
ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولى پۇل كۆرۈشكە باشلىدى، ئۇلار دائىم ساياھەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدىن ھەدەپ مال سېتىۋالدى. خەلقئارالىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ چەت ئەلدىن مال سېتىۋالىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىمى 8000 يۈەنگە يەتكەن، ئامېرىكىغا بارغاندىكى ئوتتۇرىچە چىقىمى 12 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇ تېخى خەلقئارالىق قاتناش چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دەل جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ چەتئەل مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ۋە چىقىمدان قاتارلىق ئۇسۇللاردا چىقىم قىلىشقا يول قويۇلۇپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى.
بىراق، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار دائىم چەت ئەلگە چىقىپ مال سېتىۋالسا، بۇنىڭ بەدىلى بەكلا يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنىڭ بىرقىسىم خەلقئارالىق گىرىم بۇيۇملىرى، تېرە ئاسراش ماركىلىرى ياكى بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىك، دورا قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كەسپى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارغا ۋاكالىتەن چەت ئەل تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. توردا ۋاكالىتەن سېتىۋالىدىغانلار ئاساسلىقى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۇزاق مۇددەت چەت ئەلدە ياشاۋاتقان جۇڭگولۇقلار. ئۇلار ئادەتتە چەتئەلدە تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن دۆلەت ئىچىگە ئېلىپ بارىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلار پەقەت ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش خىراجىتىنى تۆلىسىلا بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى زور بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر بەس-بەستە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش سېپىگە قوشۇلدى، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كەسپىگە ئەڭ ئاۋۋال قەدەم قويغان كىشىلەر نۇرغۇن پۇل تاپتى، يىلىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلغانلارمۇ بار. جۇڭگو دوكلات تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كۆلىمى 260 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش سودىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى ئۆزىنىڭ سودا چەمبىرىكىگە ئايلاندۇردى. بىراق، بەزى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلار پەقەت باشقىلارغا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپلا بەرگەندە پايدا بوشلۇقى بەك چوڭ بولمايدۇ دەپ قاراپ، ئىستېمالچىلارنى ئالداشقا چۈشتى، يەنى دۆلەت ئىچىدىكى ساختا مالنى چەت ئەلنىڭ راست مېلى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئارىدىن كۆپ پايدا ئالدى.
2020-يىلى، «جۇڭگو ياشلار تورى» دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 600 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان گىرىم بۇيۇمى ئەتكەسچىلىكىنى ئاشكارىلىغان، بۇ خەۋەرنىڭ توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىشىغا ئەگىشىپ، «چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش»نىڭ «ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسى» تەدرىجىي ئاشكارىلانغان. كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كەسپىدىن سېتىۋالغان %60 مەھسۇلات ساختا مال ئىكەن. يەنە بىر قىسىم ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلار «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ» ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.
بىلىشىمچە، ھازىر ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى خىلى، ئادەم ۋە مال دۆلەت ئىچىدە بولۇپ، چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋالىدىغانلار قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر دۆلەت ئىچىدىكى ساختا ماللارنى چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋالغان راست مال دەپ ساتىدۇ، بۇ كىشىلەر ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ چەت ئەلنىڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا ئامراقلىقىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلنىڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان «چالا بىلىمى» ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرىدۇ.
ئىككىنچى خىلى، چەتئەلدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، لېكىن مالنى دۆلەت ئىچىدىكى ساختا زاۋۇتلاردىن ئالىدىغانلار. ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلار رەسىمگە تارتىپ ئىستېمالچىلارغا كۆرسەتكىنى راست مال، ئىستېمالچىلارغا ئەمەلىي ئەۋەتىدىغىنى بولسا ساختا مال. ئىستېمالچىلار دائىم ۋاكالىتەن سېتىۋالغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ راست مالكەن دەپ ئىشىنىپ قالىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قولىغا تەگكىنى بولسا ساختا تاۋار.
ئۈچىنچى خىلى، راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سېتىش. يەنىم راست مالنىمۇ، ساختا مالنىمۇ سېتىش ئارقىلىق، ئىستىمالچىلارغا ھەقىقىي ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كارخانىسىكەن دەپ تۇيغۇ بېرىدىغانلار. ئەگەر پۈتۈنلەي ساختا مال ساتسا، بۇنداق سودا ئۇزۇنغا بارمايدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ ساتىدىغانلار ئادەتتە بىر قەدەر يوشۇرۇن بولىدۇ. مەلۇم خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا، ئىستېمالچى ليۇ خانىم فىرانسىيەنىڭ مەلۇم داڭلىق ماركىسىدىكى بىر جۈپ ئاياغنى ياقتۇرۇپ قالغان، شۇڭا توردىن بىر ئىشەنچىلىك ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىنى تېپىپ، پۇكەيدە 8000 يۈەنگە ساتىدىغان ئاياغنى 4100 يۈەنگە سېتىۋالغان. ئەمما مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئاياغنىڭ ساختا مال ئىكەنلىكىنى، مال ئەۋەتىلگەن ئورۇننىڭمۇ فىرانسىيەدىن ئەمەس، بەلكى يىۋۇدىن كەلگەنلىكىنى بايقىغان. روشەنكى، راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ ساتقاندا ئىستېمالچىلار ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا، ھازىر چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كەسپى ئارقىلىق سېتىۋالغان تاۋارلارنىڭ %60 ساختا مال تۇرسا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلار نېمىشقا يەنە تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ؟
بىر تەرەپتىن، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، قولىغا پۇل كىرگەندىن كېيىن، چەت ئەلنىڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ماركىلىرىنى قارىغۇلارچەقوغلىشىدۇ، لېكىن ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ماركىلارغا بولغان تونۇشى ئىنتايىن كەمچىل، شۇڭا بۇ چەت ئەلدىكى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى ساختا مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستېمالچىلار چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋالغان مېلىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقىسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش كەسپىگە قارىتا كونكرېت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان قانۇن-نىزام يوق بولغاچقا، ساختا مالغا يولۇققاندا «زىيان تارتماقتىن باشقا ئامالى يوق». ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن سېتىۋالغان مېلىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقىسا، كىممۇ يەنە بۇ ھەققىدە داۋراڭ سېلىشنى خالايدۇ؟
بۇنىڭغا قارىتا، مەن چەت ئەلدىن ۋاكالىتەن مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم تور سودا سۇپىلىرىدىكى ئورگان تەرەپ ياكى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا سېتىۋالغان مال ئاسانلىقچە ساختا چىقمايدۇ، ئەگەر تاسادىپىي ساختا چىقىپ قالسىمۇ، تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق ساختىلىققا زەربە بېرىپ ۋە تۆلەم ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايرۇدۇرۇمدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلاردىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئادەتتە باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى راست مەھسۇلات، كاپالىتى بار، ساختا مال چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.

