大数跨境

ھاياتلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان بۇ4ئىشنى نۇرغۇن كىشىلەر قىلىۋاتىدۇ

ھاياتلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان بۇ4ئىشنى نۇرغۇن كىشىلەر قىلىۋاتىدۇ EMINBIZ
2021-05-23
2

تۇرمۇشتا، خۇشالمۇ ياكى خۇشال ئەمەسمۇ،ھاياتلىقتىن رازىمۇ ياكى ئەمەسمۇ، بەختلىكمۇ ياكى ئەمەسمۇ بۇنى پەقەت ئۆزىڭىز ھېس قىلالالىسىڭىزلا بولدى! 

ھاياتلىقنى ئىسراپ قىلىدىغان بۇ4 ئىشنى نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرغىچە قىلىۋاتىدۇ: 

1. ئەنسىرەش 

ئەخمەق كىشىلەر ئۆزىنى تەڭقىسلىقتا قويۇپ، ھەر كۈنى ئۆزىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ، غەم - ئەندىشىگە سېلىپ ، ئۆزىنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ . 

تۇرمۇشتا ھامان ئۆزگىرىش بولىدۇ ، بوران - چاپقۇن بولىدۇ ، بۇنى ھېچكىممۇ ئالدىن پەرەز قىلالمايدۇ . 

 شۇڭا ، كۈندە غەم-ئەندىشىدە قالغاندىن كۆرە ، ھەر بىر كۈننى ئەركىن - ئازادە، تەبىئىي ، تەمكىن ھالدا ئۆتكۈزۈپ، ھەممە ئىشقا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەن ياخشى ، غەم بىلەن ئۆزىڭىزنى، قەلبىڭىزنى چۈشەپ قويماڭ . 

2. ئاغرىنىش 

قاخشاپلا ئۆتىدىغانلار خۇشاللىقتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىدۇ. 

مۇھىتقا نارازى بولۇش ، باشقىلارغا نارازى بولۇش ، تەقدىرگە نارازى بولۇش ، رېئاللىققا نارازى بولۇش، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە قارارىغا نارازى بولۇش... 


ئاغرىنىش سىزنىڭ كۈرەش كۈچىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، سىزنى پاسسىپ كەيپىياتقا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . 

بارلىق بوران - چاپقۇنغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ ، ھەربىر قارارنى قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. گەرچە بۇ جەريان جاپالىق بولسىمۇ ، يېنىكلىك بىلەن ۋاز كەچمەڭ. 

3. قاقشاش 

بىرەر ئىشقا يولۇققاندا، ئاۋۋال باشقىلارنى ئەيىبلەش؛ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئالدى بىلەن شارائىتىدىن ئاغرىنىش، بۇ بىر خىل پاسسىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . 

قاخشىغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى ئېنىق كۆرەلمەيسىز ، خاتالىقىڭىزنى ھېس قىلالمايسىز.


ئەقىللىق كىشىلەر ئاۋۋال  ئۆزىدىن جاۋاب ئىزدەشنى بىلىدۇ . 

مۇشۇنداق ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرگە يۈزلەنگەندىلا، ئاندىن ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ، تەجرىبىلەرنى ئاشۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشتا بارغانسېرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. 

4. سېلىشتۇرۇش 

تۇرمۇشتا خۇشال بولۇش - بولماسلىق ، قانائەتلىنىش - قانائەتلەنمەسلىك ، بەختلىك بولۇش - بولماسلىقنى پەقەت ئۆزىڭىز ھېس قىلسىڭىزلا بولدى. 

باشقىلار بىلەن توختىماي سېلىشتۇرۇشقا پېتىپ قالماڭ، باشقىلارنى دەپ ئۆز قەدىمىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرماڭ . 

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرسىتى ۋە بەختى بولىدۇ ، شۇنداقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغان ۋاقتى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرماسلىق كېرەك . 

باشقىلارنىڭ   تۇرمۇش   ئۇسۇلىغا   قارىغۇلارچە   ئەگىشىش ،   تەقلىد   قىلىش   ئارقىلىق   ئۆزىڭىزنىڭ   مەقسىتى ۋە  ئىنتىلىشىنى   ئۇنتۇپ قالماڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىنى كۆپرەك ئويلاڭ 



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0