

Frano Selak فرانو سىلاك 1962-يىلى پويىزدىن رېلىسقا سەكرەپ ئاندىن يەنە دەرياغا سەكرىگەن، 1963-يىلى ئۇ ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا ئىشىك تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كېتىپ يۇقىرى ھاۋا بېسىمى تەسىرىدىن ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئوڭۇشلۇق ھايات قالغان، كېيىنكى نەچچە يىلدا كۆپ قېتىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ھەم ئىلگىرى-كېيىن 7 قېتىم ئېغىر بالا-قازاغا دۇچار بولغان، شۇنداقتىمۇ ھەر قېتىم جېنى ئامان قالغان. ھەتتا 2005-يىلى ئامەت ئىلاھى ئۇنى يەنە بىر قېتىم يوقلاپ قاتتىق خوشال قىلىۋەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر قېتىملىق لاتارىيەدە تۇيۇقسىز بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەنىدى.

ئامېرىكىلىق تېرى خورتون Teri Horton، ئۇ بىر قېتىم كونا ماللار دۇكىنىدىن 5 ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا 34 يۈەن) بىر پارچە كونا رەسىم سېتىۋالغان، كېيىن بىر كەسىپ ئەھلى ئۇنىڭغا بۇ رەسىمنىڭ ئامېرىكىلىق مەشھۇر رەسسام جېكسون پوللوك Jackson Pollockنىڭ نادىر ئەسىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە بۇ رەسىمنىڭ قىممىتى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 340 مىليون خەلق پۇلى)غا يېتىپ، ئۇ بىر كېچىدىلا پۇلدار بايغا ئايلانغان.

بىر نورمال ئادەم ئەگەر 80 ياشقىچە ياشىدى دىسەك، ئۇنى چاقماق سوقۇۋېتىش ئېھتىماللىقى ئۈچ مىڭدىن بىر بولىدۇ، (ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ)، ئەمما ئامېرىكا باغچا باشقۇرۇش خادىمى Roy Sullivan روي سالىۋەن 1942-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە جەمئىي 7 قېتىم چاقماققا سوقۇلۇپ، مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان، ئۇنى ھەقىقەتەن تەلەيلىك دېيىشكە بولاتتى، بىراق 71 ياشقا كىرگەندە ئىشىق ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ھېسياتچان بوۋاي ئاخىرى ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېلىپ ھاياتىنى تىراگېدىيەلىك ئاخىرلاشتۇرغان.

تىسۇتومو ياماگۇچى Tsutomu Yamaguchi، ياپونىيەلىك، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خىروشىما ۋە ناگاساكىدىكى ئىككى قېتىملىق زور ئاتوم بومبىسى پارتلاش ۋەقەسىىدىن (شەھەرلەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ قايتا قۇرۇلغان) ساق-سالامەت ئامان قالغان ھەمدە تۇنجى بولۇپ ياپونىيەدىكى ئاتوم بومبىسى <قوش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى> قىلىپ بېكىتىلگەن. 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 94 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

لېنا Lena Påhlsson ئىسىملىك بىر ئايال 20 يىل ئىلگىرى ئەتىۋارلىق تويلۇق ئۈزۈكىنى يوقىتىپ قويۇپ ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن 1995-يىلى كۆكتاتلىقىدا ئەمگەك قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۈزۈكىنىڭ بىر تال تۇرۇپنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدى ۋە خوشال بولدى. بەلكىم ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يېرىگە ئوغۇت چېچىش جەريانىدا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، نېمىلا بولمىسۇن ئەگەر ئۇرۇق ئۈنۈپ يوقاپ كەتكەن ئۈزۈكنى كۆتۈرۈپ چىقمىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ قىممەتلىك نەرسىسىنى تېپىۋالالمىغان بولاتتى، (ئويلىمىغانلا ئىش بوپتۇ)

ۋىرجىنيا (Virginia Fike) خانىم لاتارىيە ئوينىغاندا ھەمىشە ئوخشاش بىر گۇرۇپپا نومۇر: ئاتا-ئانىسىنىڭ توي قىلغانلىق خاتىرە كۈنى ۋە ئۇلارنىڭ يېشىنى ئىشلىتەتتى، 2012-يىلى ئۇ لاتارىيە سېتىۋالغىلى بارغاندا سېتىش خادىمىنىڭ بىخەستىلىكى تۈپەيلى ئوخشاش بىر گۇرۇپ نومۇرغا ئىككى پارچە بېلەت ئېلىنىپ قالدى ھەم بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بېلىتىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا لاتارىيە بېلىتى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىكەنىدى.

مارتېن Maarten de Jonge بولسا مالايسىيا ۋېلىسپىت تەنھەرىكەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇ 2014-يىلى 7-ئايدا مەلۇم بىر جىددى سەۋەب بىلەن MH37 ئايروپىلانىغا چىقىشقا ئامالسىز قالغانىدى، MH37 ئايروپىلانى شۇ قېتىملىق سەپەردە ھادىسىگە ئۇچراپ ئىچىدىكى 300 يولۇچىنىڭ ھەممىسى بەخىتكە قارشى قازا قىلغان بولسا، ئەكسىچە مارتېن تەلىيىگە يارىشا ئامان قالغانىدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، ئىلگىرى ئۇ MH370 ئايروپىلانىغا چىقماقچى بولۇپ ۋاقىت ئىنتايىن ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز ئويىنى ئۆزگەرتىپ چىقماسلىقنى قارار قىلىپ سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ MH370 ئايروپىلانى كېلىشمەسلىككە ئۇچىراپ بىر ئۇچقانچە ھىندى ئوكياندا غايىپ بولۇپ يولۇچىلارنىڭ ئىزدېرىكى بولمىغان.

پاراشوت بىلەن ئېگىز بوشلۇقتىن سەكرەش ھەۋەسكارى ئاندېرس ھېلسترۇپ Anders Helstrup بىر قېتىم پاراشۇت بىلەن سەكرەۋاتقاندا بىر مېتىئورېت تاش يېنىدىنلا ئۆتۈپ كەتكەن، ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلگىلى تاسلا قالغانلىقىنى ئازراقمۇ ھېس قىلمىغان، كېيىن كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە ئاندىن ئۆزىنىڭ يەرگە چۈشۈۋاتقاندا بىر پارچە مېتىئورېت تاشىنىڭ يېنىدىن سۈركىلىپلا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى مېتىئورېت تاش نۇر چىقارماي ئۇچۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆچۈپ قالغان مېتىئورېت تاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

1971-يىلى جۇلىيان كوپىك Juliane Koepckeئىسىملىك ياش قىز بىر قېتىملىق بوشلۇق ئاۋارىيەسىدە بىردىنبىر ھايات قالغۇچى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن تىمساھ ۋە ئادەمخور بېلىقلار كۆپ بولغان ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى ئىدى، ئۇ يامغۇرلۇق ئورماندا 10 كۈن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە پېرۇلۇق بىر ياغاچ كەسكۈچى تەرىپىدىن بايقىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

1954-يىلى ئامېرىكا ئالاباما شىتاتى، ئاننا خودېس Ann Hodes ئىسىملىك بىر ئايال چۈش ۋاقتى ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقاندا كونىراپ كەتكەن تورۇستىن قورغان توپ چوڭلۇقىدىكى بىر تاش ئۆيدىكى رادىيوغا تېگىپ ئاندىن ئۇنىڭ يوتىسىغا تەگكەن، ھەمدە كۈچلۈك زەربە ئۇنىڭدا ئاناناس شەكىلدە جاراھەت قالدۇرغان، ئەگەر ئاۋال رادىيوغا تەگمەي بىۋاسىتە ئۇنىڭ بېشىغا تەگكەن بولسا بۇ مېتىئورېت تېشى ئۇنىڭ بېشىنى چوقۇم پارتلىتىۋەتكەن بولاتتى.


