
گۇاڭجۇ ئەمىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدىن بارچە دوستلارغا يېڭى يىللىق سالام!

بۈگۈن 2021-يىلى ئاخىرلىشىپ 2022-يىلىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ بىريىلمۇ يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشى سەۋەبىدىن سودا-تىجارەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن نېرى بولالمىدۇق.بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ھەممىمىزنىڭ كۆڭۈللەر خاتىرجەمسىز بولغان بىر يىل بولدى.

ئەمما ئىشەنچ بار يەردە ئۈمىت بار، يەنىلا نۇرغۇنلىرىمىز ئىشەنچىنى يوقاتماي، توختىماي ئۆز ساھەسىدە،دائىرىسىدە، كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىت نۇرى ئۆچۈپ قالغىنى يوق.
كۈنىگە قانچىلىغان شىركەت بارلىققا كىلىپ ، قانچىلىغان شىركەت يىقىلىۋاتقان كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە بازاردا ئاخىرغىچە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن پەقەت داۋراڭ ياكى قىقاس بىلەن بازارنى بېشىغا كىيگەن ئەمەس ، ئۈنۈم بىلەن ئەلنى قايىل قىلغان مەھسۇلات بولۇش كېرەك ، بۈگۈننىلا ئەمەس كىيىنلىكىنىمۇ ئويلىشالايدىغان ھەم ئىشلەتكەن خەلقنىڭ كىيىنلىكىگە ئىگە بولالايدىغان مەھسۇلات بولۇشى كېرەك.


بۇنىڭ ھەممىسنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەنگەن ئايسىما قارلىغاچ ئۇۋىسى جەۋھىرى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىمىز دەل مۇشۇنىڭغا لايىق مەھسۇلاتتۇر.
مەھسۇلاتىمىز بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى بىردەك ياخشى بوپ كىلىۋاتماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا ، شىركىتىمىزنىڭ قارمىقىدا گۇاڭدوڭدىكى ئۈچ دۇكىنىمىزدىن باشقا شىنجاڭدا بىرىنچى بولۇپ قەشقەردە ئايسىما خانىم قىزلار تېرە پەرۋىش ۋە كۈتۈنۈش مەركىزىمىز قۇرۇلدى.

خانىم قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ۋە ساغلاملىق جەھەتتىكى ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ 2022-يىلى شۇنىڭغا ئوخشىغان پەرۋىش كۈتۈنۈش مەركىزىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېچىلماقچى، جايلاردىن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىمىز.
15خىلدىن ئارتۇق تېخنىكا، تەربىيلەش مەھسۇلات ، مەسلىھەتچىلىك بىلەن تەمىنلەيمىز.

