
-قانداق كىشى رەھىمدىل ۋە قانداق كىشى رەھىمسىز، پىخسىق بولىدۇ ؟
-يوقسۇزلۇق، ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ھەرقانداق كىشى رەھىمدىل كىلىدۇ. دۇنياغا تويمىغان بايلار پىخسىقلىقتا مەشھۇر.
-ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىدە؟
-ئىلىم-مەرىپەت، مىننەتسىز مىھنەت، پاك مۇھەببەتتە!
-تويماس نەرسە ئۇچراتتىڭىزمۇ؟
-ئۇچراتتىم !كۆز قاراپ تويمايدۇ، مۇھەببەتلىك كىشىلەر بىر -بىرىگە، ئوت ئوتۇنغا، ئالىم ئىلىمگە، باي مالغا، ئادەم ئۆمۈرگە تويمايدۇ.
-ئادەم نېمىدىن خارلىشىدۇ؟
-ھەممىگە ئايانكى، ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۈنەرنى، ئەمگەكنى خورلىغۇچىلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى خارلىققا قېلىپ ۋەيران بولۇشى مۇقەررەر.
-ئادەم نېمىدىن نۇمۇسقا قالىدۇ؟
-چاقىرمىغان يەرگە بېرىش، يالغان بۆھتان قىلىش، دۈشمەندىن ياردەم، بېغىلدىن ساخاۋەت تىلەش، ئادەمنى ئۆلۈمدىن ئارتۇقراق نۇمۇسقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى شەكسىزدۇر.


