大数跨境

بوكس شاھى تايسوننىڭ چوڭ ئوغلى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

بوكس شاھى تايسوننىڭ چوڭ ئوغلى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ EMINBIZ
2021-02-07
0
导读:بوكس شاھى تايسوننىڭ چوڭ ئوغلى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

بوكس شاھى مايك تايسون كەسىپتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئۇسلۇبى بىلەن سانسىزلىغان بوكس ھەۋەسكارلىرىنى تەلۋىلەرچە ئۆزىگە ئەسىر قىلغان، دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن تايسون بۇ ساھەدىن چېكىنگەندىن كېيىن كىم ئۇنىڭ ئىزباسارى بولالايدۇ، بۇ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. قائىدە بويىچە، تايسوننىڭ چوڭ ئوغلى ئامىر ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلسا بولاتتى، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئامىر ئاتىسى تايسوننىڭ ئېسىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلماي، ئەكسىچە تىپىك بايۋەتچىگە ئايلىنىپ، كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ غوجايىنى بولۇپ قالدى.

ئالدىنقى يىلى 21 ياشلىق ئامىر تايسون ئامېرىكا داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇرلۇق قالپىقىنى كىيىپ، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، گەرچە ئامىر قارىماققا ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ كۆرۈنگەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى 30 ياشقا كىردىمىكىن دەپ گۇمانلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تايسوننىڭ ئىككىنچى ئايالى مونىكادىن 1998-يىلى تۇغۇلغان. ئامىر تايسوننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.82 مېتىر بولۇپ، 1.78 مېتىر كېلىدىغان تايسوندىنمۇ ئېگىز.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامىر تايسوننىڭ بۇ قېتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈشى، ئىككى ئانىسىنى ھەيران قالدۇردى. رەسىمدىكى چەمبىرەك ئىچىگە ئېلىنغان ئىككەيلەن تايسوننىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرى ئىككىنچى ئايالى، يەنە بىرى ئۈچىنچى ئايالى. بۇ ئىككى ئايالنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىللە تۇرغان كۆرۈنۈشى، تايسون رەسىمنىڭ سول تەرىپىدە تۇرغان، تەرتىپ بويىچە تايسوننىڭ قىزلىرى ۋە كىچىك ئوغلى بار، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن خۇشال كەيپىياتتا بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىلا چوڭ ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىدى. 53 ياشلىق تايسوننىڭ ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا بىر قوللۇق ھۈنىرى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئامىر تايسون تۇغۇلۇشىدىنلا بايۋەتچە بولۇپ، ئانىسى مونىكا بىلەن تايسون ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تايسون ئانا-بالىغا ئالتە مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئامانەت قويۇپ بېرىپ،  يەنە بىر داچىنى قالدۇرغان، مانا بۇ ئامىر تايسىننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنى بىۋاسىتە باشلىنىش نۇقتىسىدا يەڭدى دېيىشكە بولىدۇ. ئامىر  تايسوننىڭ خېلى بۇرۇنلا بىر نەچچە چىرايلىق قىز دوستى بار ئىدى، يۇقىرقى سۈرەتتىكى بۇ قىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ئۇ قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق ھەم سالاپەتلىك.


بىز ئامىر تايسوننى تىپىك بايۋەتچە دېيىشكە ھەقلىق، ئۇ دائىم ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەشەمەتلىك ماشىنىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى تايسون قالدۇرغان ئەمەس، كۆپ قىسمىنى ئۆزى تاپقان. چۈنكى، ئامىر تايسوننىڭ سودا قىلىشقا خېلى ئېپى بار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا بىر كىيىم-كېچەك سودا شىركىتى ئاچقان بولۇپ، كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ سېتىلىشى خېلى ياخشى ئىدى. شۇڭا ئامىر يەپ-ئىچىشتىن غەم قىلمايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇ پۇلدىن غېمى يوق كېلىشكەن غوجايىن.

ئادەتتە ئامىر تايسون گولف توپ ئويناش دېگەندەك، يۇقىرى قاتلامدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئويۇنىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ دوستلىرى بىلەن سەيلە قىلىدۇ ياكى بەزى دوستلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، قىسقىسى، كۈنلىرى يەنىلا ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ. ئامىر تايسوننىڭ بوكس تالانتىنى تىلغا ئالساق، ئۇ ھەقىقەتەن ئاتىسىنىڭ ئېسىل گېنىنى ئىسراپ قىلغانلىق، دېيىشكە بولىدۇ.

گەرچە ئامىر  تايسون ياخشى بەدەن شارائىتىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسكۇللىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قېنىدا بوكسنىڭ ياخشى گېنى كەمچىل، ئۇ ئاتىسىنىڭ تالانتىغا ۋارىسلىق قىلمىغان، تايسون ئوغلىنى كۆپ قېتىم تەربىيەلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغلى يارىماس چىقىپ، بوكسنى ياخشى ئوينىيالمىغان. بۇ تايسوننىڭ ئىنتايىن بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش.


ئامىر  تايسوننىڭ نەشپۈتچىلىك توپنىمۇ ئۇرالمىغان سىن كۆرۈنۈشىدىن ئۇنىڭ مۇشت ئېتىش سۈرئىتى ۋە رېتىم سېزىمىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ سەۋىيەسى پەقەت ئىشتىن سىرتقى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ، بۇ سەۋىيە بىلەن بوكس سەھنىسىگە زادىلا چىققىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئامىر تايسون بوكسچى بولۇشنىڭ ماتېريالى ئەمەس، دۇنيا چېمپىيونى بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

مانا بۇ تايسوننىڭ چوڭ ئوغلى ئامىر تايسوننىڭ  ھازىرقى ئەھۋالى، گەرچە بىر ئەۋلاد بوكس پادىشاھى بولالمىسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى ئەۋلاد بايۋەتچىنىڭ تۇرمۇشىنى كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى غوجايىن بولۇپ، خېلى ياخشى كۈن كەچۈرىۋاتىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بوكس شاھى كەم ئۇچرايدىغان ئادەم، سىز ئويلىغاندەك بولىمەن دەپلا بولالايدىغان ئىش ئەمەس.


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307