大数跨境

قولىڭىزدىكى بۇ سىزىق قايسى تەرەپكە سوزۇلسا، سىز شۇنداق ئادەم

قولىڭىزدىكى بۇ سىزىق قايسى تەرەپكە سوزۇلسا، سىز شۇنداق ئادەم EMINBIZ
2021-05-23
2



ھەممە ئادەم تەغدىرىڭ ئۆز قولۇڭدا دىيىشىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئوڭ قولىڭىزنى چىقىرىپ ئۆزىڭىزنى سىناب بىقىڭ.

سىناق نەتىجىسى:


A: ئالىقان ئىزى ئوتتۇرا بارماق ئاستىغا سوزۇلسا:  

ئالىقان ئىزى ئوتتۇرا بارماق ئاستىغا سوزۇلسا، سىزنىڭ ئائىلە بىلەن كەسىپكە تەڭ ئىتىپبار بىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

كەسىپتە، سىز ئىزچىل تىرىشىپ ئىشىڭىزنى ياخشى قىلىسىز، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بىر تۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت كۈچىگە ئىگە، سىز ئىزچىل تۈردە كەسپىي جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىسىز. تۇرمۇشتا، ئەقىل-پاراسەتنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلىسىز، ئۆيدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىسىز، بىراق سىزدە بىر ئايالدا بولۇشقا تىگشلىك مۇلايىملىق ۋە نازۇكلۇك كەمچىل، بەزىدە بەك كۈچلۈك.


ئالىقان ئىزى ئوتتۇرا بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئوتتۇرىسىغا سوزۇلسا:

ئالقان ئىزى ئوتتۇرا بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئوتتۇرىسىغا سوزۇلغان سىز، بىر كەم - كۈتسىز سەمىمىي رەپىقە ۋە پەزىلەتلىك ئانا. ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىدە، سىز پەزىلەتلىك، ئۆي ئىچىنى رەتلىك يىغىشتۇرىسىز؛ دوستلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدە، سىز ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىسىز، ئىنتايىن مەرد؛ بالىڭىزنىڭ نەزىرىدە، سىز مۇلايىم، ئىنچىكە، ئوي-پىكىرىڭىز ئەتراپلىق.

بىراق، بەك ئاقكۆڭۈل سىز، دوستلىرىڭىزنىڭ تەڭلىكتە قويىدىغان تەلىپىنى رەت قىلىشقا ئامالىسىز قالىسىز ھەم ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئاچچىقلانماي، ئەكسىچە ئىشنىڭ ھەممىنى كۆڭلىڭىزگە يىغىۋالىسىز.

C:ئالىقان ئىزى بېگىز بارماق ئاستىغا سوزۇلسا:

ئەگەر سىزنىڭ ئالىقان ئىزىڭىز بېگىز بارماق ئاستىغا سوزۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ناھايىتى سەزگۈر ھەم گۇمانخۇر، ھەمىشە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن ناھايىتى ئىھتىيات قىلىسىز، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزگە كىرىشى ناھايىتى تەس، لىكىن سىزنىڭ قەلبىڭىزگە كىرگىنى سىزنىڭ ئەڭ ھەقىقىي دوستىڭىز.

بۇنداق مىجەزدىكى سىز، بەخىتلىك ھەم خاتىرجەم تۇرمۇشقا ناھايىتى ئىنتىلىسىز، ئېرىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز سىزنىڭ پۈتۈن دۇنيارىڭىز. قەلبىڭىزنى كەڭ ئىچىپ سىرتتىكى دۇنياغا قارىسىڭىز، دۇنيانىڭ خەيرخاھلىققا تولغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.

D : ئالىقان ئىزى تۆۋەنگە ئىگىلسە  

ئالىقان ئىزى تۆۋەنگە ئىگىلىپ كەسىپ سىزىقى بىلەن تۇتاشسا، بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئۆزگىچە. سىزنىڭ مىخەزىڭىز قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بەرداشلىق بىرىش كۈچىگە ئىگە. ئىش قىلغاندا بىخەستىلىك قىلمايسىز، ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويىسىز، ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئۈچۈن، چىشىڭىزنى چىشلەپ ئاخىرىغىچە چىدايسىز!



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0