ئۇخلاتمىدى غەملىرىڭ دۇنيا
قەلەمدە:ئاتۇش گۈلى خانقىز
.نىمىشقىكىن تۈگىمەيدۇ غەم
،بىرنى تاپسام يەنە بىرى كەم
.بىر بېشىمدا تۈمەنمىڭ ئەلەم
،ئۇخلاتمىدى غەملىرىڭ دۇنيا
،بەخىت ئىزدەپ تاپقىنىم ئەلەم
.ھەركۈن كىچە كۆزلىرىمدە نەم
،ھەمراھ ماڭا قەغەز ۋە قەلەم
.ئۇخلاتمىدى غەملىرىڭ دۇنيا
،پەرۋايىڭ يوق ئاھۇ-زارىمغا
.يا يەتكۈزمەي ئارزۇلىرىمغا
،ئازاپ سېلىپ مىسكىن دىلىمغا
،ماڭغان ھەربىر يولۇمدا داۋان
.زاۋاللىققا يۈزلەندى ئارمان
،شۇ ۋەجىدىن كۈنلىرىم يامان
،كۆزلىرىمدىن ئاقتى ياشلىرىم
.مىسكىنلىكتە قاتتى باشلىرىم
،شۇنداقمىدۇ مىنىڭ تەقدىرىم