


كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئارام ئالالايدىغان ۋاقتىمىز ھاياتىمىىزنىڭ1/5 غىمۇ توغرا كەلمەيدۇ.بىراق بىز مانا مۇشۇئازىغىنە ۋاقتىمىزنىمۇ تىلىفۇنغا قاراش بىلەن ئۆتكۈزۈپ تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىلىرىدىن بەھىرلىنىشنى ئونتۇپ قالىمىز.يېقىندا مۇنداق بىرفىلىم ئىشلىنىىپ چەمبىرەكدە تارقىلىشقا باشلىدى.ئالدى بىلەن فىلىمنى كۆرۈپ چىقايلى !
فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن قانداق ھىسسياتقا كەلدىڭىز؟
ھەركۈنى سىزگە ھەممىدىن كۆپ ھەمراھ بولالايدىغان كىشى كىم ؟
سۆيگۈنىڭىز؟
ئاتا- ئانىڭىز؟
دوستىڭىز؟
ياكى بولمىسا قولىڭىزدىكى تېلىفۇن ؟
ئەگەر قولىمىزدىكى تېلىفۇننى يوق دەپ پەرەز قىلساق قانداق ھالەتنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

قارىماققا ناھايىتى بەخىتلىك كۆرۈنگەن تويى بولغان قىز-يىگىتكە بۇنداق قارىسىڭىز، ئۇلارنى ناھايىتى مەنىسزدەك ھېس قىلىسز .

ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئىللىقلىققا تولغان ئائىلە مانا مۇنداق ياسالمىلىققا تولىدۇ.

قارىماققا ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۆرىنىدىغان دۇنيا ، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا مانا مۇنداق زىرىكىشلىك ھەم رەڭسىز!

قارىماققا ناھايىتى بەخىتلىك كۆرۈنىدىغان بىىر ئائىلە كىشىلىرى قارىماققا ناھايىتى تەنھادەك كۆرىنىدۇ.

يۇقارقى غەيرى تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى ئامرىكىلىق فورۇگىراف Eric Pickersgillنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ سۈرەتكە《Removed》 دەپ ئىسىم قويۇلغان.

ئالاھىدە ئۇسۇلدا ئالاھىدە نۇقتىدىن تارتىلغان يۇقارقى سۈرەتلەر بۈگۈنكى كۈندە توربەتلەردىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلىنۋاتقان سۈرەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاددى ھەم چوڭقۇر مەنىگە تولغان يۇقارقى سۈرەتلەر بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزنى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

Eric Pickersgill سۈرەتنىڭ كىلىش مەنبەسىنى تېلغا ئىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
" بىركۈنى مەن قەھۋەخانىدا قەھۋە ئىچىۋىتىپ ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كۆردۈم. ئۇلار قارىماققا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قەتئىيلا ئوخشىمايتى.قىزىدىن تارتىپ دادىسىغىچە ھەممىسى تېلىفۇن ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۆز-ئارا پاراڭلىرىمۇ بەكلا ئاز ئىدى.ئاپىسى بەلكىم تىلىفۇنىنى ئىلىۋىلىشنى ئونتۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ناھايىتى جىمجىت ھالەتتە دەرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇرماقتا ئىدى،يىنىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يىقىنلىرى،بىراق ئۇ قارىماققا بەكلا يىگانە ! بىچارە!".

بۇ كۈرۈنۈش Eric Pickersgill نىڭ ئىستىكىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قاتار سۈرەتلەرنى تارتىدۇ.

ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا يۇقارقىدەك كۆرۈنشلەرنى يوق دەپ ئىيتالامسىز؟بۇدەل بۈگۈنكى كۈندىكى بىز!تېلىفۇنغا باغلانغان . ھەم تېلىفۇن تەرىپىدىن كونترۇل قىلىنىدىغان.


بۈگۈنكى كۈندە بىرئائىلە كىشىلىرى سۈرەتكە چۈشكىنىدىمۇ، بۇرۇنقى زامانلاردىكىدەك ئەھمىيەتلىك سۈرەتلەرنى تارتقىلى بولمايدىغان بولدى.ھەممىمىزبىرئەرزىمەس دىتالنى دەپ چىن مۇھەببەتنى ئونتۇپ قىلىۋاتىمىز.بۇنىڭ بىلەن ئاستا- ئاستا چىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى يوقىتىشقا باشلىدۇق.

بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى دوستلىرىمىز ناھايتىى كۆپ بولسىمۇ ئۆزىمىزنى يەنىلا جىمجىت ھېس قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك .

ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنە شۇ تېلىفۇن سەۋەبلىك قاتناش ۋەقەسى چىقىپ قالسا گۇناھ كىمدە؟


ئىللىق قوياش نۇرى بىلەن كۆپكۈك ئاسمان بۇ ئايالنى يۇرۇتۇپ تۇرغىنى بىلەنمۇ ئۇ يەنىلا قاراڭغۇلۇققا تولغان كاتاكتەك تىلىفۇن ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا قىممەتلىك گۈزەللىكتىن ۋاز كىچىشكە رازى!

ھەمراھ بولۇش ھەممدىن تاتلىق تۇيغۇ ئىدى.بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى ئاللبۇرۇن تېلىفۇن ئىگەللەپ بولدى .

مانا ئەمدى ۋاپات بولغان تۇغقانلىرىنى بىرىپ ئەسلەش ئۈچۈن قەبىرستانلىققا بارغاندىمۇ تېلىفۇن كۆتۈرۋالىدىغان بولدۇق .خۇددى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشالايدىغاندەك.

ئالدىدا تۇرغىنى ئۇلار ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئەڭ داڭلىق پىراففىسۇر بىراق ئۇلارنىڭ قاراۋاتقىنى يەنە ئوخشاشلا كاتاكتەك تىلىفۇن. مانا بۇ ئالمىشىپ قالغان دۇنيا.خۇددى پىراففىسۇر ئۆزىگە - ئۆزى دەرس سۆزلەيدىغاندەك دەرىجىدە. ئەگەر ھەممىمىزنى بىر يالغۇز ئارال دەپ پەرەز قىلىدىغان بولساق ، ئۇنداقتا تىلىفۇن بىلەن تور ۋاستىسى بىز كۆرۈپ تىگىگە يىتەلمىگەن بىپايان دىڭىز.

بىز قولىمىزدىكى تىلىفۇنغا قاراپلا ئۆزىمىزنى رەڭگارەڭ دۇنياغا ئىگە بولغاندەك ھېس قىلىپ قىلىشمىز مۇمكىن.

بىراق بىز ئەنە شۇ رەڭگارەڭ ئىكرانغا قارايمىز دەپ دۇنيانىڭ ھەقىقى رەڭگىنى، بىزكۆرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئەمەلىي دۇنيانى ئاللىبۇرۇن ئېىسمىزدىن چىقاردۇق.كۈزىمىز ئىكراندىن باشقىنى كۆرمەس بولۇشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا بىزگە مەنسۈپ بولغان نەرسىلەر بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپپ
دىمىغىمىزغا ھەر سەھەر ئۇرۇلىدىغىنى سەلكىن شامال
كۈزىمىزگە ھەركۈنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنى گۈزەل مەنزىرە
ھەم يەنە قەلبىمىزنى ئىللىتىدىغان ئىللىق تەبەسسۇم ئىللىق مۇھەببەت.

ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا بىزبەكراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارساماندەك.كۈندە مىڭ قىتىم يىنىپ ئۆچۈپ تۇرىدىغان قىزىل -يىشىل كوچا چىراغلىرى.ھەركۈنى بولا-بولماس نەرسىلەرنى يەۋىرىپ تۈگەشكىلى ئازقىلىپ چىقىراپ كىتىۋاتقان ئاشقازانلىرىمىز.بىلىم ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىچكى قەلبىمىز.

ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدىكى كۈزىمىزبىلەن كۆرگەن مەنزىلەرنى تىلىفۇنغا ساقلىۋىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى قەلبىمىز بىلەن ھۇزۇرلىنالىشىمىز كىرەك.

سىز قارىغان شۇ تىلىفۇندىكى مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي رەڭدار بولۇپ كىتىشى ناتايىن . بىشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭىزغا قارىغىنىڭىزدىلا ھەقىقىي گۈزەللىكنى ھېس قىلالايسىز.

كىشىلىك ھاياتىمىزنىڭ پەقەت 1/5قىسمىلا بىزگە مەنسۈپ قىلىنغان.كاتەكتەك تىلىفۇندىكى چەكلىك رەڭدارلىق ئۈچۈن كۈزئالدىڭىزدىكى چەكسىزرەڭدارلىقنى يوق قىلماڭ بەلكىم مانا بۇلارنى كۆرگىنىڭىزدەكاللىڭىزدا ھەرخىل سۇئاللا چۆگلىشى مۇمكىن.

سۆيگەنلىرىڭىزگە ئۇزاقراق قاراپ باقمىغىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟
ئۇماق بالىلىرىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ ئايلىنىپ باقمىغىلى قانچىلىك بولدى؟
چوڭلار بىلەن مۇڭدىشپ باقمىغىنىڭىزغا قانچىلىك بولدى؟
جاۋاب بىرەلەمسىز؟تېلىفۇننى ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.بولمىسا ئۇ پۈتۈن ئائىلىڭىزنى ۋەيران قىلۋىتىشى مۇمكىن.


