大数跨境

بەدەنگە ئالاھىدە پايدىلىق كۆكتاتلار

بەدەنگە ئالاھىدە پايدىلىق كۆكتاتلار EMINBIZ
2021-05-23
1


كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا بىز ھەركۈنى ھەرخىك رەڭلىك كۆكتات تۈرلىرىنى ئۇچىرتىپ تۇرىمىز، ئەمدى بىز تۆۋەندىكى 10 خىل كۆكتاتلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە ئورتاقلىشپ ئۆتىمىز.

1. پالەكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى- پالەك يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتقا تەۋە بولغاچقا ئەڭ ساغلام كۆكتاتلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان 30 گىرام خام پالەك بىز كۈندە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن  Aنىڭ 56% نى تەمىنلەيدۇ، يەنە كىلىپ سىزنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمىشىمىزدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن  K نى تۇلۇق قامدايدۇ، ئەمما كالورىيەسى  پەقەتلا 7 ئىكەن.

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، قېنىق يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار مەسىلەن پالەكنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدىكەن، دائىم پالەكنى يەپ بەرگەندە يۈرەكمۇ ساغلام بۇلىدىكەن.

2. كۈدە-ﻛﯜﺩﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﮔﯜﯕﮕﯜﺭﺕ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﭼﯘﺷﭽﺎﻥ ﻣﺎﻳﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻛﯜﺩﻩ ﭘﯘﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﭘﻮﻧﯩﻦ، ﻓﯩﻼﯞﻭﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﯧﻜﺮﻭﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﯜﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻛﯜﺩﻩ-ﺗﯘﺧﯘﻡ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﻰ، ﻛﯜﺩﻩ-ﮔﯚﺵ ﻗﯩﻴﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﻧﺸﯩﺮﯨﺴﻰ، ﻛﯜﺩﻩ- ﺗﺎﭘﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

3. يۇمغاقسۈت- ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯦﮕﯩﺪ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻗﻪﯞﻩﺗﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ C ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﭗ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﭖ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯘﻣﻐﺎﻗﺴﯜﺗﻨﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ «ﺑﯧﺰﻩﻙ» ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻮﺭﭘﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ.

4. سەۋزە-  سەۋزىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن  A مول بۇلۇپ، بىر ئىستاكان ( 128 گىرام)  سەۋزىدە  بىر كۈندە ئىھتىياجلىق بۇلىدىغان ئۇزۇقلۇقنىڭ كۆپ قىسمى بۇلىدىكەن،  ئۇنىڭ تەركىبىدە كاروتىن ۋە بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى خۇرۇچ بارئىكەن، سەۋزىدىكى ئۇچۇق ئاپلىسىنرەڭ راك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بىرىدىكەن، ئەمىليەتتە بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلشچە ھەر ھەپتىدە سەۋزە يەپ تۇرغان تەجىربىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپى بەش پىرسەنت تۆەنلىتىدىكەن.

5. كۆك چېچەكسەي- بۇ كۆكتات كىرسىت غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇنىڭ تەركىبىدە تىئو گىلوكوزا، رافانىن قۇشۇمچە ھاسىل بولغان تىئو گىلوكوزا بار ئىكەن، رافانىن ماددىسىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان، بىر تۈرلۈك ھايۋانلارغا ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتتا، رافاننىڭ سۈت بىزى راكى ھۈجەيرىلىرىنى كىچىكلەتكەنلىكى ۋە ساننى ئازايتقانلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇ چاشقان تىندىكى ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى توختاتقان.

6. سامساق- تەركىبىدىكى ئاكتىپ خىمىيىلىك بىرىكمە گارلىتىسىن بۇلۇپ، بۇ ماددا سامساقتىكى ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئۆسۈملۈك بىرىكمىسىدۇر، سامساق قان شېكىرىنى تەڭشەپ يۈرەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر تۈرلۈك ھايۋانلارغا ئېلىپ بىرىلغان تەتقىقاتتا، دىيابىت كېسىلى بولغان چاشقانغا سامساق مېيى ياكى دىئاللىىل تىرى سولىفىد قاتارلىق سامساق ماددىسى بىرىلگەن، ئىككى خىل سامساق ماددىسى بىرلىشىپ قان شىكىرىنى تۆۋەنلەتكەن ۋە ئىنسولىننىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

7. كاللەكبەسەي- باشقا يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارغا ئوخشاش كاللاكبەسەينىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داڭقى بار، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى، بىر ئىستاكان ( 67 گىرام ) كاللەكبەسەيدە زور مىقداردا ۋىتامىن  B  كالىي، كالتىسى ۋە مىس بار، ئۇ سىزنىڭ كۈندىلىك ۋىتامىن  K  S  A  ئېھتىياجىڭىزنى قامدايدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا يۈرەك ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.

8. كۆك پۇرچاق - كۆك پۇرچاق بىر خىل كىراخماللىق كۆكتات، بۇ ئۇنىڭ كىراخمالسىز كۆكتاتقا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى كاربوگىدرات ۋە كالورىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ، كۆپ مىقداردا يەپ بەرگەندە قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ تالاسى يۇقىرى بولۇپ، ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق مىكروپلارنى كۆپەيتىپ، ئۈچەي يولىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ  ساغلاملىقىغا تۆھپە قۇشىدۇ، بۇنىڭدىن سىرىت كۆك پۇرچاقتا ساپونىت مول بۇلۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان بىرىكمە ئۆسۈملۈك ھىساپلىنىدۇ

9. زەنجىۋىل- زەنجىۋىلنىڭ يىلتىزنى تاماققا قوشقانلىقى ئۈچۈن تەم خۇرۇچ قاتارىدا ئىشلىتىلدۇ، بىر نەچچە تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە زەنجىۋىلنىڭ كۆڭلى ئېلىشىشقا بولغان ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن، 12 تۈرلۈك تەتقىقات ۋە 1300 نەپەر ھامىلدار ئايالنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تىنچلاندۇرۇش دۇرىسىغا سېلىشتۇرغاندا، زەنجىۋىلنىڭ كۆڭلى ئېلىشىشنى تۆۋەنلىتىش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. زەنجىۋىلنىڭ يەنە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ، ياللۇغ كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار، مەسىلەن بۇغۇم ياللۇغى، بۆرە چاققىسى ياكى يەللىك بۇغۇم ئاغرىقى دىگەندەك.

10. تاتلىق ياڭيو- تاتلىق ياڭيونىڭ تەمى ياخشى بۇلۇپلا قالماي يەنە سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق، تاتلىق ياڭيونىڭ تەركىبىدە تالا بىرىكمىسى، ئاقسىل، كۆپ مىقداردا ۋىتامىن  S  ۋىتامىن  B6،كالىي ۋە مانگان بار، يۇقارقى 10 خىل كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچىسىنى ھىساپقا ئالمىغاندا داستىخىنىمىزدىن تېپىلىدىغانلىرى خېلى كۆپ، ھاياتىمىزنى قەدىلەپ، پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەيلى، يىيىشتىنلا ھۇزۇرلىندىغان بۇلۋالماي، ساغلام يەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرەيلى ، ھاياتنىڭ باشقا گۈزەللىكلىرىنى ھېس قىلىشقا تىرىشايلى.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307