زور خەۋەر جۇڭگو ـ ھىندىستان چېگراسىدا زور كەلكۈن كەلتۈردى
EMINBIZ

توۋتىياۋ تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ـ ھىندىستان چېگراسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدە تۇيۇقسىز مۇزلۇق يېرىلىپ، زور كەلكۈن كېلىپ، نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلدى، ھىندىستان ئارمىيەسى جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى. شىمالىي ئاكاندېباڭ توسمىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

بەش دۆلەت ئاپەت ئەترىتى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدا مۇزلۇقلار يېرىلىپ، ئالگىنېندا دەرياسى ۋە تولگېنگا دەرياسىغا زور كەلكۈن كەلدى. ھازىر زور مىقداردىكى كەلكۈن شىمالىي ئاكاندى شتاتىدىكى چوڭ توسمىغا يېتىپ كەلدى، توسما خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى.

ھازىر 100 دىن 150 كىچە ئادەم قازا قىلدى، كونكرېت تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى يەنىلا ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتىدۇ. 2013-يىلى بىر قېتىملىق زور كەلكۈن ئاپىتىدە، 6000 ئادەم قازا قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ چاغدا مۇزلۇقنىڭ يىمىرىلىشى ناھايىتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولۇپ، كەلكۈن خۇددى بىر تامغا ئۇدۇل ئېتىلىپ چۈشكەندەك بولغان.
ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقىنى يېقىن ئەتراپتىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى بولۇپ، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا 150 تىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. ھىندىستان دۆلەت قۇتقۇزۇش قىسمىنىڭ بەش قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى، يەنە ئۈچ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان نەق مەيدانغا كىردى. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى يەنە تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلاننى نەق مەيدانغا ئەۋەتىدۇ. 