
يېقىندا دىلرابانىڭ كۆرۈلۈشى بىر كېچىدىلا بىرىنجى ئورۇنغا چىققان« سەن مېنىڭ شەرىپىم» دېگەن تىلىۋىزىيە تىياتىرنى كۆردۈڭلارمۇ، ئەسلىدە پەقەت بۇ فىلىمنىڭ باش رولچىسى دىلرابا بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرمەكچى بولغانىدىم، نەتىجىدە دىلرابانىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى مېنى قاتتىق جەلپ قىلدى!

شاڭخەي ساھىلىگە جايلاشقان 400كۋادرات مىتىرلىق بۇ ئۆينىڭ بىزىلىشىمۇ ئالاھىدە بولغاندىن سىرت، ئېسىل ئۆي جاھازلىرىمۇ دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ.

دىلرابا بىلەن ياڭياڭ باش رول ئالغان« سەن مېنىڭ شەرىپىم» دە ئالەم قاتنىشى ئىنژېنېرى يۈتۇ بىلەن ئايال چولپان چياۋ جىڭجىڭنىڭ 10 يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچراشقان مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

تىياتىردىكى داڭلىق چولپان چياۋ جىڭجىڭ يەنى دىلرابا رول ئالغان پىرسوناژنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيى بىر غېرىچ يەر ئالتۇندىنمۇ ئەزىز بولغان شاڭخەيگە جايلاشقان، 400 كۋادرات بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيدىن خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ بىر يۈرۈش ئۆي شاڭخەي رۇڭچۇاڭ بىنجياڭ 1-نومۇرلۇق قورۇدا بولۇپ، بازار باھاسى تەخمىنەن ھەركۋادرات مىتىرى 150مىڭ يۈەن ئىكەن، تورداشلار بەس-بەستە: دىلرابانىڭ تۇرالغۇسى چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئۆي ئىكەن، دېيىشتى.

ئۆي ئىچىنىڭ بېزىلىشى تېخىمۇ نەپىس بولۇپ، ھەر بىر كىچىك زىننەت بۇيۇمىنىڭ كېلىش مەنبەسى داڭلىق لايىھىلىگۈچىنىڭ ئۆي جاھازىلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرۈلگەن بۇيۇملار ئىدى.

دىلرابانىڭ چوڭ بىر قەۋەتلىك ئۆيى ئەنئەنىۋى شەكلىدىكى بىرنەچچە ياتاق، بىرنەچچە مېھمانخانىلىق ئۆي ئەمەس، 400 كۋادرات مىتىر بوشلۇقتا پەقەت بىرلا ئاساسىي ياتاق بار، قالغان قىسىمى، مېھمانخانا، تاماق يەيدىغان جاي، ئاشخانا، كىنو كۆرىدىغان ئۆي، مۇنچا، كىيىم ـ كېچەك ئۆيى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. كۆرۈش دائىرىسى كەڭ، دەرىزىلەرگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بالكون قويۇلغان بولۇپ، ئۆينىڭ يورۇقلۇقى، كۆرۈش دائىرىسى ناھايىتى ياخشى.

پۈتۈن گەۋدە ھازىرقى زامان + ئارىلاشما ئۇسلۇب بولۇپ، مودا بولغان ئاساستا بىر قىسىم ھال رەڭ ئېلېمېنتلىرى قوشۇلۇپ، ئايال باش پىرسوناژ چياۋ جىڭجىڭنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەنگەن.

دىلرابانىڭ تىياتىردىكى ھەشەمەتلىك ئۆيىنىڭ كۆرۈنۈشكە ئەڭ كۆپ بېرىلگىنى مېھمانخانا. مېھمانخانا ئۆيگە چۆكمە شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاشخانا بىلەن ئىككى پەلەمپەيلىك ئېگىزلىك پەرقى بار، ئايلانما شەكىلدىكى جازىنىڭ ھەم ئايرىش رولى بار، ھەم ئۆيدىكى نۇقتىلىق كۆرگەزمە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

پۈتكۈل مېھمانخانا ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى سافا رايونى بولۇپ، ئايلانما شەكىلدىكى يايسىمان چوڭ سافا تاللىنىپ، ئەتراپىغا بىر نەچچە سافا ئورۇندۇقى سەپلىنىپ، مېھمانخانىنى ئوراپ ئىللىق ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرۈلگەن. مېھمانخانىدىكى دىققەتنى تارتىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ 180 گىرادۇسلۇق ياي شەكىللىك سافا ئىتالىيە ئۆي جاھازلىرى ماركىسى Reflex نىڭ كىلاسسىك نۇسخىسى Segno يۈرۈشلۈك بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 100مىڭدىن ئاشىدۇ.


دېرىزە ئالدىغا قويۇلغان ھال رەڭ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئارزۇسىدەك ئورۇندۇققۇ دەيمەن.

بۇ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق ئاۋىستىرىيەنىڭ ئەڭ قەدىمىي زامانىۋى ئائىلە سايمانلىرى ماركىسى GTV نىڭ بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 30مىڭدىن ئاشىدۇ. پېلەك توقۇلما لايىھەسى بىلەن ھال رەڭ رەختلىك كىرىسلو بىرلەشتۈرۈلۈپ، قەدىمىي، نەپىس ۋە زامانىۋى، قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تاپقان.

سافا رايونىدىن دېرىزە تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك دېرىزە گۈزەل دەريا يۈزى ۋە تاشقى ساھىل مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدىغان بولۇپ، دېرىزە ئالدىدىكى رايونغا بىر قىسىم تېخىمۇ ئازادە ئۆي جاھازىلىرى ماسلاشتۇرۇلغان. بۇ سۈزۈك ئاسما ئورۇندۇق تورلاردىمۇ ئىنتايىن مودا بولغان بولۇپ، ئىلەڭگۈچ ئىچىدە، ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرسا نېمىدىگەن راھەت-ھە!

بۇ ئاسما ئورۇندۇق فىنلاندىيەلىك لايىھەلىگۈچىنىڭ ماركىسى Eero Aarnio بولۇپ، Bubble ئاسما ئورۇندۇقى دەپ ئاتىلىدۇ، سېتىلىش باھاسى 30مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ئاسما ئورۇندۇق 1968-يىلى لايىھەلەنگەن، ئەڭ دەسلەپتە لايىھىلىگۈچى ئەمەلىيەتتە بىر ئورۇندۇق لايىھەلىمەكچى ئىدى، نەتىجىدە، مۇۋاپىق تەگلىكنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلىقى بايقاپ بىراقلا ئاسما ئورۇندۇق قىلىپ لاھىيىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر قېتىملىق گۈزەل تاسادىپىيلىق Bubble ئاسما ئورۇندۇقىنى 50 نەچچە يىل مودا مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغان.

ئاسما ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىكى كۈچۈك ئورۇندۇقىمۇ ئوخشاش بىر ماركىدىن كەلگەن، سېتىلىش باھاسى 15مىڭ.

بۇ كىتاب جازىسى« بوشلۇقتىكى كىتاب جازىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆي جاھازلىرى لايىھەلەش دۇكىنى DWR (DesignWithin Reach) دىن كەلگەن. بۇ خىل كىتاب جازىسىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، جاي ئىگەللىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر قەۋەت ئايرىش تاختىسىنىڭ ئايلىنىش ئىقتىدارى بار.


دېرىزە ئالدىدا يەنە پەرق ئېتىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى يۇمىلاق ئاۋاز ساندۇقى B& Beoplay A9 بار،سېتىلىش باھاسى20مىڭدىن ئاشىدۇ، B& OBeoplay A9 نىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە بولۇپلا قالماي، شەكىل يارىتىشتىمۇ ئۆز ئالدىغا خاسلىق تىكلىگەن، ئاۋاز ساندۇقىنىڭ نۇسخىسىنى ئەركىن زاكاز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ لايىھە B& Beoplay A9 نى كۈچلۈك ئۈن-سىن ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە بەدىئىي ئۇسلۇبقا تولغان ئۆي جاھازلىرىغا ئىگە قىلدى.


كۈچۈك ئورۇندۇقنىڭ كەينىدىكى يان ئىشكاپ ھەم نەرسە ساقلاش بوشلۇقى، ھەم مېھمانخانا بىلەن دېرىزە ئارام ئېلىش رايونىنىڭ پاسىلى بولۇپ، ئىتالىيەلىك داڭلىق ماركا Lema دىن كەلگەن، سېتىلىش باھاسى 30مىڭدىن ئاشىدۇ.


تاماق يەيدىغان ئورۇن ئاشخانا ئۆينىڭ يېنىدىكى بالكونغا يېقىن تەرەپتە، ئومۇمىي لايىھە بىر قەدەر ئاددىي، بوشلۇق ناھايىتى چوڭ. ئاشخانىنىڭ ئاسما چىرىغى پۈتكۈل ئاددىي بوشلۇقتا كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى.

بۇ ئاسما چىراغ Michael Anastassiiades خىزمەت ئىشخانىسىدىن كەلگەن بولۇپ، دىلرابانىڭ ئۆيىدە بىراقلا ئىككىسى ئېسىلغان ئىىدى. باھاسى قىممەت بولۇپ، يەككە سېتىلىش باھاسىلا 100مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

دىلرابانىڭ ياتاق ئۆي ئۇسلۇبى ئاشخانا ۋە مېھمانخانىسىنىڭكىدىن كۆپ مۇلايىم، ئىللىق ھالرەڭ بولۇپ، كىشىگە ئىللىق، جىمجىت كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ. ياتاق ئۆي يۈرۈشلۈك ئۆينىڭ لايىھەسى بولۇپ، بىۋاسىتە تازىلىق ئۆيى ۋە كىيىم ـ كېچەك ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تازىلىق ئۆيى بىلەن ياتاق ئۆينىڭ ئەينىكى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، خىرۇستالدەك يورۇقلۇق تۇيغۇسى ئىنتايىن گۈزەل، ھەقىقەتەن ئايال چولپانلارنىڭ تازىلىق ئۆيى بولۇشقا مۇناسىپ.

ياتاق ئۆيدىمۇ چوڭ دېرىزە بار، دېرىزە ئالدىغا چاي شىرەسى ۋە ياتما ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئارام ئېلىش رايونى قىلىنغان.

كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتىكى ئەينەك چىراغ پارقىراق، سۈزۈك بولۇپ، كارىۋات بېشىغا قويۇلغان، كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بار، بۇ چىراغ چېخنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ماركىسى Brokis نىڭ Lightlin ئۈستەل چىرىغى سىستېمىسىدىن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 20مىڭدىن ئاشىدۇ.


تەخمىنەن ھېسابلاپ باقسام، ماقالىدە كۆرسىتىلگەن بۇ نەچچە تۈرلۈك نەرسىنىڭلا ئومۇمىي باھاسى 600مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ كىچىك شەھەردىكى بىر يۈرۈش ئۆينىڭ پۇلى بىلەن باراۋەر.

چياۋ جىڭجىڭ تىياتىردا داڭلىق ئايال چولپان بولغاچقا، بۇنداق ئۆيدە ئولتۇرالايدۇ، سېنارىيەسىمۇ ناھايىتى« رېئال تەسۋىر» ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەر باش پىرسوناژ، ئالەم قاتنىشى ئىنژېنېرى، تۇرىدىغان ئۆي ئىخچام كىچىك ئۆي بولۇپ، مېھمانخانا، كۇتۇپخانا بىر گەۋدىلەشكەن، ئاددىي ھەم ئىللىق ئىدى. ئۆي جاھازلىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ تىياتىرنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن دېيىشكە بولىدۇ. مەيلى ھەشەمەتلىك ئۆيلەر بولسۇن ياكى كىچىك ئۆيلەر بولسۇن، ئەمەلىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۈرەتكە ئالغان

