大数跨境

بۇ ئۈچ چوڭ ساھەگە ئەڭ ياخشىسى يېقىن كەلمەڭ

بۇ ئۈچ چوڭ ساھەگە ئەڭ ياخشىسى يېقىن كەلمەڭ EMINBIZ
2021-11-14
2


ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئىقتىسادىي كرىزىسنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش ئۈچۈن، بازارغا 5 تىرىليون دوللار سالدى، بۇ دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دوللار بىلەن باغلانغان خەلقئارا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدا زور دەرىجىدە ئۆسۈش كۆرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر پۇل پاخاللىقى ئازابىنى يەتكۈچە تارتتى، روسىيە، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كېتىپلا قالماي، ھەتتا ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۆزىمۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتىنى تېتىدى، بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %5.3 كە يېتىپ، 13يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

ئىمپورت خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى ۋە دۆلەت ئىچىدە پۇلنىڭ ئارتۇق تارقىتىلىشىدەك قوش تەسىر تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزدە ھازىر تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تەييار ماي قاتارلىق ئېنېرگىيەنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەندىن باشقا، يەنە كۆكتات، تۇخۇم، تاتلىق سۇ بېلىقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىمۇ زوردەرىجىدە ئۆرلىمەكتە. ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىقلا پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ:

بىرى، مالىيە باشقۇرۇش ماھارىتىنى ئۆگىنىش كېرەك. گەرچە مالىيە باشقۇرۇشتىن كەلگەن پايدا نىسبىتىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى يېڭىشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پۇل پاخاللىقىنىڭ بايلىقىمىزنى چىرىتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. يەنە بىرى، كىرىمنىڭ ئۆسۈشىنى پۇل پاخاللىقى سۈرئىتىدىن ئاشۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستا بولسا، قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولىدۇ. ئۈچىنچى، قالايمىقان مەبلەغ سالماسلىق كېرەك. قالايمىقان مەبلەغ سېلىش نەتىجىسىدە مۈلۈك زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىدۇ.

بۇ يەردە بىز قانداق قىلغاندا بايلىقىمىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشمايمىز، بەلكى ھازىر قايسى ساھەلەرگە مەبلەغ سالماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا قايسى ئەگرى يوللارنى ئازراق ماڭغىلى بولىدۇ، ھەم بايلىقىمىزنىڭ خاتا مەبلەغ سېلىش سەۋەبىدىن زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دېگەننى تەھلىل قىلىمىز. تۆۋەندىكىلەر مەن يەكۈنلەپ چىققان ئۈچ چوڭ خەتەرلىك ساھە، بۇلارغا كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى يېقىنلاشماسلىقى كېرەك:

بىرىنچى، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنى تەرتىپكە سېلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى تېخىمۇ قېلىپلىشىپ، بۇرۇنقىدەك ياۋايىلارچە يېتىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ھازىر كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە زادى قانداق زىيانلىق تەرەپلەر بار؟

بىرى، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى چولپانلارنىڭ ئونمىڭلىغان مەستانىلىرى بار، بۇنداق جامائەت ئەربابلىرى ئەسلىدە توغرا ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىسى ۋە يېتەكچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى، ھالبۇكى، ھازىر كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكى قالايمىقان بولۇپ كەتتى، چولپانلارنىڭ يولدىن چىقىشى، قىممەت باھالىق فىلىم ئىشلەش ھەققى، كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىلىرى قاتارلىق قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئەھۋاللار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇردى، بۇ ھال ياشلارنىڭ قىممەت قارىشىنى خاتا يولغا يىتەكلەپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىرى، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى چولپانلار كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدۇ، ئۆزى ھېچقانداق ئىجتىمائىي بايلىق ياراتمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ كىرىمى ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى، يەنە كېلىپ ئۆزئارا بەسلىشىدۇ، ھەتتا تېخى كۆڭۈل ئېچىش شىركەتلىرى بىلەن يوشۇرۇن توختام تۈزۈپ، باجدىن قاچىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلىتىمىز يېقىندا كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى ناچار ئىستىللارنى قاتتىق تۈزەۋاتىدۇ. بۇ كەسىپ تەدرىجىي ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە، ئادەتتىكى كىشىلەر كۆڭۈل ئېچىش كەسپىگە مەبلەغ سالماسلىقى، بۇ ساھەگىمۇ كىرىپ قالماسلىقى كېرەك.

ئىككىنچى، مائارىپ-تەربىيىلەش ساھەسى. تەربىيەلەش كەسپى بۇرۇن كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ ئىدى، نەچچە سائەت دەرس ئۆتسىلا، نۇرغۇن پۇل تاپالايىتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلەپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇ پۇلنى خەجلەيتتى. لېكىن يېقىندا دۆلىتىمىز مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەشنى چەكلەشكە باشلىدى، شۇڭا، مەخسۇس دەرستىن سىرتقى تەربىيىلەش سىنىپى ئاچىدىغان تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ئېغىر كۈنگە قالدى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەش كەسپى بارا-بارا زىمىستان قىش پەسلىگە قەدەم قويدى. شۇڭلاشقا بىز ئەمدى بۇ ساھەگە ئارىلاشماسلىقىمىز كېرەك، بولمىسا مەبلەغ سېلىپ مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۆي-زېمىن كەسپى. مەيلى سىز ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالماقچى ياكى بۇ ساھەدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇڭ، چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ھازىر جايلار ئۆي-زېمىن سىياسىتىنى تەڭشەۋاتىدۇ، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە ئېلىمىزدە ئۆي-زېمىننى تەڭشەش-تىزگىنلەش قېتىم سانى 480 قېتىمغا يەتتى. بۇ يىل مەركىزىي بانكىمۇ ئۆي-زېمىن مەبلىغىنى قىسىشقا باشلىدى، ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ، شۇڭا سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىگە ماسلىشىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسىدا ھازىر بۆلۈنۈش كۆرۈلدى، جېڭجۇ، شىجياجۇاڭ، چىڭداۋ، جىنەن قاتارلىق جايلاردا ئۆي باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئۆي سېتىۋېلىپلا زور پۇل تاپىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى، كەلگۈسىدە ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە، ئۆي-زېمىن كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ قانچىلىك خەتەر ئېلىپ كېلىدىغىنى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم.

ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بانكىلىرى بازارغا توختىماي پۇل سالغاچقا، دۇنياۋى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۆلەت ئىچىدىمۇ پۇل پاخاللىقى باش كۆتۈرىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ كەسىپ سىياسەتنىڭ تەڭشىشى ۋە تىزگىنلىشىدە تۇرۇۋاتقان كەسىپ بولۇپ، يېقىنقى بىر مەزگىلدە مەبلەغ سېلىش خەتىرى بىر قەدەر چوڭ، پۇقرالار ئامال بار بۇ كەسىپلەرگە يېقىن كەلمەسلىكى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئېلىمىز ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ، مال باھاسى مۇقىملىشىشقا باشلىغاندىلا، ئاندىن بىر قەدەر پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىر كەسىپنى تاللىغاندا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0