
TiVirsteتورى تەرجىمىسى:
ما يۈننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن يوقاپ كەتكىنىگە بىر مەزگىل بولدى، ما يۈن ۋە ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئىشىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

بۇگۇن بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئەلى بابا گۇرۇھى سودا ساھاسدە مونوپول قىلمىشىنى جازالاش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى.

ئەلى بابا گۇرۇھى ئۆزىنىڭ بازارنى ئىدارە قىلىش ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، سودا ساھاسدە مونوپول قىلغىنلىقى ئۇچۇن، 18 مىليارد 228 مىليون يۈەن جەرىمانە قويولدى!

« مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئاساسەن، 4- ئاينىڭ 10- كۈنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى چىقىرىپ، ئەلى بابا گۇرۇھىنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇدى ھەم 2019- يىلى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى سېتىش سوممىسى 455 مىليارد 712 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭغا سودا موممىسىنىڭ 4% بويىچە يەنى 18 مىليارد 228 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
بايا، ئالىبابامۇ ئىنكاس قايتۇردى:
بۈگۈن بىز« دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارنامىسى» نى تاپشۇرۇۋالدۇق، بۇ جازانى سەمىمىي قوبۇل قىلىمىز، قەتئىي بويسۇنىمىز. بىز قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەۋقەنى تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى جازاغا قارىتا، خەلق گېزىتىدا مۇنداق دېيىلدى:
بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەلى بابا گۇرۇھىنى جازالىسى، بۇ، كارخانا تەرەققىياتىنى بىر قېتىم قېلىپلاشتۇرۇپ توغرا يۆلىنىشكە باشلىشى، كەسىپ مۇھىتىنى بىر قېتىم تازىلاپ ساپلاشتۇرىشى، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى بىر قېتىم كۈچلۈك قوغدىشى. قېلىپلاشتۇرۇش تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئۈچۈندۇر، « يەڭ تارتىش» مۇ بىر خىل كۆيۈنۈش.

ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمېز.

بەزى باشلامچى كارخانىلار تۈرلۈك بايلىقلارنى مونوپول قىلىۋېلىپ، كىچىك تىپتىكى ياكى ئۇتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلىشىغا ياكى تاقىلىپ قاىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىېىدۇ. بۇ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك چارىسىدۇ. 

