنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم شارائىتى ياخشى ئائىلىسى بار دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز راستتىنلا شۇنداق دەپ قارىسىڭىز ناھايىتى خاتالاشقان بولىسىز، سىتەيلون ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى نامراتلار رايونىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى بارلىق شان-شەرەپلىرىنى ئۆزى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن.

ئۇ مەكتەپتىكى مەزگىلدە تۇرمۇش راسخوتىنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان، مۇلازىمەتچى بولغان، سىرتتا مال ساتقۇچى بولغان. 1970-يىلى تۇنجى قېتىم كىنودا رول ئالغان، 1975-يىلى ئۆز ئىلھامىغا تايىنىپ« روكىي» نىڭ سىنارىيەسىنى يازغان، بۇمۇ سىتەيلون ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى.

بۇ كىنونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى سىتەيلوننى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى، ئەڭ ياخشى سېنارىست نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن. كېيىن ئۆزى يېزىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان« روكىي 2» مۇ كۈچلۈك ئىنكاسقا ئېرىشكەن.

1982-يىلى سىتەيلوننىڭ يەنە بىر كىلاسسىك فىلىمى« تۇنجى تامچە قان» قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ قۇرۇقلۇقتىمۇ قويۇلدى. بۇ كىنو سىتەيلوننىڭ داڭقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھوللىۋود كىنو ساھەسىدىكى ئورنىغا ئاساس سالغان.

سىتەيلوننىڭ ھوللىۋودتىكى تەسىر كۈچى زادى قانچىلىك؟ بۇ كلاسسىك ھەرىكەتلىك فىلىمنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. « 敢死队» ناملىق چاتما فىلىم سىتەيلوننىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى كىنولىرى بولۇپ، « 敢死队 2» ناملىق كىنونى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كىنونىڭ ھوللىۋودتىكى ھەرىكەت چولپانلىرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ.

سىتەيلون بىلەن تەڭ نام چىقارغان ئارنو دې شۋاسىنگېر، يەنە برۇس ۋىللىس، شاڭگې يۇنتون، دولف رونگېر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېيسون سىتانسون، سكوت ئاگىنس، جۇڭگونىڭ گۇمپا چولپىنى لى ليەنجيېمۇ دوستانە ھالدا ئىتتىپاقلىشىپ بۇ ڧىلىمدە رول ئالغان. بۇنچە كۆپ ھوللىۋود كىنو چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى سىتەيلون بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، بۇنىڭدىن سىتەيلۇننىڭ ھوللىۋود كىنوچىلىقىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ زورلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.



