
شۇ يەر ۋاقتى 24-نويابىر، كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، BLACKPINK گۇرۇپپىسى ئەزاسى Lisa يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويولغان.

ئۇنىڭغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، گۇرۇپپىدىكى باشقا ئەزالارمۇ بارلىق پائالىيەتلەرنى توختاتتى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتتى. كۆڭۈل ئېچىشقا ئالاقىدار بارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ توختاتتى.

Lisa كورىيەدە تەرەققىي قىلغان تايلاندلىق مودا ئايال ناخشىچى، ئۇسسۇلچى.

Lisa نىڭ دۆلىتىمىز مەستانىلىرىمۇ ئالاھىدە كۆپ بولغاچقە، بۇ خەۋەر دۆلىتىمىز مەستانىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۇسسۇل يېتەكچىسى سۈپىتىدە قاتناشقان ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى« ياشلىقتا سەن بار ئىككىنچى پەسىل» ئۇنىڭ دۆلىتىمىز مەستانىلىرى ئارىسىدىكى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئاچقان.
Lisa نىڭ قارشى ئىلىنىشى ھەقىقەتەن يۇقۇرى!


ئىككى يىلدىن بۇيان ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن كورىيە ئاياللار ئۇسسۇل ئەتتىرتى Blackpinkk نىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Lisa ھەرگىزمۇ ئىشتىن سىرتقى ماھىر ئەمەس. ئۇنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇسسۇل ۋە ناخشا ئېيتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك.


ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز، مەلۇم بىر چولپاننىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن ھەيران قالماڭ، ئاكتىپلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈنۈملۈك ئايرىپ، ياخشى مۇداپىيە كۆرۈشكە چىڭ تۇرىشىمىز كىرەك.
بۇ خىل فىزىكىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى يەنىلا ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى، بولمىسا بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا، ئامېرىكىدىمۇ يېڭى بىر قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرمەيتتى. 

