بەدنىگەچۇشقنىڭ يۈركىنى كۆچۈرۈپ ئامان قالغان ئەر:دۇنيادىكى تۇنجى؟
EMINBIZ 
ھايات ھەممىمىزگە پەقەت بىرلا قىتىم ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاياتىڭىز خەۋپ ئىچىدە قالغىنىدا يۈركىڭىز توختاي دەپ قالغىنىدا ھايات قىلىشقا ئاماللا بولسا قىلىشقا تىرىشىمايدىغان ئادەم يوق ، بۈگۈن مەن سىلەرگە سۆزلىمەكچى بولغان كشىمۇ دەل شۇنداق ، ھايات قىلىش ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئەمەس بىر چۇشقىنىڭ يۈرۈكىنى كۆچۈرۈشكە مەجبۇربولغان كىشدۇر
ئەگەر سىزگە شۇنداق تاللاش كەلسە سز قانداق قىلغان بولاتتىڭىز؟
بۇ قانداقتۇر كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ېاكى ھىكايە ئەمەس، بەلكى يېقىندىلا ئامرىكىدا يۈزبەرگەن 57ياشقا كىرىپ قالغان دەۋىتنىڭ بەدىنىدە يۈزبەرگەن ھەقىقى ۋەقە
ئۇ ئاخىرىدا چۇشقىنىڭ يۈرۈكىنى كۈچۈرۈشنى تاللايدۇ
ئالدىنقى ھەپتە دەۋىت مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا چۇشقا يۈرۈكىنى كۆرۈېدى 3كۈندىن كېيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى
بۇ دۇنيا تارىخىدا يۈزبەرگەن تۇنجى ئىش
ئامرىكا مالىلەن ئونىۋرسىتىتىدىكى مىدىتسىنا ئىلمىدىكى يۈرەك كىسەللىكلىرى دوختۇرى گىففىت باش ئوپراتىسيە قىلغۇچى بولۇپ بۇمىسال پۈتۈن دۇنيادىكى مۇشۇنداق كىسەللىكلەرنى قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى بولىدىكەن
بىراق دەۋىت ئوپراتىسيە جەريانىنى ئويلىغىنىدا يەنىلا قۇرقىدۇ
ئۇ يۈرەك كىسىلىگە گىرىپداربولغاندىن كېيىن بۇ دوختۇرنىڭلا قولىدا داۋالىنىپ كەلگەن بولۇپ ئوپراتىسيەدىن ئىلگىرى 6ھەپتىدەك كىسەل كارۋىتىدا ياتاتتى ،
ئوغلىنىڭ ئىيتىشچە ئىلگىرى دادىسى بەكلا ساغلام بولۇپ بىراق ئۆتكەن يىلىلا تۇيۇقسىز يۈرۈكى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ
ھەتتا 3قەۋەتكىمۇ چىقالمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ
دوختۇر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھايات قىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ ئازلىقىنى ئيتىدۇ ، يۈرەك سۇقۇشى رىتىمسىزبولۇپ يۈرەك كۈچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلغىلى بولمايتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇنداق ئوپراتىسيە تىزىملىكىگە كىرەلمەيدۇ، چۈنكى دوختۇر ۋاقتنى ئۆتكۈزۈۋىتىپسز دەيدۇ ھەم دورا يىيشتىن توختايدۇ
بۇلارنىڭ ئۇ قەتئىيلا قوبۇل قىلالمايدۇ
بىراق دوختۇر ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭغا ھايات قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىرخىل ئوپراتىسيەنىڭ بارلىقىنى يەنى چۇشقىنىڭ يۈرۈكىنى كۈچۈرۈش ئوپراتىسيەلىكىنى ئىيتىدۇ
دوختۇر ئۇنىڭغا ئادەمنىڭ يۈرۈكىنى كۈچۈرەلمەيدىغانلىقىنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىراق چۇشقىنىڭكىنى كۆچۈرسە بولىدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ
ھەم بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئەزەلدىن يۈزبىرىپ باقمىغانلىقىنى ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىش كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ
دوختۇر ئۇچاغدا ئۇنىڭ سۆزىنى بىمارنىڭ چۈشۈنەيدىغان ياكى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتى ، چۈنكى دەۋىتنىڭ بۇسۆزلەرنى ئاڭلاپ بولۇپ دىگەن بىرىنچى سۆزى دەل مەن چۇشقىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرامدىم دىيىش بولدى
بىراق دەۋىت بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى
بۇقانداق ئۈمۈد بولسۇن ئىشقىلىپ ھايات قىلىشغا بىرزور ئۈمۈد ئىدى
ئوپراتسيەدىن بىركۈن ئاۋۋال ئۇ يا ئۆلۈشۈم كىرەك ، ياكى ھايات قىلىشم كىرەك ، مىنىڭ ياشىغىم بار، مەن بۇنىڭ قىيىن تاللاشلىقىنى بىلىمەن بىراق بۇ ئاخىرىقى تاللىشىم دەيدۇ
چۈنكى بۇ ئىش يەرشارىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ، بۇ ئوپراتىسيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىمۇ نامەلۇم ئىدى ، بۇ دوختۇرلارغىمۇ بىر زور بۆسۈش ھىسابلىناتتى
پۈتۈن ئوپراتىسيە 7سائەت داۋاملىشدۇ ، دوختۇرھەممە جەرياندا ئالدىراش بولىدۇ
چۈنكى بۇ دەۋىتنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ئاخىرىقى پۇرسىتى گەرچە ھايات قىلىشغا ئۈمۈد شۇنچىلىك ئازبولسىمۇ ، بەختكە يارشا ئوپراتىسيە ئوڭۇشلۇق بولدى ، چۇشقا يۈرۈكى دەۋىتنىڭ بەدىنىگە كۈچۈرۈلدى
چۇشقىنىڭ يۈرۈكى ئۇنىڭ يۈرۈكىگە ئايلاندى ، قارىماققا نۇرمال، بۇنىڭدىن دوختۇرلارمۇ خۇشال بولدى بىراق ھىچكىم ئەتە نىمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتى ، چۈنكى بۇ دۇنيا يۈزىدىكى تۇنجى ئىش
دەۋىتنىڭ ئوپراتىسيەدىن كىيىن سالامەتلىكى ياخشىلىنىدۇ ھىچقانداق بىنورمال ئالامەت يوق ئۇ يەنە نەپەسلىنىدۇ ، چۇشقىنىڭ يۈرۈكى بەدىنىگە كىرىىشى بىلەن بەدىنى قايىتدىن ئۈمۈدكە تولىدۇ ،ئامرىكىدا كۆچۈرۈلدىغان ئەزالارنىڭ سانى ھازىر قىسلىغان بولۇپ بىركۈندە 17بىمارلارلا ئاران ئوپراتسىيەگە ئورۇنلىشدىكەن شۇنچىلىك قىيىن شارائىتتا ئۇ يەنىلا ساقايدى
ئەگەر بۇخىل ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللانغاندا نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىكەن
1960-يىلى بىر شىمپەنزىنىڭ يۈرۈكىمۇ بىر بىمارغا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ بىراق ئاران 9ئاي ياشىغان
ئىلگىرى مەغلۇب بولغانلارنىڭ سەۋەبى بەدەندە چەتكە قىقىش ھەم بەدەنگە ماسلىشالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە غەلبە قىلىش ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ بىرسر، بۇقىتىم دوختۇرنىڭ چۇشقىنى تاللىشى چۇشقا شىمپەنزە ، ئورانگۇتانلارغا قارىغاندا بىقىلىشى ئاسان بولۇپ ئۇنىڭ ئەزالىرى 6ئايدىلا پىشقان ئادەملەرنىڭكىدەك چوڭلۇقتا بولىدىكەن
بۇقتىم كۆچۈرۈلگىنى بولسا ئامرىكا پەن تىخنىكا شىركىتىدا تەتقىقاتچىلار باققان چۇشقنىڭ يۈرۈكى بولۇپ بۇ چۇشقا 1ياشقا كىرگەن
ئۆتكەن 5يىلدا دوختۇرگىففىت چۇشقا يۈرۈكىنى 50 شىمپەنزىنىڭ بەدىنىگە كۆچۈرۈپ باققان بولۇپ بۇئارقىلىق كەلگۈسىدە ئادەملەرگىمۇ كۆچۈرۈش ئارزۇسىنى ئالدىن سناق قىلغان
بۇ بىمار دۇنيادىكى بىرىدىنبىرچۇشقا يۈرۈكىنى سالغان ئادەم بولۇپ ھىچكىم ئۇنىڭ قاچانغىچە بەدىنىدە كۈنەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ
بىراق دەۋىت ئۈچۈن ياشىغان بىركۈنى ئۇنىڭ يېڭىچە ھاياتلىق ئۈمۈدى
