大数跨境

سىزنىڭ يولدىشىڭىز،سىزنىڭ قىياپىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ!

سىزنىڭ يولدىشىڭىز،سىزنىڭ قىياپىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ! EMINBIZ
2022-03-25
1



توي قىلمىغان قىزلار خۇددى ئورمانلىقتىكى تىكىپ قويغان كۆچەتكە ئوخشايدۇ، بىر - بىرلەپ رەت - رىتى بىلەن تىزىلغان  . ياتلىق قىلىنغاندىن كىيىن،بىر ئەر بىلەن كۈن بويى بىللە ئۆتىدۇ  ، ئەر ئاياللارنىڭ تۇپراق كىلىماتى بولۇپ قالىدۇ . 


ئەگەر ئەر كىشىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالسا بوران - چاپقۇنلۇق،يەنى « نۆلدىن تۆۋەن 1 سېلسىيە گرادۇس »لۇق ھاۋاغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئايال كىشى چوقۇم سۇلغۇن نۇرسىز ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ ؛ ئەگەر ئەر كىشىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى يۇقىرى ، كۈن بويى خۇشخۇي ، سەۋرچان، نەسىھەت قىلغاندا سەمىمىي بولسا ، ئايال كىشى چوقۇم سىلىق-سىپايە  مۇلايىم بولىدۇ،خۇددى شاپتۇل چېچىكى ئىچىلغان باھارغا ئوخشاش . 

ئەرلەر ئادەتتە ئاياللارغا خارەكتىر يىتىشتۈرۈپ بىرىدۇ ، ياخشى ئەر ئاياللارنىڭ كەيپىياتنىڭ ، روھىي ھالىتى ياخشى بولىشىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ .

بىز دائىم بىزنى ياخشى كۆرىدىغان مۇھەببەتكە ئىنتىلىمىز .

بىر ئايال بىرئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇ كۆپ ھاللاردا شۇ ئەركىشىنىڭ تىپىدىكى ئادەم بولۇپ قالىدۇ، خۇددى«ياخشى ئادەمگە ئەگەشسەڭ،ياخشى نەرسە ئۆگىنىسەن »دىگەنگە ئوخشاش.

شۇڭا ئەگەر ئاياللار دېگەندەك گۈزەل بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا ئەر يېرىم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . 

ئەسلىدە مۇلايىم ئاياللار بارغانسېرى ئاچچىقلاشقا ئامراق بولۇپ قالسا ، چوقۇم ئۇنىڭ ئىرى يارىماس ، ھەم ئاياللارنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرقىلىپ قويدۇ . ئەسلىدە نازۇك ئاياللار، بارغانسېرى قوپال بولۇپ قالسا ، چوقۇم ئۇنىڭ ئېرى بەك توخۇ يۈرەك ، ئۇمۇ ئامالسىز مۇشۇنداق بولۇشقا مەجبۇربولغان .


ئەسلىدىلا ئىسىل يۈردىغان ئاياللار بارغانسېرى چاكىنا بولۇپ قالسا، چوقۇم ئۇنىڭ ئېرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس ، خۇددى« قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار »دىگەندەك .

ئەكسىنچە، ئەسلىدىلا ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ئايالنىڭ ، چىرايى بارغانسېرى ئوماق بولۇپ ، كۆزى ئۆتكۈر ، گەپ-سۆزدە بارغانسېرى نازاكەتلىك ، يۈرۈش - تۇرۇشتا بارغانسېرى سالاپەتلىك بولۇپ كەتسە،سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ، ئۇ چوقۇم بىر ياخشى ئەرگە يولۇقتى . 



ئەرلەرھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ گۈزەللىك ۋە سەتلىكى ئۆزىنىڭ ئىش دەپ قارىماڭ .

 ئۇنىڭ تەقى - تۇرقى ۋە گۈزەللىكىدە ، سىزنىڭمۇ يېرىم  تۆھپىڭىز بار ؛

 ئۇنىڭ چىرايلىق ئەمەسلىكىدە ، سىزنىڭمۇ يېرىم خاتالىقىڭىز بار . ئاياللار تۇغۇلۇشىدىنلا ئەرلەرنىڭ ئاسرىشىغا،ئەرلەرنىڭ كۆيىنىشىگە،ئەرلەرنىڭ سۆيىشىگە مۇھتاج. 


ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىن ئەرلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ، گەرچە مۇتلەق ئەمەس بولسىمۇ ، لېكىن چوڭ جەھەتتىن مۇنداق :

ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئېھتىياجى ناھايىتى ئاددىي پەقەتلا ئۈچ نەرسىدىن كىلىدۇ : 

1 . بىخەتەرلىك تۇيغۇسى؛

 2 . رومانتىكىلىق

 3. ئارزۇلاش ۋە بەزلەش .



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0