
بۇلتۇردىن ھازىرغىچە ئاشلىق مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق ئىمپورت قىلىدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاشلىق ئېكسپورتىنى قاتتىق تىزگىنلىگەچكە، يەر شارىدا ئاشلىق مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاشلىق باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى.
دۇنيا ئاشلىق باھاسى ئۆتكەن 10 يىلدا ئەڭ چوڭ ئۆسۈشنى باشتىن كەچۈردى. بەشىنچى ئايدا مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىك كۆرسەتكۈچى تەخمىنەن %40 ئۆرلىدى، نۇرغۇن دۆلەت ئاھالىلىرى چوڭقۇر تەسىرگە ئۇچرىدى. خەلقئارا ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيا بويىچە يېمەكلىك ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %6 تىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ سان 2019-يىلىدىكى %4.6تىن يۇقىرى بولغان. خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2021-يىلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ناچار بولۇشى مۇمكىن.
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، يەر شارىدىكى بەزى رايونلاردا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئىنتايىن روشەن بولدى، ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىسمەن رايونلاردا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى %20 تىن ئېشىپ كەتتى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولدى. يەنە ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، غەربىي ئافرىقىدا ئاساسلىق يېمەكلىك باھاسى ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن %40 ئۆسكەن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئېشىش نىسبىتى %20 تىن ئېشىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بىر قىسىم دۆلەتلەردە يېمەكلىك باھاسىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 200% تىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ تېخى ئەڭ يامان نەتىجە ئەمەس، كەلگۈسىدە يەر شارى ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىر نېمە دېمەك تەس.
2021-يىلى 5-ئايدا، دۇنيا بويىچە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى بولغان، 2021-يىلى 5-ئايغا قەدەر، دۇنيا بويىچە ئاشلىق باھاسى ئۇدا 12 ئاي ئۆسكەن بولۇپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۆسۈش ھېسابلىنىدۇ. 2020-يىلى دۇنيا بويىچە 55 دۆلەت، رايوندا ئاز دېگەندە 150 مىليون ئادەم ئاشلىق كىرىزىسىغا پېتىپ قالغان، بۇ يىل بۇ ئەھۋال داۋاملىق كۈچىيىشى مۇمكىن. «2021-يىللىق يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقا رايونىدا ئاشلىق كىرىزىسى كۆرۈلگەن ئادەم سانى 100 مىليونغا يېتىدىكەن.
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، بىر قىسىم ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرمۇ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى كونترول قىلدى، قانداقلا بولمىسۇن بۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىدىكى ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش تېخىمۇ مۇھىم، شۇڭا ئاشلىق ئېكسپورت باھاسى قىممەت بولۇپلا قالماي، تەلەپمۇ تېخىمۇ قاتتىق بولدى. بۇلتۇر 3-ئايدا، قازاقىستان بۇغداي ئۇنى، گازىر مېيى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرمۇ گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن يەر شارىدىكى كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى تەسىرگە ئۇچرىدى.
نۇرغۇن كىشىلەر دۆلىتىمىزدە ئاشلىق باھاسى مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆسۈپ كېتەرمۇ، ھەتتا ئېغىر دەرىجىدىكى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشى ئىنتايىن يېتەرلىك، باھا تېخىمۇ مۇقىم. دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاشلىق مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىگە، ئاشلىقنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىغا قاتتىق كاپالەتلىك قىلدى. ئېلىمىزدە ئاشلىقتىن ئۇدا كۆپ يىل مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىقنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇپلا قالماي، زاپىسىمۇ ناھايىتى يېتەرلىك.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ئېلىمىز جەمئىي 664 مىليون توننا ئاشلىق ئىشلەپچىقارغان، 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئاشلىق مىقدارى 474 كىلوگىرام بولۇپ، خەلقئارا بىخەتەرلىك سىزىقىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 669 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىپ، يەنىلا مۇقىم ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىمىزنىڭ زاپاس مىقدارىمۇ ناھايىتى يېتەرلىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىشىغا يېتىدۇ. دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىمپورت قىلىشقا تايانمايدۇ، ئاساسەن سويا پۇرچاق قاتارلىق ئاز بىر قىسىم ئاشلىقنى ئىمپورت قىلىدۇ، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق بازىرىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر ئېلىمىزدە ئاشلىق باھاسى ئىنتايىن مۇقىم، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە.

