
گۆھەرنىڭ قىممىتى مەڭگۈ يوقالماس،
كۆمۈلۈپ قالسىمۇ توپا - چاڭلارغا.
مېھرى - ۋاپانى دىللارغا پۈكۈپ،
باقايلى ئۈمىدلىك سېخىي تاڭلارغا.
ھورۇنغا شەپىسىز كېتەركەن يىللار،
ئامەت يار بولۇر تىرىشچانلارغا.
قۇتلۇق سەھەردە تىلىكىم بولسۇن،
جاپاكەش ، ئەزىز ، قەدىردانلارغا.
خەيىرلىك سەھەر ئەزىزلەر


