大数跨境

«ئۇيقۇ» نى ئوغرىلايدىغان گۈل گىياھلار

«ئۇيقۇ» نى ئوغرىلايدىغان گۈل گىياھلار EMINBIZ
2021-01-24
2
导读:گۈل ـ گىياھ بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار گۈلنى بال


گۈل ـ گىياھ بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار گۈلنى بالكوندا باققاندىن باشقا، يەنە مېھمانخانا، كۇتۇپخانا، ياتاق ئۆيدىمۇ باقىدۇ. ياتاق ئۆيدە مۇۋاپىق مىقداردا گۈل ـ گىياھلارنى بېقىش پايدىلىق. ئەمما ياتاق ئۆيدە باققان گۈل ـ گىياھلارنى تاللىغاندا، چوقۇم سورتنى ياخشى تاللاش كېرەك. بەزى گۈل ـ گىياھلار قارىماققا ئادەم ۋە ھايۋانلارغا زىيانسىز، يەنە كېلىپ بەك چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇغا تەسىركۆرسىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تەبىئىيلا تەن سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.

 


كېچىدە ئوكسىگېن تالىشىدىغان گۈل گىياھلار

بەزى گۈل ـ گىياھلارنىڭ كېچىدە سەرپ قىلىدىغان ئوكسىگېنى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ياتاق ئۆيدە بېقىشتا مەسىلە يوق. بەزى گۈل ـ گىياھلارنىڭ كېچىسى ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، كۆپ مىقداردىكى ئوكسىگېننى خورىتىپ، ئۇيقىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ مەسىلەن، تۈپى بىرقەدەر ئېگىز بولغان يېشىل ئۆسۈملۈك، چوڭ يوپۇرماقلىق سكىنداپسۇس قاتارلىقلار، ئۇلار كېچىدە سەرپ قىلىدىغان ئوكسىگېن بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ياتاق ئۆيدە بېقىشقا ماس كەلمەيدۇ.



چۈنكى كەچتە ئۇخلىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىك ـ دېرىزىلىرى ھىم ئېتىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا ساپ ھاۋا كىرەلمەيدۇ، ئوكسىگېن مىقدارى چەكلىك بولىدۇ. كۆپ قىسىم ئوكسىگېننى گۈل گىياھلار سۈمۈرۈۋېلىپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئازلاپ كەتسە، بىئاراملىق ھېس قىلىپ، خاتىرجەم ئۇخلىيالمايمىز. ئۇزاق ۋاقىت مۇشۇنداق ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەن مۇھىتتا تۇرغاندا، ئۇيقۇ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، ئادەم روھسىز بولۇپ قالىدۇ. ياتاق ئۆيدە چىپار كەندىر، ئالوي قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى باقساق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كېچىدە سەرپ قىلىدىغان ئوكسىگېنى ناھايىتى ئاز، ئەكسىچە، كۆپ مىقداردا ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ، ھەم ياتاق ئۆينىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ھەم ياتاق ئۆيدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، سالامەتلىككە پايدىلىق، زىيىنى يوق.


 

گۈل سامساق

نۇرغۇن گۈلچى دوستلارنىڭ ئۆيىدە گۈلسامساق باقىدۇ، يوپۇرمىقى ياپيېشىل، گۈللىرى چىرايلىق، پۇرىقى كۈچلۈك. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى سىرتتا ھاۋا سوغۇق،  ئۆي ئىچى ئىللىق بولغان ئەھۋالدا، بىر تەشتەك گۈلسامساق ئۆستۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ. گۈلسامساقنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بالكون، مېھمانخانىلاردا بېقىشقا بولىدۇ، ياتاق ئۆيدە بېقىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۆيىڭىزدە ئېچىلىۋاتقان گۈلسامساق بولسا، دەرھال ياتاق ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىڭ



گۈلسامساقنىڭ خۇش پۇرىقى ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا ئۇزاق تۇرغاندا، ئاسانلا ئۇخلىغىلى بولمايدۇ. بەزى گۈلچى دوستلار ياتاق ئۆيىدە گۈلسامساق بېقىپ، كەچتە ئۇخلىيالمايدۇ، كۈندۈزى روھسىز، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىرايى ئادەتتىن تاشقىرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

 ياتاق ئۆيدە گۈلسامساق ئۆستۈرۈشتىن باشقا، ياتاق ئۆيگە گۈلسامساقنى يېڭى كېسىپ قويىدىغان گۈللەرنى سانجىپ قويماسلىق كېرەك، ئوخشاشلا ئۇيقۇمىزنى «ئوغرىلاپ» كېتىدۇ.


 

كەترەن گۈلى

كەترەن گۈلىنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق، كەترەن گۈلى بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان گۈل ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خۇشپۇراق چېچىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.  كەترەنگۈلىنىڭ پۇرىقى بۇرۇننى ئېچىشتۇرمايدۇ، كىشىنىڭ قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ، بىر قېتىم پۇراپلا ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

قىشتا بەزى گۈلچىلەر كەترەن گۈلىنى ياتاق ئۆيىدە باقىدۇ، گۈللەر ئېچىلغاندا، ئۇنىڭ پۇرىقىنى ئۇزاققىچە پۇرىيالايدۇ. كەترەن گۈلىنىڭ پۇرىقى ئادەمنى بىئارام قىلمايدۇ، ئەمما ئۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىمىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئادەم بارغانسېرى روھسىز بولۇپ قالىدۇ.



شۇڭا كەترەن گۈلى ئېچىلغان مەزگىلدە ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ياخشى ئۆتۈشىدىغان مۇھىتتا بېقىپ، ياتاق ئۆيدە باقماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كەترەن گۈلى شامال ئۆتۈشىدىغان مۇھىتتا بېقىلسا، چېچەكلەش سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، پۇرىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلىنىمۇئۇزارتقىلى بولىدۇ. ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەيدىغان ئۆيلەردە بېقىلسا، ئۇيقۇغا تەسىريەتكۈزگەندىن سىرت، چېچەكلەش سۈپىتىگە ۋە چېچەكلەش مەزگىلىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، زىيان تارتىدۇ.


 

ئەتىرگۈل

بىر قىسىم ئەتىرگۈللەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئېچىلىپ تۇرىدۇ. قىشتا سىرتنىڭ تېمپىراتورىسى تۆۋەن بولغاندا، ئەتىرگۈلنى ئۆيدە باقساق داۋاملىق پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. ئۆي ئىچىدە ئەتىرگۈل باققاندا، ئەڭ ياخشىسى شامال ئۆتۈشىدىغان ۋە كۈن نۇرى چۈشىدىغان بالكوندا بېقىش كېرەك. ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى ئوخشاشلا ئادەمنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئۇخلاتمايدۇ. ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى قانچە كۈچلۈك بولسا بىزنىڭ ئۇيقۇمىزغا بولغان تەسىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.



ھۇجرا ئىچىدىكى ئەتىرگۈل ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئاسانلا پاشا ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قىزىل ئۆمۈچۈك شامال ياخشى ئۆتۈشمىگەن ئەھۋالدا پاكىز يوقالمايدۇ. ئەتىرگۈلنى بالكونغا ئېلىپ چىقىپ باققاندا بوش ۋاقىتلاردا گۈلدىن ھۇزۇرلانغىلى، ھەم ئاسانلا قۇرت زىيانداشلىقى پەيدا بولمايدۇ، بىر چالمىدا ئىككى چالمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ئەتىرگۈلنىڭ تىكىنى بار، ياتاق ئۆيدە تۇرسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس

 


ھەمەلگۈل

ھەمەلگۈل دۇنيادىكى ئەڭ پۇراقلىق گۈللەرنىڭ بىرى، گۈلچى دوستلار ئۇنىڭ خۇشپۇراقلىقىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  ھەمەلگۈلنىڭ پۇرىقى ئۇيقۇنى "ئوغۇرلايدۇ" دېگەندىن سىرت، يەنە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ،  مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياتاق ئۆيدە چېچەكلەۋاتقان ھەمەلگۈل بولغان بولسا، ئۇيقۇ ياخشى بولمايدۇ



ھەمەل گۈل ئۇيقۇغا تەسىركۆرسەتكەندىن سىرت، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاسانلا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، نەپەس ئېلىشى راۋان بولماسلىق، يۆتىلىش قاتارلىقلار. بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىت گۈل پۇرايدىغان مۇھىتتا تۇرسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بەزى گۈلچى دوستلار قىشتا ھەمەلگۈل سېتىۋېلىپ ياتاق ئۆيىدە باقىدۇ، بۇنداق قىلىش خاتا

 

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0