جامىس يېڭى تاجىسىمان ۋىروس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى!
EMINBIZ 
جامىس يېڭى تاجىسىمان ۋىروس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى!
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، خۇرىن كوماندىسىدىن شۇم خەۋەر كەلدى، كوماندا ئورگان تەرەپ: جامىس ئىتتىپاقنىڭ ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى قوزغىتىش سەۋەبىدىن، بۈگۈن خۇرىن كوماندىسى ۋە پادىشاھ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جامىس بۈگۈن ئۈچ قېتىم يېڭى تاجىسىمان ۋىروسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم مۇسبەت چىققان، بىر قېتىم مەنپىي چىققان.
ئەسلى خەۋەرتۆۋەندىكىچە: جامىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن (ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى) ، خۇرىن كوماندا ئادىمى ئۇنىڭغا بىر شەخسىي ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ، جامېسنى لوس ئانجېلىسقا بىخەتەر قايتقۇزدى.
ئوخشاشلا بۈگۈن، بۇشىڭجى كوماندىسىدىن جاستىن خولدېر يېڭى تاجىسىمان ۋىروسىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولۇپ، كېيىنكى 10 كۈنلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن. 25-نويابىر خۇرىن بىلەن بۇشىڭجى نىڭ مۇسابقىىسى ئىدى. جامىس بىلەن خولدېر كۆپ قېتىم قارشى ئورۇندا تۇرغان. NBA نىڭ يۇقۇم مۇداپىئە بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەگەر توپچىلارنىڭ يېڭى تاجىىسىمان تەكشۇرۇشى مۇسبەت بولسا، ئاز دېگەندە 10 كۈن ئايرىۋېتىلىدۇ.