
8-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، شياۋمى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە CEOسى لېي جۈن 2021-يىللىق نۇتقىدا، شياۋمىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلدى، 2021-يىلى 2-پەسىلدە، شياۋمىنىڭ دۇنيا بويىچە يانفون سېتىلىش مىقدارى ئالمىدىن ئېشىپ، تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شياۋمىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ياۋروپادا تۇنجى قېتىم ئۆرلەپ، سامسۇڭ ۋە ئالمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

2021-يىللىق شياۋمى كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لېي جۈن شياۋمىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئېلان قىلدى: ئۈچ يىلدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇش.


لېي جۈن ئۈچ سائەت ئىچىدە شياۋمىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە نۇتۇقتىن كېيىن بايراقدار يانفون شياۋمى MIX 4، شياۋمى تاختا كومپىيوتىرى 5 يۈرۈشلۈك يېڭى مەھسۇلات، 77 سۇڭلۇق OLED شياۋمى تېلېۋىزورى ۋە 6 OLED شياۋمى تېلېۋىزور قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى.

لېي جۈن يەنە شياۋمى يان تېلېفونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يولىنى شىياۋمى10 يانفونى ئاچقان بولۇپ، تېخى ئەمدىلا بۇ يلنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ :« شىياۋمىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ئىشەنسەكلا، شىياۋمىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تايانساقلا، شياۋمىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى يولى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ»دېدى.



