大数跨境

رەقەملىك پۇل چىقىمدان ۋە ئۈندىدارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

رەقەملىك پۇل چىقىمدان ۋە ئۈندىدارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ EMINBIZ
2021-01-31
0
导读:رەقەملىك پۇل چىقىمدان ۋە ئۈندىدارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟


توۋتياۋ تورى خەۋىرى:

ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە چىقىم قىلىش بازىرى ئاساسەن ئەلى چىقىمدانى ۋە ئۈندىدار چىقىمدانى تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىندى. كىشىلەر كۆچمە ھەق تۆلەش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلارغا كۆنۈپ قالدى، تور بار ئەھۋالدا دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايلار كۆچمە ھەق تۆلەشنى قوللايدۇ. ئەقلىيفون كۆچمە ھەق تۆلەش ئۇسۇلىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم قىلدى، ھازىر نۇرغۇن ياشلار كۆچمە ھەق تۆلەشتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ، ئاساسەن نەق پۇل ئېلىپ سىرتقا چىقمايدۇ.

كۆچمە چىقىم قىلىش ھازىر جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى، ئالدىنقى مەزگىلدە تۆت چوڭ بانكا رەسمىي ھالدا رەقەملىك پۇل تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گەرچە ئېنىق ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، رەقەملىك پۇلنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇقەررەر يۈزلىنىش، ھەممە شۇنداق تېز يېتىپ كەلدى، بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەرنى ئۈندىدار ۋە ئەلى چىقىمدانى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

ئەگەر رەقەملىك پۇل كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشكە رەسمىي سېلىنسا، ئەلى چىقىمدانى ۋە ئۈندىدار بازىرى مەلۇم دەرىجىدە تارىيىدۇ. ئېلىمىز خەلقىنىڭ دۆلەت تارقاتقان نەرسىلەرنى ئىجرا قىلىش كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى مۇناسىپ بانكا ئىچىدە ساقلايدۇ، رەقەملىك پۇل بىلەن بانكىنىڭ بىۋاستە تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى چوقۇم تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، نىسپىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كەلگۈسىدە رەقەملىك پۇل ئىشلىتىشنى تاللىشى مۇمكىن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ بانكا رەقەملىك پۇلنى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رەقەملىك پۇل ئۈندىدار ۋە چىقىمداننىڭ ھېسابات يۆتكەش، چىقىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۇل قاچىلاش، پۇل ئېلىش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان. بۇنىڭ بىلەن خېرىدارلار بېجىرگەن بانكا كارتىسى بىلەن بىۋاستە ئېلىم-بېرىم قىلىشقا بولىدىكەن. ئەگەر كېيىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمىسا، نۇرغۇن ئابونتلارنى جەلپ قىلىدۇ.

سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، رەقەملىك پۇل ئاساسلىقى مۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

ئالدى بىلەن، رەقەملىك پۇلنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئەنئەنىۋى قەغەز پۇلنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، قەغەز پۇلنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش، لېكىن قەغەز پۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق، ئىشلىتىشتە ئانچە كۆپ چەكلىمىلىك يوق.

ئىككىنچىدىن، رەقەملىك پۇل ئومۇملاشتۇرۇلغان ھامان، ئەنئەنىۋى قەغەز پۇل ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ قېلىشى مۇمكىن، قەغەز پۇل ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ زور مىقداردا ماتېرىيال سەرپ بولىدۇ، ئەگەر رەقەملىك پۇل ئومۇملاشتۇرۇلسا ئىنتايىن كۆپ خام ئەشيانى تېجەپ قالالايدۇ.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0