大数跨境

داڭلىق چولپان ليۇدېخۇا ئەرز قىلىنىپ100مىليون تۆلەم تەلەپ قىلىندى

داڭلىق چولپان ليۇدېخۇا ئەرز قىلىنىپ100مىليون تۆلەم تەلەپ قىلىندى EMINBIZ
2021-08-16
0



1




نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ليۇ دېخۇا سەنئەت ساھەسىگە كىرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ دوۋيىندا بىۋاستە كۆرسەتتى، بۇ قىتىمقى بىۋاستە كۆرسىتىشنىڭ تېمىسى « ئادەتتىكى بىر كۈن» دەپ ئاتالدى. 



بۇ ليۇ دېخۇانىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى مەيدان بىۋاستە تارقىتىشى بولۇپ، كۆرگەن ئادەم سانى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. نەق مەيداندا تۇنجى قېتىم XR تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلىش ئادەمنى خۇددى ۋاقىت تونىلىدەك ھېس قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش كەيپىياتىغا چۆمدۈرگەنىدى. بۇ دوۋيىندا تېخى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق تېخنىكا قوللىنىپ بىۋاستە تارقىتىش ئىدى . 



ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنىڭ سوۋغات قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئالدىن ئېتىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭغا مەستانىلىرىنىڭ سوۋغات بىرىشى كىرەك ئەمەس ئىدى. ئۇ پەقەت ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ۋە مۇشۇ يىللاردىكى باشتىن ئۆتكەن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.

 


2




40يىلدىن بۇيان ئۇ 150تىن ئارتۇق كىنو، نەچچە يۈزدىن ئارتۇق ياخشى ناخشىلارنى بىزگە تەقدىم ئەتكەنىدى، لىكىن يىقىندا ئۇنىڭ 2019-يىلى ئىشلىگەن «زەھەر تازلاش2»(扫毒) كىنوسى ئەرز قىلىندى.



يېقىندا چېڭدۇ يەر شارى بونا مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى ليۇ دېخۇا ۋە ئۇ باش رول ئالغان« زەھەر تازىلاش 2» ناملىق كىنونى ئىشلىگەن ئالتە شىركەتنى ھوقۇققا چېقىلىش ماجىراسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، 99 مىليون 999 مىڭ 900 يۈەن تۆلەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 



« زەھەر تازىلاش 2» 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى ئىچكىردە قويۇلغان كىنو. ليۇ دېخۇا بۇ فىلىمنىڭ نازارەت قىلىش ۋە باش رول ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، شۇ يىلى بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 313 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ھەمدە شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى، خۇادىڭ مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



ئەمما، يەر شارى بونا شىركىتىنىڭ قارىشىچە، « زەھەر تازىلاش 2» 2006-يىلى سۈرەتكە ئالغان كىنو« مۇكەممەل ئاشىق»(完美情人) نى كۆچۈرۈۋالغان، مەيلى كىنو سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى، سېنارىيەدىكى پېرسوناژلار مۇناسىۋىتى ۋە كەسپى، ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ياكى ئاقىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش شەكلى، كىنو ئېلانىنى لايىھەلەش، كىيىم-كېچەك لايىھەلەش قاتارلىقلار بولسۇن، ھەرقايسى تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى« مۇكەممەل ئاشىق» نى تولۇق كۆچۈرۈۋالغان دەپ قاراپ، يەر شارى بونا 100 مىليون يۈەنگە يېقىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا دېلو تۇرغۇزدى. 



رېژىسسور ئاشېڭ بولسا يەر شارى بونا شىركىتىنىڭ باش لىدىرى، ئۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا« زەھەر تازىلاش 2» نىڭ كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىپ رەتلەپ، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. 


3




2006-يىلى رېژىسسور ئاشېڭ« مۇكەممەل ئاشىق» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، تۆت ئەرنى بايان قىلغان: 1-نومۇرلۇق ئەر لياڭ فېڭ (ئاشېڭ رول ئالغان) ، 2-نومۇرلۇق ئەر دىڭلى، 3-نومۇرلۇق ئەر  ساقچى جاڭ چياڭ، بۇ فىلىمدە 1-2-نومۇرلۇق ئەر پىرسوناژلار بىلەن، ئۇلار ئىلگىرى ئورتاق ھىمايە قىلغان پېشقەدەم ياۋ كۈن ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ھېكايىسى سۆزلەنگەن. 



« زەھەر تازىلاش 2» تا بايان قىلىنغىنى ئەر باش پىرسوناژ يۈ شۈنتيەن (ليۇ دېخۇا رول ئالغان) ، 2-نومۇرلۇق ئەر دىزاڭ (گۇ تيەنلې رول ئالغان) ،3-نومۇرلۇق ئەر ساقچى لىن جېڭفېڭ (مياۋ چياۋۋېي رول ئالغان) ،1-2-نومۇرلۇق ئەر  پىرسوناژلار ئورتاق ھىمايە قىلىدىغان مويسىپىت يۈ نەن (جېڭ زېشى رول ئالغان) ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

 


يەرشارى بونا شىركىتىنىڭ قارىشىچە، « زەھەر تازىلاش 2» زور مىقداردا مەيلى ۋەقەلىك ياكى كىلاسسىك ھەرىكەتلەر بولسۇن « مۇكەممەل ئاشىق» غا پۈتۈنلەي ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



ئاشېڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ليۇ دېخۇانىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆزىنىڭ كىنو ئەسىرىنى كۆچۈرۈشى ئىكەن. 2007-يىلى، ئاشېڭ ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ليۇ دېخۇا تۇرۇشلۇق ياڭيى كۆڭۈل ئېچىش چەكلىك شىركىتىگە ئۆزى ئىشلىگەن« ليۇ دېخۇا بىلەن بىللە ناخشا ئېيتايلى» ناملىق كىنو سىنارىيەسىنى ئەۋەتىپ، ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. 



كېيىن 2008-يىلى يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئاشېڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، كىنو ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە تاشلاپ قويغان. 2015-يىلى ليۇ دېخۇا شىركەت بىلەن سۈرەتكە ئالغان« مېنىڭ قىزلىق دەۋرىم» ناملىق فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئۇنىڭ« ليۇ دېخۇا بىلەن بىللە ناخشا ئېيتايلى» ناملىق فىلىمىنىڭ ۋەقەلىكى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە جىپسىلاشقان. ئۇ بۇنىڭغا ئەينى يىلى ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋەتىشكەن پوچتا يوللانمىسىنى ئىسپات قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 



بۇ قېتىم ئۇ ليۇ دېخۇانىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان« مۇكەممەل ئاشىق» نى ئەرز قىلغان، رېژىسسور ئاشېڭنىڭ قارىشىچە، « زەھەر تازىلاش 2» دە « يوشۇرۇن ساقچى» لىق سالاھىيىتىنى« ياخشى ئادەم بولۇشنى ئويلايدىغان قارا گۇرۇھتا چوڭ بولغان ئادەم» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، « مۇكەممەل ئاشىق-مەشۇقلار» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، ھەتتا ئارتىسلارنىڭ مەيدانغا چىقىش تەرتىپىمۇ ئوخشاش ئىكەن. 


4




ئاشېڭ رېژىسسور ليۇ دېخۇانى ئەرز قىلىپ ھەمدە يۈز مىليون يۈەنگە يېقىن تۆلەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كۆپ ساندىكى تورداشلار ليۇ دېخۇانى قوللىدى. 



بەزى تورداشلار نېمە ئۈچۈن كىنو قويۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن كۆچۈرمىكەشلىك قىلدى دەپ ئەرز قىلىدۇ دەپ گۇمان قىلدى، بۇ سەل كېچىكىپ قالدىمۇ قانداق؟ 



يەنە بىر تورداش مۇنداق دەپ قارىغان: « ليۇ دېخۇا يىقىندا خۇادىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى، ئاشېڭ مۇشۇ خەۋەر بىلەن ئۆزىنىڭمۇ نامىنى چىقارماقچىمۇ قانداق ؟» 


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0