大数跨境

ھوللىۋودتىكى داڭلىق چولپان ۋە ئۇنىڭ4000 دوللارلىق كاتتا ماشىنىسى

ھوللىۋودتىكى داڭلىق چولپان ۋە ئۇنىڭ4000 دوللارلىق كاتتا ماشىنىسى EMINBIZ
2021-02-13
1


ھوللىۋود تىلغا ئېلىنسا كۆپ ئادەم نەچچە يۈز مىليون پۇلى بار، ھەشەمەتلىك ئۆيى بارلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرىمۇ تەبئىيلا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن نوچى بولىدۇ. لېكىن شۇنداق بىر ھوللىۋود چولپىنى بار، ئۇنىڭ ماشىنىسى ئاران 4000 دوللارلىق. لېكىن ئۇ قىممەت ماشىنىغا چىقىش قىلالمايدۇ ئەمەس، بەلكى بەدەن شەكلى ئالاھىدە بولغاچقا پەقەت مۇشۇنداق ماشىنىدا ئولتۇرماي باشقا ئامال قىلالمىغان.

بۇ ھوللىۋود چولپىنىنىڭ ئىسمى ۋېرن ترويېر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۇنى كىنولاردا كۆرۈپ باققان، توغرا، ئۇ دەل «خاررى پوتتېر ۋە سېھىرلىك تاش»تا چىققان پەتەك شۇ. ۋېرن ترويېر ئالغان روللار ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، بويى ئالاھىدە پاكار بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە بۇيرىتىپ تېسلا Model S ماشىنىسى ھەيدىگەن. ئىكران سالونىمىزنى قوللاپ بۇ ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ دوستۇم قوللاش شۇنچلىك ئاددى


ئەمما بۇ ماشىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ئوڭايغا توختىمىغان، تېسلا ناھايىتى داڭلىق بالىلار ماشىنىسى ياسايدىغان زاۋۇت بىلەن ھەمكارىلىشىپ ئاندىن بۇ ماشىنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. گەرچە كىچىكلىتىلگەن نۇسخا بولسىمۇ لېكىن ھەممە ئەسلىھەلىرى تولۇق، پەقەت ھەجىمىدىن باشقا يېرى ھەقىقىي ماشىنىغا ئوپئوخشاش ئىكەن، راست ماشىنىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ. ماشىنىغا يەنە مۇكەممەل ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتىمۇ ئىلغار بولۇپ، كىچىك نۇسخىلىق بۇ ماشىنىغا  140Whلىق توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيە سەپلەنگەن. ئىككى خوتلۇق بولۇپ، بىرى ھەر سائىتىگە 5 كىلومېتىر، يەنە بىر ھەر سائىتىگە 10 كىلومېتىرلىق ئىكەن. بۇنداق سۈرئىتى بىلەن خېلى كۆپ ئويۇنچۇق ماشىنىلارنى كەينىدە قويىدۇ. تېخنىكا ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ھەر بىر ئادەم ھەشەم ماشىنىدا ئولتۇرۇشنىڭ قولايلىقلىقىدىن ھوزۇرلانسا بولىۋېرىدۇ. كېيىنكى كۈنلەردە تېسلا ۋېرىننىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلىق ئەكەلگەن.

ئەمما 2018-يىلى 4-ئايدا بۇ ھوللىۋود چولپىنى جىمجىتلا ئالەمدىن خوشلاشقان، ئەمما كىچىك ماشىنا كىلاسسىك يالداما بولۇپ قالغان.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307