大数跨境

يۈرەك

يۈرەك EMINBIZ
2022-03-19
2


ساغلاملىقىڭىزغا ئەمىن بىز ھەمراھ

يۈرەكنىڭ ئوزۇقلۇقى نەدىن كېلىدۇ؟



يۈرەك توختىماي سوقۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ۋە ئېنىرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا قان تومۇر سېستىمىسى يۈرەكنىڭ ئوزۇقلۇق توشۇش يوللىرى ھېساپلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تاجىسىمان ئارتېرىيە ھەم ۋېنا قان تومۇرىدۇر.تاجىسىمان ئارتېرىيە ئوڭ ئارتېرىيە، سول ئارتېرىيە دەپ ئىككىگە بۈلۈنگەن بولۇپ
، غول ئارتېرىيەنىڭ تۈۋىدىن ئايرىلىپ چىققان ئوڭ-سول تاجىسىمان ئارتېرىيە يۈرەكنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇششاق شاخچىلارغا بۆلۈنگەن.
ئۇ يۈرەك مۇسكۇلى ئىچىگە كىرىپ قىل قان تومۇرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىككى تال تاجىسىمان ئارتېرىيەدە ئاقىدىغان قان مىقدارى يۈرەك سىقىپ چىقارغان قاننىڭ 10قىسمىغا تەڭ.

شۇڭا يۈرەكنى يېتەرلىك ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، يۈرەكنىڭ كىچە-كۈندۈز توختىماي سوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
تاجىسىمان ئارتېرىيەدىن ئۆتۈپ ماددا ئالمىشىشتىن كىلىپ چىققان قان ۋېنا ئارقىلىق يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا قويۇلىدۇ.
ئەگەر تاجىسىمان ئارتېرىيەدە كىسەللىك پەيدا بولۇپ، قان تومۇر تارايسا ياكى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالسا، يۈرەككە قان يېتىشمەي قالىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0