
توخنىياز ئىسمائىل ئەركان تەرجىمىسى
چارلىز چاپلىن تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ خىيالغا شۇ ھامان ئۇنىڭ قىزىقارلىق فىلىملىرى كېلىدۇ. لېكىن ئۇمۇ بىر مۇھەببەت مەستانىسى بولۇپ، ھاياتىدا نۇرغۇن ئاياللار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋە توي قىلغان. ماتېرىياللاردا ئايان بولۇشىچە، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە توققۇز قېتىم مۇھەببەتلىشىپ، تۆت قېتىم توي قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۇ بىرىنچى قېتىم خەيدى لامار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. چارلىزچاپلىن 19 ياشقا كىرگەندە، 15 ياشلىق ھەيدىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان. ئىككىيلەننىڭ ھېسسىياتى بىر-بىرىگە ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ، مۇھەببەتلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چاپلىن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغان. ئەمما ھەيدى بالدۇر توي قىلىپ بالىلىق بولۇشنى خالىمىغانلىقتىن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. قەلبى ئازار يېگەن چاپلىن تېزلا ھەيدىدىن ۋاز كەچكەن.
ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئەدنا پۇرۋىيانسې بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. ئۇ ھەيدى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندى كېيىن، ئەدنا بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان. ئەدنا چارلىز چاپلىننىڭ كىنولىرىدا رولغا ئالغان تۇنجى ئايال ئارتىس ئىدى. ئىككىيلەن ئىككى يىلدەك مۇھببەتلەشكەندىن كېيىن، چارلىز چاپلىننىڭ توي تەكلىپى قويۇشى بىلەن ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما 1923-يىلىغا كەلگەندە، ئەدنا يەنىلا چارلىز چاپلىننىڭ كىنولىرىدا ئاساسلىق رول ئالغان. تاكى 1958-يىلىغىچە، ئەدنا چاپلىندىن مائاش ئالغان.

ئۈچىنچى قېتىم مىلدىرېد خاررىس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم توي قىلغان. چارلىز چاپلىن 29 يېشىدا 16 ياشلىق مىلدىرېد بلەن تونۇشۇپ قالغان. مىلدىرېد ئۆزىگە ئۇستاز سۈپەت چاپلىننى ناھايىتى ھۆرمەت قىلاتتى، ئەمما چاپلىنمۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن رەسمىي توي قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشى ئىككى يىلغا بارمايلا ئىككىيلەن ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاجرىشىدىغاندا چاپلىن ئۆزىنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۆتىنچى قېتىم پولا نېگرى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. 1922-يىلىنېگرى چاپلىننىڭ كىنوسىدىكى ئاساسلىق رولنى ئالغان. ئۇزاققا بارمايلا ئىككىيلەن توي قىلىدىغانلىق خەۋىرى تېزلا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەمما ئىككەيلەن توي قىلماي تۇرۇپلا ئايرىلىپ كەتكەن.
بەشىنچى قېتىم رىتا گېرېي بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم توي قىلغان. 1924-يىلى 35 ياشلىق چاپلىن 16 ياشلىق رىتا بىلەن توي قىلغان. تويدىن كېيىن، ئىككىيلەن ئىككى بالىلىق بولغان. تويدىن كېيىن چاپلىن كۆپ قېتىم خوتۇنىغا يۈزسىزلىك قىلغان، رىتانىڭ دېيىشىچە ئېرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بەش ئاشنىسى بار ئىكەن. 1928-يىلى رىتا ئاجراشماقچى بولغان، چاپلىنمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، يەنى غايەت سوممىلىق بېقىش ھەققى ۋە ئادۋوكات ھەققىنى تۆلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇسۇسىي تۇرمۇشىدىكى رېتىمسىزلىق سەۋەبىدىن تېزلا پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان،چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ كەتكەن.

ئالتىنچى قېتىم كاتىپى مېي رىۋىس بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. كېيىن،چاپلىن ئۆزىنىڭ شەخسىي كاتىپى مېينى ياخشى كۆرۈپ قالغان. 1931-يىلى چاپلىن ياۋروپاغا ساياھەتكە بېرىپ، شۇ جەرياندا ئۇ مېينى ئۆزىگە كاتىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقا سالغان. ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ قالغان. كېيىن ئۇ مېينىڭ ئۆزىنىڭ ئاشنىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنىسىنىڭمۇ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنداق قىلىپ، چاپلىن بىلەن مېينىڭ مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئىلگىرى چاپلىن يولدىن چىققان بولسا، بۇ قېتىم ئۇنىڭ قىز دوستى يولدىن چىقىدۇ.
ئىكران سالونىمىزنى قوللاپ بۇ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇڭ دوستۇمقوللاش شۇنچىلىك ئاددى

يەتتىنچى قېتىم ئۇ پاۋلېتتى گوددارد بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم مەخپىي توي قىلغان. 1932-يىلىچاپلىن كېلىپ چىقىشى ئۆزى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئايال ئارتىس پاۋلېتتى گوددارد بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ، 1936-يىلى مەخپىي توي قىلىدۇ. بۇ يىل چاپلىن 47 ياشتا، گوددارد 26 ياشتا ئىدى. ئۇلار ئالتە يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئاجرىشىپ كېتىدۇ.

سەككىزىنچى قېتىم ئۇ جوئان باررى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. 1942-يىلى چاپلىن جوئان باررىنى ئۆزىنىڭ كېيىنكى فىلىمىنىڭ ئايال باش رولچىلىقىغا تاللايدۇ. كېيىنچە ئىككىيلەن باردى-كەلدى قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما جوئاندا پىسخىك مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلاپ، چاپلىندىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. بىراق ئىشلار بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. 1943-يىلى جوئان بىر بالا تۇغىدۇ، ئاندىن چاپلىننىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدۇ. گەرچە قان تەكشۈرۈشتىن ئۇ بالىنىڭ چاپلىننىڭ ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا سوت قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئىسپات قىلمايدۇ. شۇنداق قىلىپ سوت چاپلىننىڭ بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇ قېتىم چاپلىننىڭ ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.

توققۇزىنچى قېتىم چاپلىن ئونا ئونىيېل بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەم توي قىلغان. چاپلىن 54 ياشقا كىرگەندە ئونا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئونانىڭ ئاتىسى داڭلىق دىراماتورگ يۇگېن ئونىيېل ئىدى، ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، شېكىسپىر، ئىبسېن قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا «غەرب دىراماتورگىيەسىدىكى ئۈچ مەشھۇر ئەرباب» دەپ ئاتالغانىدى. ئەممائونا ئۇ چاغدا 18 ياشتا ئىدى، ئۇ چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە يازغۇچى ئوغۇل دوستى بار ئىدى. ئۇ چاپلىن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، دەرھال ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاتىسى بىلەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش بەدىلىگە چاپلىن بىلەن توي قىلىدۇ. چاپلىن ئونانى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ئونامۇ چاپلىننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئىككىيلەننىڭ جامائەتنىڭ ئەيىبلەشلىرى بىلەنمۇ كارى بولمايدۇ. ئۇلار جەمئىي سەككىز باللىق بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. 1977-يىلى چاپلىن 88 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ، ئونا سەككىز بالا بىلەن قالىدۇ.



