
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرىغا:
گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2022 ـ يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

1. يېڭى يىلدا:2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 3 ـ كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

2. چاغاندا : 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىدىن 2 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 29-يانۋار (شەنبە) ، 30-يانۋار (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

3. چوكانتال بايرىمىدا:4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن 5 ـ كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى) شەنبە (ئىشلەيدۇ.

4. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا:4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن 5 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى) يەكشەنبە (، 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى) شەنبە (نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

5. تاڭزۇڭزا چاغىنى:6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن 5 ـ كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

6. تاۋۇز چاغىنىدا 10-سېنتەبىردىن 12-سېنتەبىرگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

7 دۆلەت بايرىمىدا:10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 7 ـ كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى) شەنبە (، 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى) يەكشەنبە (نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلار، تارماقلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
-گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى


