

دۆلىتىمىزنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىر كەسپى دېگەندەك كۈچلەنمىگەن ۋاقىتلاردا، كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋەقەلىكىنىڭ قالتىسلىقى ۋە ئارتىسلارنىڭ كېلىشكەن، ساھىبجامال بولۇشى بىلەن بىر مەھەل دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داڭق قازاندى. بىراق دەسلەپكى مەزگىلدىكى كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك تېراگىدىيە بىلەن ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»، «جەننەتكە تۇتاشقان يول» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەڭ كىلاسسىكتۇر. تېراگىدىيە ۋەقەلىكىدىكى ئايال باش پېرسوناژ بىلەن ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاخىرىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىش ھەقىقەتەنمۇ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنىڭ ئۈلگۈسى. گەرچە بىز بۇلارنىڭ «قىلتاق» ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتلاردا «ھۆر-ھۆر» يىغلاپ كەتكەنلىرىمىزمۇ يالغان ئەمەس.

بىراق، 2004-يىلى ئوخشىمايدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئېكرانغا چىقىپ، ئىلگىرىكى تېراگىدىيە «قىلتىقى»نى بۇزۇپ، ئەركىن، خۇشال-خوراملىقنى ئاساس قىلغان ھالدا «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ» دېگەن كۆرۈنۈشنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭدا ئەر، ئايال باش پېرسوناژلار ئۇزاق مۇددەتلىك بىرگە تۇرۇش داۋامىدا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇشۇپ، ئەڭ ئاخىرقى خاتىمىسىمۇ كۆڭۈللۈك ئاياغلىشىدۇ، بۇ دەل ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان «رومانتىك داچا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى.
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېسەكمۇ بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ كورېيەدىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە تېخى ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە بىر مەھەل كورېيە شامىلىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ، دۆلىتىمىز كۆرۈرمەنلىرى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئالامەت ياقتۇرۇپ، ئەينى يىللىرى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىر قانچە قېتىمدىن كۆرۈپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، 14 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنداقتا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق تۆت پېرسوناژنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداقتۇ؟

لى يىڭزەي- Rain
Rainنىڭ تاماشا ساھەسىدىكى سالاھىيىتى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ كىنو-تېلېۋىزىيە، ناخشا ساھەسىدىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سەنئەتكار. يەنە كېلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. ناخشىچى سالاھيىتىدە بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ئۇ ناخشا ساھەسىدە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىپ، ھەرخىل ئۆزگىچە ئۇسسۇلى بىلەن ئاسىيا ئۇسسۇل شاھى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسىمۇ رېكورت يارىتىپ، پۈتكۈل ئاسىيادا بىر ئايدىن كۆپرەك چېمپىيون بولغان. ئۇنىڭ تەسىر كۈچى پەقەت كورېيەدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىگە تارالغان. ئاسىيا قىتئەسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن Rain ھەتتا ئامېرىكا مۇزىكا تەنتەنىسى مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ناخشا كېچىلىكىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، «دەۋىر ھەپتىلىكى»نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەھەتتە «رومانتىك داچا» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، ئەينى يىلى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىر قويۇلغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ «گازىر كۆز» كورېيەلىك ئەر ئارتىسقا مەپتۇن بولغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى كۆپ ئەمەس، بىراق مۇشۇ بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇنىڭ ئورنىنى تۇرغۇزدى. گەرچە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئالقىشقا ئېرىشش دەرىجىسى دېگەندەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا تەسىر كۈچىنى يوقاتمىدى.

Rainنىڭ ئايالى كورېيەدىكى داڭلىق تەبئىي ساھىبجامال كىم تاخې، ئۇ كورېيە تاماشا ساھەسىدىكى ئەلاچى، «جەننەتكە تۇتاشقان يول» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن داڭق قازانغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن يەنە «خارۋادتىكى مۇھەببەت» (爱在哈佛)، «مەلىكەم» (我的公主)، «لوڭ بايى» (龙八夷) قاتارلىقلار بار. ھازىر بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوماق قىزى دۇنياغا كۆز ئاچتى.

خەن جىئېن- سوڭ خيېكيو
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سوڭ خيېكيو سېنارىيە يازغۇچىسىنىڭ رولىنى ئالغان. قەرز بولۇپ قالغان دوستى ئۇنى ئالداپ، جۇڭگودىكى ساياھەتكە يولغا سېلىپ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئۆيىنى سېتىۋېتىدۇ. ئەينى يىلى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سېنارىيە كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرىغان. دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆي-مۆلۈك كىنىشكىسىنى ئېلىپ يەنە تېخى باشقىلارغا سېتىۋېتىشقا پېتىنىدۇ، مۇشۇنىڭدىنلا، سىنارېست كاللىسىنىڭ ئادەتتىكىدەك ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

سوڭ خيېكيو جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق ئايال ئارتىسنىڭ بىرى، جۇڭگولۇق مەستانىلەر ئۇنى ئەركىلىتىپ «خيېكيو» دېيىشدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ قاتناشقانلىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ھەممىلا جەھەتتىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت»، «رومانتىك داچا»، «شۇ يىللاردىكى قىشتىكى شامال»، «قۇياش ئەۋلادى»، «مېھمانسارايغا مۇھەببەت» قاتارلىقلار.

ئۇنىڭ ھەمكارلاشقان ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى لىنىيەدىكى ئەر چولپانلار بولۇپ، مەسىلەن، سوڭ سېيۇڭخون ۋون بىن، زو ئىنسۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش ئەۋلادى» دۆلىتىمىزدە يەنە بىر قېتىم كورېيە ئېقىمىنى قوزغاپ، بۇ ئارقىلىق ھەققىي سۆيگۈگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ھامىلدارلىق خەۋىرى تارقالدى، گەرچە بۇ خەۋەر دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا بۇ بىر جۈپلەرگە بەخت تىلەيمىز.

جياڭ خۇييۈەن- خەن ئۇنجوڭ
جياڭ خۇييۈەن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى تىپىك ئايال ئىككىنچى پېرسوناژ، چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى سەل-پەل «ئۇستاتلىق» قىلىپ قويىدۇ. ئۇ گەرچە لى يىڭزەينى ياخشى كۆرمىسىمۇ، بىراق بۇ مۇھەببەتتىن ھوزۇرلىنىپ يەنە شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزى بەختكە ئېرىشەلمىسە بۇ مۇھەببەت ئىزچىل مەۋجۇت بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. باشقا تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئايال ئىككىنچى پېرسوناژ ئۇنچىلىك ئەسكى ئەمەس. ئۇ ئىككەيلەننىڭ بىرگە بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلىپ يەنە داۋاملىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كېيىن خەن ئۇنجوڭ گەرچە بىر قىسىم ئالقىشلارغا ئېرىشكەن بولسمۇ، بىراق دېگەندەك داڭق قازىنالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە باشقا تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىغا قاتناشتى، بىراق دېگەندەك ياخشى باھالارغا ئېرىشەلمەي، ئارقىدىن، ھۆسن تۈزەتكەنلىكى شۇنداقلا ھاراققا بېرىلىدىغانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن بىراقلا چۈشۈپ، ھازىر تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىن يوقاپ كەتتى.

ليۇ مىنخېڭ- كىم سوڭسۇ
ليۇ مىنخېڭ بىلەن لى يىڭزەينىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ بەكرەك دۆلىتىمىزدىكىلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ. قويۇق قاشلىرى، يوغان كۆزى ئەينى ۋاقىتتا خېلى كۆپ مەستانە سىڭىلچاقلارنى رام قىلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇلايىم بەلگىلىك مېدىيا تەسىرى بار ئەر ئوبرازىنى يارىتىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىراق ھېسابلاپ كەلسەك، ئۇنىڭمۇ بىزگە كۆرۈنمىگىنىگە تۆت بەش يىلدەك بولدى.

ئۇنداقتا، سىز بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ياقتۇرامسىز، سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان كۆرۈنۈش قايسى؟ گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە مېنىڭمۇ قارشىمنى سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، لى يىڭزەي بىلەن خەن جىئېن توي قىلغاندىن كېيىن شېرىن ئاي ساياھىتىدە دېڭىزغا چىققاندا، لى يىڭزەي خەن جىئېنغا چاقچاق قىلغاندا، خەن جىئېن ئېھتىياتسىزلىقتىن دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا خەن جىئېن سۇ ئۈزۈشنى ئۇقمايمەن، قۇتقۇزۇڭلار دېگەندە، لى يىڭزەي ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى سۇغا ئاتىدۇ-دە، دەل مۇشۇ چاغدا، «تەقدىر» ناملىق ناخشا چىقىدۇ، راست گەپنى قىلسام، ھەر قېتىم شۇ كۆرۈنۈشنى كۆرسەم، باشقىچىلا ھاياجانلىنىپ كېتىمەن (ھا، ھا، ھا...)

