
يېقىندا توردا خەلق پۇلىنىڭ ئەڭ چوڭى نېمىشقا پەقەت 100 يۈەن بولىدۇ، نېمىشقا 1000 يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىلمايدۇ؟ دېگەن تېما قىزغىن مۇنازىرە قىلىندى. ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزمۇ ئىلگىرى قىممىتى 100 يۈەندىن ئاشىدىغان قەغەز پۇل تارقىتىپ باققان. دۆلىتىمىزدە تۇنجى يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلغاندا، 12 خىل قىممەتتىكى خەلق پۇلى تارقىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بىر يۈەن، ئەڭ چوڭى 50 مىڭ يۈەن بولغان. كېيىن قەغەز پۇلنىڭ سوممىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەچكە، تاۋار ئوبوروتىغا پايدىسىز بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇل ناھايىتى تېزلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلغاندىن بېرى، ئېلىمىزدە تارقىتىلغان قەغەز پۇلنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى ئىزچىل 100 يۈەنلىك سوممىدا توختاپ، باشتىن-ئاخىر ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىز باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش 1000 يۈەنلىك چوڭ پۇل تارقاتمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن:
بىرىنچى، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر نەق پۇل ئىشلەتمەيدىغان بولدى، يانفون ئارقىلىق كۆچمە چىقىم قىلىش بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، مەيلى تورسودا سۇپىسىدا چىقىم قىلىش بولسۇن ياكى ئەمەلىي دۇكانلاردا مال سېتىۋېلىشتا بولسۇن، پەقەت تور بولسىلا، كۆچمە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كىچىك بولغاندا بىر پۇڭ، بىر مو، چوڭ بولغاندا مىڭ ياكى 10 مىڭ يۈەنلەپ چىقىم قىلغىلى بولىدۇ. كۆچمە چىقىم بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل ھەممىگە يىتىپ ئېشىپ، 1000 يۈەنلىك چوڭ پۇل تارقىتىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
ئىككىنچى، ئەگەر سوممىسى 1000 يۈەنلىك خەلق پۇلى بېسىپ تارقىتىلسا، تاۋار سودىسىغا پايدىسىز. ئەگەر سىز ماگىزىنغا بېرىپ نەچچە ئون يۈەنلىك تاۋار سېتىۋېلىپ، 1000 يۈەنلىك چوڭ پۇلدىن بىرنى چىقارسىڭىز، ئۇنداقتا سودىگەر ھەرخىل سوممىدىكى پارچە پۇللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا 1000 يۈەنلىك چوڭ پۇلنى پارچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەيلى خېرىدار بولسۇن ياكى سودىگەر بولسۇن، 100 يۈەنلىك قەغەز پۇلنى ئىشلىتىشكە ئەپلىك، 1000 يۈەنلىك خەلق پۇلى بولسا ئىنتايىن قولايسىز بوپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئۈچىنچى، ئەگەر 1000 يۈەنلىك پۇل بېسىپ تارقىتىلسا، بەزى ئىشلاردا كېلىپ چىقىدىغان زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. گەرچە دۆلىتىمىز ساختا پۇل ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى قاتتىق جازالىغان ھەمدە قەغەز پۇلنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز دائىم بەزى ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يۈز يۈەنلىك ساختا پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ نەچچە كۈنلۈك تىجارىتىنى بىكارغا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەگەر 1000 يۈەنلىك ساختا پۇل تاپشۇرۇۋېلىپ قالسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ ئېغىر زىيان تارتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ھەر ئايلىق مائاشىڭىز 5000 يۈەن بولسا، ئۇنداقتا ئېھتىياتسىزلىقتىن 1000 يۈەنلىك خەلق پۇلىدىن بىرنى يوقىتىپ قويسىڭىزمۇ، بۇ زىيان بەك چوڭ بولىدۇ. ئەگەر 100 يۈەنلىك قەغەز پۇل بولسا، بىر پارچىنى يوقىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئىقتىسادىي زىيان كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ.
تۆتىنچى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قەغەز پۇلىنىڭ سوممىسى بىر قەدەر چوڭ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باي-باياشات دۆلەت بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، ئافرىقىدىكى زىمبابۋېنىڭ قەغەز پۇلىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى 10 تىرىليون بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى تاۋارلارنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. شۇڭا تارقىتىلغان قەغەز پۇلنىڭ سوممىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئاسانلا پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ.
يىغىنچاقلىساق، خەلق پۇلىنىڭ ئەڭ چوڭى نېمىشقا پەقەت 100 يۈەن بولىدۇ، نېمىشقا 1000 يۈەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىلمايدۇ دېگەندە، ئەمەليەتتە، ئەگەر بەك چوڭ سوممىلىق خەلق پۇلى بېسىپ تارقىتىلسا، يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يانفون ئارقىلىق كۆچمە چىقىم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇل بېسىپ تارقىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. تېخىمۇ مۇھىمى، چوڭ سوممىلىق پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى ئاسان ئەمەس، سودىغا بەزى قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چوڭ سوممىلىق خەلق پۇلىنىڭ ساختىسى چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى 100 يۈەنلىك خەلق پۇلىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ.

