
جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ئۆي سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىمىز، تۆۋەندىكى ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتىن بۇنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: بىرى، دۆلىتىمىزدە بىر يۈرۈش ئۆيى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %96 كە، ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 كە، ئۈچ يۈرۈش ئۆيى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %10.5 كە يەتكەن. يەنە بىرى، ئۆي ئېلىمىز ئائىلە مۈلكىنىڭ %77 نى ئىگىلەيدۇ، قالغان %23 پۇل-مۇئامىلە مۈلكى، چەت ئەلدە بولسا ئۆي ئائىلە مۈلكىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ، قالغان %60 پۇل-مۇئامىلە مۈلكى.
نۇرغۇن كىشىلەر پۇلى بولسىلا ئۆي سېتىۋېلىشنى تاللايدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىككى سەۋەب بار: بىرىنچى، ئۆي سېتىۋالسا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدە ئۆي باھاسى ئۇدا 20 يىل ئۆرلىگەن بولغاچقا، بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغانلار پايدىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن كىشىلەر ئون نەچچە يىل بۇرۇن نەچچە يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، ھازىر ھەممىسى مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇرۇن ئۆي سېتىۋالمىغانلار بارغانسېرى ئۆي سېتىۋالالمايۋاتىدۇ، ئەسلىدە ئىككى ياتاق، بىر مېھمانخانىلىق ئۆي سېتىۋالالايدىغانلار ھازىر پەقەت ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلغىلا ئاران چىقىش قىلالاۋاتىدۇ. بۇ ساۋاق كۆپچىلىككە ئۆي سېتىۋالسا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئۆي سېتىۋالمىغانلار بارغانسېرى ئۆي سېتىۋالالمايدۇ دېگەن قاراشنى سىڭدۈرىۋەتتى.
ئىككىنچى، ئۆي يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلانغان بولىدۇ، مەسىلەن، توي قىلىش، نوپۇسقا ئالدۇرۇش، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىقلار. ھازىر ئۆي سېتىۋالمىسا توي قىلالمايدۇ، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالسا، تويدىن كېيىن ئۆي قەرزىنى بىللە قايتۇرسىمۇ بولىدۇ، قىز تەرەپمۇ چوقۇم ئۆي سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياقا يۇرتلۇقلار ئادەتتە شەھەرگە كىرگەندە نوپۇسقا ئالدۇرماقچى بولسا، يەنە ئۆي سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا تايىنىپ نوپۇسقا ئالدۇرغىلى بولمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرىشى ئۈچۈن مەكتەپ رايونىدىن ئۆي سېتىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا پەرزەنتلىرى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلەيدۇ، ۋەھاكازالار.
بىراق، يېقىندا توردا «مائاش 7000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆي سېتىۋالماسلىق كېرەك» دېگەن گەپ تارقالدى، بۇ شۈبھىسىزكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەسكەرتىش ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ قاراش ناھايىتى توغرا، شۇنداقلا بىر قەدەر ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆي سېتىۋالغاندا ئۆز ئەھۋالىمىزغا قاراپ ئىش تۇتۇشىمىز، ئۆز ئىقتىدارىمىزدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇنى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ باقايلى:
بىرىنچى، ئۆي باھاسى بۇنداق يۇقىرى ئەھۋالدا، ھازىر ئۆي سېتىۋالغاندا ھەر ئايلىق ئۆي قەرزى ئاز دېگەندە تۆت-بەش مىڭ يۈەن بولىدۇ، ئەگەر ئىش ھەققى 7000 يۈەن بولسا، ھەر ئايلىق كىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆي قەرزىگە كېتىدۇ، تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال يەنە نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق ئەھۋال شۇكى، ئۆي قەرزى ئايلىق كىرىمنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا قەرز قايتۇرۇش بېسىمى يېنىكراق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدە خىزمەت ئالمىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ياكى باشقا مۇقىم بولمىغان ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ناۋادا ئۆي قەرزىنى قايتۇرالمىسا چوڭ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۆي سېتىۋالغاندا چوقۇم ئۆز ئەھۋالىمىزغا قاراپ ئىش تۇتۇشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆي باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن پۇللىرىنى سەرپ قىلىدۇ، ھەتتا ئاتا-ئانىسىمۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىمۇ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ناۋادا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئىشسىز قالسا ياكى ئاتا-ئانىسى ئاغرىپ قالسا، خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. ئېنىقكى، ئۆي سېتىۋالغاندا يىغقان بار پۇللىرىنى ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل قىلىپ تۆلىگەندىن كېيىن، ئادەمنىڭ كەلگۈسىدىكى خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۆي سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىڭ، باشقىلارنىڭ ئۆي سېتىۋالغىنىنى كۆرۈپلا قىزىشىپ قالماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۆمۈرۋايەت پۇشايماندا قالىسىز.
ئۈچىنچى، ئىھتىياجىڭىز بولمىسا قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالىمەن دېمەڭ. ئەمەلىيەتتە 30 يىلدا ئالغان قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قايتۇرغان قەرزنىڭ ئۆسۈمى بىلەن يەنە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 30 يىل ئۆي قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغاندا، سىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆيمۇ خەتەرلىك ئۆي سۈپىتىدە چېقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئەگەر 30 نەچچە ياشتا قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالسىڭىز، قەرزنى قايتۇرۇشقىمۇ 30 يىلدەك كېتىدۇ، قەرزنى قايتۇرۇپ بولغان ۋاقتىڭىز ئاساسەن پېنسىيەگە چىققان ۋاقتىڭىز بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئۆي سېتىۋالغۇچىغا شۇنىسى ئايان بولۇشى كېرەككى، كەلگۈسىدە ئۆي باھاسىدا چوقۇم داۋالغۇش بولىدۇ، ئىزچىل ئۆرلىشى مۇمكىن ئەمەس، ناۋادا ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە جېڭجۇ، شىجياجۇاڭ، چىڭداۋ، يەنتەي، جىنەن قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي باھاسى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە باشقا شەھەرلەرگە چوقۇم يامرايدۇ. ئەگەر بارلىق مەبلەغنى ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالسىڭىز، قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، زور زىيان كېلىپ چىقىدۇ. خۇددى مەركىزىي بانكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئېيتقاندەك، بىز كۆپۈك يېرىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىنچاقلىساق، بىز جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ئۆي سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىمىز، چۈنكى ئۆي سېتىۋالغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئۆي سېتىۋالغاندا توي قىلىش، پەرزەنت تەربىيىلەش، نوپۇسقا ئالدۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئۆي سېتىۋېلىشتا مادارىغا بېقىپ ئىش قىلىش كېرەك، ھازىرقى ئۆي باھاسى يۇقىرى شارائىتتا، مائاش 7000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، يەنىلا ئۆي سېتىۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئائىلىنىڭ يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسى قولدىن چىقىپ كىتىپ، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتسە، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. قىسقىسى، ئۆي سېتىۋېلىشتا مادارىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىدىن ھالقىپ ئۆي سېتىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

