大数跨境

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆيى بارلار كېيىنچە قانداق بولىدۇ

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆيى بارلار كېيىنچە قانداق بولىدۇ EMINBIZ
2022-01-15
0



ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئۆي باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈشكە باشلىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئۆي باھاسى %25.9، سىلوۋاكىيەنىڭ %18.6 ئۆسكەن، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە ئۆي باھاسى ئىلگىرىكىدىن %9.2 ئۆسكەن. لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە ئۆي باھاسى بۇ يىل زور كۆلەمدە تۆۋەنلىدى. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى تاۋار ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 59 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، 63 شەھەردە نىمكەش ئۆينىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلىگەن.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز، چۈنكى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ پايدا ئېلىش بوشلۇقى ئازلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى بىنالارنىڭ سېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئۆي ھايانكەشلىرىگىمۇ ئىنتايىن چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ، ئۆي ھايانكەشلىرى ئاساسلىقى بانكىدىن قەرز ئېلىپ، ئۆينى ئەرزان سېتىۋېلىپ، قىممەت ساتىدۇ، بۇنداق ئۆي ھايانكەشلىكى ئادەتتىكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، داڭلىق كارخانىچى ساۋ دېۋاڭ: دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتكىنى يالغۇز ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىلا ئەمەس، يەنە «ئۆي ھايانكەشلىرى»رىمۇ بار دېگەنىدى. ئۆي ھايانكەشلىرىنىڭ قولىدا نۇرغۇن ئۆي بار، ئەگەر ئۆي بازىرى تەڭشەلسە، قولىدىكى ئۆينى يا ئىجارىگە بېرەلمەي، يا ساتالماي ئىلكىدىلا تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنداقتا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، قولىدا ئىككى يۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆيى بارلار قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟

بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى توختاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ. ئىلكىدە كۆپ يۈرۈش ئۆيى بار ئائىلىلەر چوقۇم ئۆي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇلار پايدا ئالالايدۇ، ئەگەر ئۆي باھاسى ئۆسۈشتىن توختىسا ياكى تەدرىجىي تۆۋەنلىسە، كۆپ ئۆيى بار ئائىلىلەر پۇل تاپالمايلا قالماستىن، بەلكى ئۆينى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش تەننەرخىمۇ ئاز بولمايدۇ. مەسىلەن، ھەر ئايدا ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇش، يەنە خوجىلىق ھەققى تاپشۇرۇش دېگەندەك. بۇنداق ئەھۋالدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەسىلە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن يىراقنى كۆزلىگەندە، كۆپ يۈرۈش ئۆينى ئىلكىدە تۇتۇپ قالغاندا، پۇل تاپقىلى بولمايلا قالماي، يەنە نۇرغۇن خىراجەت چىقىم بولۇپ، ئۆي ھايانكەشلىرى چوقۇم زىيان تارتىدۇ.

ئىككىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى داۋاملىق ئاستىلايدۇ ياكى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، لېكىن بانكىنىڭ ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى ئىلگىرىكى %5 تىن، ھازىر %5.5 تىن %5.8 كىچە بولغان ئارىلىققا ئۆرلىدى. يەنى، بىر تەرەپتىن كىرىم تۆۋەنلەشكە باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلەشكە باشلىدى، بۇنداق بولغاندا ئۆي ھايانكەشلىرىنىڭ ھەر ئايلىق قەرز قايتۇرۇش بېسىمى چوقۇم بارغانسېرى ئاشىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەتتا ئىشسىز قېلىش ياكى كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆيدىن ۋاز كېچىپ، قەرز قايتۇرۇشنى ئۈزۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.

ئۈچىنچى، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، ئېلىمىزدە ئۆي-مۈلۈك بېجى يولغا قويىلىدۇ. بۇ يىل دۆلەت ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەگەر ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، كەلگۈسىدە ناھايىتى تېزلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. ئۆي-مۈلۈك بېجىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۆي ھايانكەشلىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈكنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىپ، ئۆي-مۈلكى كۆپ ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يىغىنچاقلىساق، كەلگۈسىدە ئۆي باھاسى ئۆسۈشتىن توختاپ، ئۆي پۇل تېپىش ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، ئۆي ھايانكەشلىكىنىڭ تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىرىم ئازىيىش بىلەن بىرگە، ئۆي قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلەيدۇ، نۇرغۇن ئۆي ھايانكەشلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، ئۆينى تۆكمە قىلىپ سېتىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشمۇ بارغانسىرى تەسلىشىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدرىجى كېڭەيتىلىۋاتىدۇ، بۇ سىياسەت ئومۇملاشتۇرۇلسا كۆپ يۈرۈش ئۆيى بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆي ئىشلىتىش تەننەرخى تېخىمۇ ئېشىپ، ئۆينى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0