大数跨境

دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق ھايۋان يەنە شىنجاڭدا بايقالدى

دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق ھايۋان يەنە شىنجاڭدا بايقالدى EMINBIZ
2021-11-06
1


ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قۇملۇقىدا ئۈچ بارماقلىق يۈرەك باشلىق يالمانتاقتاق (ساچقان) نى بايقايدۇ . ئۈچ بارماقلىق يۈرەك باشلىق يالمانتاقتاق (ساچقان) يۇمىلاق باشلىق، يۇمىلاق تەنلىك، شارسىمان« مائۇس» قۇيرۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ كۆرۈنۈشىلا شۇنچىلىك ئوماق.




ساياھەتچىلەر 29-ئۆكتەبىر شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە ئۈچ پەنجىلىك بىر يۈرەك باشلىق يالمانتاقتىقنى بايقايدۇ. ئۈچ پەنجىلىك يۈرەكسىمان باشلىق يالمانتاقتاق ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا چۆللۈك رايونىدىكى ئالاھىدە تۈر بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشى يۇمىلاق، قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، قارىماققا شارسىمان« مائۇس» دەك كۆرۈنىدۇ. 


ئۈچ پەنجىلىك يۈرەكسىمان باشلىق يالمانتاقتاق فىلىمى تارقالغاندىن كىيىن تورداشلانىڭ ئامراقلىنى كەلتۈرگەن.




 ئۈچ بارماقلىق يۈرەك باشلىق يالمانتاقتاق. بۇ خىل يالمانتاقتاق ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ تېنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يالمانتاقتاق ھىسابلىنىدۇ، يالمانتاقتاق تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 مىللىمېتىردىن ئاشمايدۇ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار جايلاردىكى قۇم بارخانلىرىدا ياشايدۇ.


 يېقىندا قويۇلغان كىنو قۇم بارخىنىدا بىز قۇملۇقتىكى غايەت زور قۇم قۇرتى بىلەن تونۇشتۇق

( كىنو قۇم بارخىنىدىكى قۇم قۇرتى)

ھازىر شىنجاڭنىڭ قۇم بارخانلىرىدىكى ئوماق يالمانتاقتاق ھەقىقىي تونۇپ باقايلى. 




ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ پەنجىلىك يۈرەك باشلىق يالمانتاقتاق« دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى » غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2013-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرنىڭ قىزىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.


 ئەلۋەتتە 

بۇ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ قۇملۇقىدا بۇنداق ئوماق ھايۋاننىڭ بايقىلىشى ئەمەس. 


2017 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇخبىر شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە، ئاھالىلەر ئۆي ئىچىدە ئۇزۇن قۇلاق يالمانتاقتاق (ساچقان) نى بايقىغان. كېيىن ئورمان ج خ ئىدارىسىنىڭ قوغدىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، نۆۋەتتە ئورمان ج خ ئىدارىسى ئۇزۇن قۇلاق يالمانتاقتاق بالىسىنى تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەن. 



ئاز ئۇچرايدىغان، نەسلى قۇرۇپ كېتىدىغان تۈرلەرنى قوغداشتا، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ ئوماق ھايۋانلارنى قوغدايلى. 

تارقىتىپ قويۇڭ.




【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0