بۇ ياپونىيەنىڭ« گەمە ئۆي» سى بولۇپ، تاغ ئارىسىغا پەلەمپەي ئېتىز شەكلىدىكى ئولتۇراق ئۆي بەرپا قىلىپ، ھويلا-ئاران، ئۆي تورۇسىنى كۆچۈرىدۇ .
ئوخشاشلا ئۆزى سالغان ئۆي، ياپونىيە بەرپا قىلغان پەلەمپەي ئېتىز شەكلىدىكى ئولتۇراق ئۆيلەر ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن! ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆگزىسى ئازادە ئارامگاھقا ئايلاندى، بىراق نۇرغۇن تورداشلار: « گەمىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز! » دېيىشتى.
ياپونىيىدىكى بۇ خىل پەلەمپەي ئېتىز شەكلىدىكى تۇرالغۇ ناھايىتى يېڭى بولۇپ، قەۋەتلەر بويىچە يەتكۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا،ھەر بىر ئائىلىگە بىر ئەگرى يۈز شەكلى چىقىرىلغان ھەمدە ھەر بىر قەۋەتكە بىر ئۆي توغرا كەلگەن.
بۇنداق بولغاندا ھەر بىر قەۋەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئېگىز-پەسلىك پەرقى ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆگزىسى بولىدۇ، بۇ ئۆگزىلەرگە توپا تولدۇرۇلۇپ، يېشىل گۈل-گىياھلار بەرپا قىلىنىدۇ، ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولىدۇ.
بىراق بۇ خىل پەلەمپەيسىمان ئېتىز شەكلىدىكى تۇرالغۇنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئۆي ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي بېتون قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئۆينىڭ مۇقىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئادەتتىكى ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ تەننەرخىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر قىممەت ، قۇرۇلۇش قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.