1.ماركس
ماركس 1818- يىلى گىرمانىيەدە تۇغۇلغان. «كاپىتال نەزەرىيەسى» «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» قاتارلىقلارنى يېزىپ چىققانلىقى ماركسنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئۇتۇقى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسىەتكىنى «كاپىتال نەزەرىيەسى». ماركس «سىياسىي ئىقتىساد تەنقىدى» پىرىنسىپىنى ئوتتۇرغا قويغان.ماركس بۇنى «سىياسىي ئىقتىساد قائىدىسى» دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ماركسنىڭ ئىدىيىسىگە ئاساسەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى بارلىققا كەلتۈردى، سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى بولۇپ سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇردى. ماركس مۇئەييەن دەرىجىدە پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنى تۇنجى قېتىم بىرلەشتۈردى. ئۇنىڭدىن سىرت ماركس كىشىلەرگە يەنە يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. 1999-يىلى 9-ئايدا ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) «مىڭ يىللىق مۇتەپەككۇر ئالىملار» نى باھالاپ چىققان بولۇپ ماركس بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
2.فولويد
فلويد 1856-يىلى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىدە تۇغۇلغان. 1873-يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1881-يىلى تېببىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1882~1885-يىلىغىچە ۋيېنادا ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدا دوختۇرلۇق قىلغان، مېڭە ئاناتومىيىسى ۋە پاتولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. فولويىدنىڭ ئەڭ داڭ چىقارغىنى پىسخولوگىيە تەتقىقاتى بولۇپ،ھازىرقى زاماندىكى ھەر قانداق پىسخولوگىيە تەتقىقاتى فولويىدنىڭ تەتقىقاتىدىن ئايرىلالمايدۇ. پىسخولوگىيە دە فولويدنىڭ تەتقىقات چوقۇم ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مەزمۇن. 1930-يىلى فلويد گيوتې مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1936-يىلى ئۇ ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمىىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. فىلويىدنىڭ تەتقىقاتى 20-ئەسىردىكى غەرب ئادىمىيەت پەنلىرىنى مۇھىم نەزەرىيىۋى تۈۋرۈك بىلەن تەمىنلىدى.
3.ئېينشتېين
بىز ھەممىمىز ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىلىمىز. ئېينىشتىيىن بۇ ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئېينىشتىيىننىڭ پۈتۈن فىزىكا دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئىنتايىن زور. لېكىن ئېينىشتىيىننىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىگە قوشقان تۆھپىسى. ئېينىشتىيىن پۈتكۈل فىزىكا ساھەسى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىدە داۋالغۇچ خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى. ئېينىشتىيىندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ شەيئىلەرگە بولغان قارىشى ئۆزگىرىشكە باشلاپ ئىنسانلار ئىدىيە جەھەتتە بىر قېتىملىق ئازادلىققا ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ. ئبينىشتبين گالىلېي، نيۇتونلاردىن كىيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى دەپ ئبتىراپ قىلىنغان. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېينىشتېين ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن «ئەسىر ئۇلۇغ شەخىس» دەپ باھالانغان.
4.ۋون نېۋمان

ۋون نېۋمان 1903- يىل 12- ئاينىڭ 28- كۈنى تۇغۇلغان، ئەسلى يۇرتى ۋېنگىرىيە. بۇداپېشت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا دوكتورى. 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ماتېماتىكلارنىڭ بىرى. ھازىرقى زامان تاكتىكا نەزەرىيىسى، كومپيۇتېر، يادرو قورالى ۋە بىئوخىمىيىلىك قورالى قاتارلىق ساھەلەردىكى تالانت ئىگىسى. كېيىنكىلەر ئۇنى «كومپيۇتېر ئاتىسى» دەپ ئاتىغان.ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1930-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئۇ ئېلېكترون رەقەملىك كومپيۇتېر تەتقىقاتىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئادەم مېڭىسى ۋە كومپيۇتېر سىستېمىسى توغۇرلۇق «كومپيۇتېر ۋە ئادەم مېڭىسى» دېگەن ئەسەرنى يازغان.



