大数跨境

كىيىم كىيگەندەبۇ16نۇقىتىغا دىققەت قىلمىسىڭىزقىرى كۆرۈنۈپ قالىسىز

كىيىم كىيگەندەبۇ16نۇقىتىغا دىققەت قىلمىسىڭىزقىرى كۆرۈنۈپ قالىسىز EMINBIZ
2021-05-08
1



 سىزنى ئەسلىدىكىدىن قىرى كۆرسىتىپ قويىدىغان كىيىنىشتىكى 16خىل خاتا ئۇسۇل!

يىللار ئاستا - ئاستا سىزنىڭ ياشلىقىڭىزنى ئىلىپ كىتىدۇ، بۇنى ئىنكار قىلمىساق بولمايدۇ .

 لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ سىزمەن قىرىپ قالدىم دەپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋىتىپ يۈرىيدىغان ۋاقىتلىرىڭىز ئەمەس.

ئەگەر يۈرۈش-تۈرۈش،كىيىم-كىچەككە سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز چوقۇم قارىماققا ئەمەلىي يېشىڭىزدىن تېخىمۇ قېرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ .

 بەزى ئادەملەربەك چوڭ بولغان كۆزئەينەك  تاقىۋالىدۇ، ياكى كەڭ ۋەياكى چوڭ، ئۇچىسىغا كىيىۋالغان ئاددىي - ساددا كىيىم - كېچەكلىرىگە قارىغاندا بۇ تېخىمۇ قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ .

 بەزى ئەقىللىق مودا ماھارەتلىرى ئارقىلىق ، سىز قارىماققا ئەمەلىي يېشىڭىزدىن  چوڭ كۆرۈنۈپ قىلىشتىن ساقلىنالايسىز.

 بىر قىسىم مودا ئېقىمى قارىماققا سىزنى تېخىمۇ چىرايلىق ، تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ!

 ئۇنداقتا سىز چوقۇم بۇ 16خىل خاتالىقتىن چوقۇم ساقلىنىشىڭىز كىرەك  .

1.يۇيۇنۇپ چىققاندىن كىيىن ئاپتاپقا بەك ئۇزۇن قاقلانماسلىق كىرەك.

ئەگەر سىز بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىرتتا ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقان بولسىڭىز ، ئىسىڭىزدە بولسۇن قۇياش نۇرى سىزنىڭ تېرىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ . سىزنىڭ تىرىڭىز قۇياش نۇرى ئاستىدا ، ئۆزىگە يىتەرلىك بولغان ئوزۇقلۇقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇڭا تېرىڭىزنى قۇياشتىن يىراق تۇتۇڭ.

 2، كەڭ كاستۇم - بۇرۇلكا شەكلدىكى كىيىملەرنى كىيىش. ئاياللارئوبراز يارىتىشتا مودا كىيىم-كىچەكلەر تۈرىدىن ئايرىلالمايدۇ  . 

بىر ئەرەنچە كاستۇم - بۇرۇلكىنى  كىيگەندە سىز  چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغاننى تاللىشىڭىز كىرەك، مۇۋاپىقنى تاللىسىڭىز سىزنى قارىماققا تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ .

3، نېيترال رەڭ ئىشتان پايپاق. 

 بۇ ئىنتايىن كونا رەڭ بولۇپ ، سىز قارىماققا خۇددى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ئالىي دەرىجىلىك كارخانا ئىچىدە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئىلۋاتقان 40ياشلار چامىسىدىكى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشىتىپ قويىدۇ.شۇڭا بۇخىل رەڭلىك ئىشتان پايپاقنى كىيىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك.

4.ئۇپىنى بەك كۆپ سۈركەشتىن ساقلىنىش كىرەك.

بولۇپمۇ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى چوڭ رەسىمگە چۈشكەندە .ئەگەر سىز بەك كۆپ ئۇپا سۈركىۋالسىڭىز ، سىزنىڭ يۈزىڭىزدە قېلىن بىر قەۋەت ھاسىل بولۇپ قالىدۇ  ، سىزنى قارىماققا تەبىئىي ئەمەستەك  ۋە چوڭ سۈپەت  كۆرسىتىپ قويىدۇ.

5، ئازادە ئىشتان .

بۇ ئىشتان قارىماققا راھەت بىلىنىدۇ ، ئەمما يارىشىملىق ئىشتان  ھەرگىزمۇ تار ئىشتان ئەمەس .گەرچە كەڭرى ئىشتان بولسىمۇ چوقۇم ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى بىلىشى كىرەك  .

 6. قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى. بۇنداق كىيىمنى كىيگەندە سىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزگە ماس كەلمىسە قارىماققا ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز ،شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا سىز  قارا رەڭلىك زەنجىرياكى ھالقا قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

 7، كونا پاسوندىكى كىيىم. 

گۈل - گىياھلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيگەندە ،بەك دىققەت قىلىش كىرەك. ئەكسىنچە، گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر ۋە زىلۋا كېسىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا سىزنىڭ فىگورىڭىزنى سەل كۆرۈمسىز قىلىپ قويىدۇ،بۇنداق بولغاندا باشقىلارغا ئاقىلانە تەسىر قالدۇرالمايسىز .

8.چىپ پادىچىلار ئىشتىنى. 

بۇمۇ خۇددى سىزئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدىغان كىيىملەردىن يىراق تۇرغانغا ئوخشاش بولۇپ، تار پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگەندىمۇ بەك دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك،سىزگە ماس كەلمىسە ھەرقانچە ياقتۇرسىڭىزمۇ كەيمەسلىكىڭىزلازىم.

 بۇسىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە  سىرىتقا چىققاندا سىزنى تىخىمۇ چوڭ ھەم كىلەڭسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ . 

9. كۆزقەلىمىنى قېلىن قىلىش. كۆزگە گىرىم قىلغاندا قېنىق رەڭلىك كۆز ‐ قەلىمى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك،بۇ ئاسانلا كۆز ئەتراپىڭىزغا قورۇق پەيدا قىلىپ قويىدۇ .شۇڭا كۆزگە كۆزقەلىمى ئىشلەتكەندە قانچە سۇس بولسا،شۇنچە تەبئىي چىقىدۇ،شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.

10. بۇلاپكا تاقاش.

بۇ خىل مودا ئالدىنقى ئەسىرگە تەۋە . شۇڭا سىزمۇ بۇنى شۇ دەۋىرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزبولىدۇ . مۇۋاپىق رەڭ  ماسلاشقان يارىشىملىق كىيىمگە ،  بىر تال يىڭنە سانجىشنىڭ ھاجىتى يوق . 

11، ئۇزۇن چاچ .

ئەگەر سىزنىڭ چېچىڭىز قۇيۇق ،ھەم ئۇزۇن بولىسا ئۇنداقتا سىز چېچىڭىزنى قىسقىراق كىسىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا تاشقى كۆرنىشىڭىزنى بىر ياش ياشارتىش كۆرۈنۈشىگە ئېرىشەلەيسىز  . ھەمدە ساتىراچ سىزنىڭ يۈز شەكلىڭىزگە ماس كېلىدىغان توغرا كېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزنى باشقىدىن گۈزەل سالاپەتكە ئىگە قىلىدۇ . 

12.، تۇتۇق رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ. لەۋ سۇرۇخ ۋە كۆز قەلىمى ئىشلەتكەندە ئوخشاشلا رەڭ تاللاشقا بەكرەك دىققەت قىلىش كىرەك ، قېنىق رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ بىلەن ئاغزى ئەتراپىڭىز قورۇق ۋە قۇرغاق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. نېيترال رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ گىرىمىڭىزنىڭ تەبىئىي ۋە ياش بولىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي يەنە سىرتقى كۆرۈنۈشتىمۇ سىزنى ئىنتايىن گۈزەل قىلىدۇ  .

13، قېلىن رامكىلىق قارا كۆزەينەك.

  قېلىن قارا رەڭلىك سۇلياۋ كۆزەينەكتىن ئاياللار يىراق تۇرىشى كىرەك.

 سىزنى قارىماققا ئەمەلىي يىشىڭىزدىن قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ . رەڭلىك رامكىدىكى ئەينەك بىر مەھەل ئەۋج ئالغان بولۇپ ،بۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ ،بىر يىلدا كىيىدىغان كىيىملىرىڭىزگە ماسلاشتۇرۇپ،بىرقانچە  جۈپ كۆزئەينەك ئىپ قويسىڭىز بولىدۇ،مەيلى خىزمەت كىيىمىڭىز بولسۇن ياكى ئادەتتىكى تۇرمۇش كىيمىڭىز بولسۇن ھەممىسىگە بۇنى ماسلاشتۇرالايسىز ، شۇڭا كۆزئەينەك ماسلاشتۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك .

14.قىلىن قىشلىق كىيىم.

قىشتا ھەددىدىن زىيادە كۆپ كىيىم كىيۋالسىڭىزبەك كىلەڭسىز كۆرۈنۈپ قالىسىز.بۇلار سىزنىڭ فىگورىڭىزنى نامايەن قىلىشتا سىزگە توسالغۇ بولىدۇ،شۇڭا ئۇخلاش كىيمىدىن باشقا كىيىمنى بەك قىلىن ھەم كەڭ كىيمەڭ.

15، توي كىيىمى .

 بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق بولسىمۇ ، ھەمدە سىزئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى،سىز ئۈچۈن ئەڭ  راھەت بولغىنى دەل سىزگە ئەڭ ماس كەلگىنى ھىساپلىنىدۇ. بەزى مۇراسىم كىيىملىرىدە سىزنىڭ فىگورىڭىز كىشى رازى بۇلغۇدەك ئاشكارىلاپ بولالماسلىقى مۇمكىن . شۇڭا، بىر قوش يۈزلۈك ئىلمە توقۇلما شەكلىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەك سىزگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ، بۇ سىزگە ئازادىلىك بېغىشلايدۇ . ئەمما بەك چاپلىشىپ تۇرىدىغاننى كىيىۋالماڭ ،بولمىسا سىزنىڭ قورسىقىڭىزنىڭ شەكلىنى سەت چىقىرىپ قويىشى مۇمكىن.

 16.بوينىغا قىسقا شارپا ئىسىش. بۇ بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى مودىغا تەۋە بولۇپ،بىرخىل قىسقا شارپا ئىسىش مودا ئىقىمىغا ئايلانغان.   ئەگەر سىز ھازىر بوينىڭىزغا بۇنداق شارپا ئارتىۋالسىڭىز، سىزدە بىر كونا تاشقى كۆرۈنۈش پەيدا قىلىپ قويىدۇ .



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307