大数跨境

بۇ 3 چارىنى بىلۋالسىڭىز گىرىم قىلمسىڭىزمۇ چىرايلىق كۆرنىسىز

بۇ 3 چارىنى بىلۋالسىڭىز گىرىم قىلمسىڭىزمۇ چىرايلىق كۆرنىسىز EMINBIZ
2021-09-04
0

 ئالدىرغاندا گىرىم قىلىش سەل ئاۋارىچىلىق ،ئادەتتە بىز سەھەردە تولىراق، سۈزۈك چىرايىمىز بىلەن بەكرەك سىرتقا چىقىمىز . 

ئەمما، گىرىم قىلمىغان چاغدا ، ئۆزۈىمىزنى ئىنتايىن  تۇغما  ھالەتتىكىدەك ھېس قىلىمىز ،لىكىن كۆپىنچە  ئادەم  تەبىئىي چىراي بىلەن سىرىتقا چىقىشتىن بەك ئەندىشە قىلىدۇ .

 ئەگەر سىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك بۇ ئۈچ خىل چارىنى بىلۋالسىڭىزلا  قارىماققا گىرىم قىلمىسىڭىزمۇ چىرايلىق كۆرنىسىز !

 [1 ]- خىل ئۇسۇل : مۇكەممەل تېرىنى يېتىلدۈرۈش

1. ھەر كۈنى ئىككى قېتىم يۈزىنى يۇيۇش

 گىرىم تېرە ئاسراش قارىماققا ناھايىتى ئاددىيى لىكىن چىرايلىق بولىدىغان  بىر ئاچقۇچلۇق ئامىل . سىزنىڭ خەجلەشكە تېگىشلىك پۇلىڭىز ۋە ۋاقىتىڭىز بولسىلا تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ . ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇ يەنىلا تىرە ئاسراش، ئەڭ ئاۋۋال سىزئۆزىڭىزنىڭ تېرە تىپىگە ماس كېلىدىغان يۈز يۇيۇش مەلھىمى تاللاپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم يۈزىڭىزنى يۇيۇڭ ، ئەتىگەندە ، كەچتە بىر قېتىم . گەرچە بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق  يۈزيۇيۇش ئارقىلىق تېخىمۇ پاكىز بولغىلى بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىمۇ ئاشۇرۋەتمەسلىك كىرەك  ھەم ئالدىنى ئالمىسا بولمايدۇ . ھەددىدىن زىيادە يۈزيۇيۇش سىزنىڭ تېرىڭىزنى تىخىمۇ قۇرغاق قىلىپ، رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا سىز تېخىمۇ ياخشى بولغان تېرە ئاسراش ئۇسۇلىنى تىپىشىڭىز كىرەك . مەيلى سىز قايسى خىلنى تاللاڭ، چوقۇم ھەركۈنى ۋاقتىدا داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك .

2. ھەر كۈنى تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش مەلھىمى سۈرتۈڭ

ھەر قېتىم يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئارقىدىنلا تېرە سىلىقلاش مايلىرى سۈرتۈشىمىز كىرەك . سىز بىرسۈپىتى ياخشى كۈن قالقىنى ئىلىپ ھەر قېتىم يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىڭ ، بۇنىڭ  نەملىك ساقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ،چوقۇم  سىزگە  مۇۋاپىق كېلىدىغان تېرىڭىزگە ماس كىلىدىغاننى تاللاڭ  . ئەگەر سىزنىڭ تىرىڭىز سەزگۈر ھەم ، مۆتىدىل تىرە بولسا ، دانىخورەك بولسا،مايسىزراق ماينى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . قۇرغاق تېرىگە سىلىق تىپىدىكى تېرە سىلىقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .

3. بىر ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭى تېرە قەۋىتىنى ئاسراش

بىرھەپتىدە بىرقىتىم تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر سۇيۇلۇپ چۈشىدۇ ، سىزنىڭ يۈزىڭىز تىخىمۇ ئاق ھەم چىرايىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرغاندەك كۆرنىدۇ .

 يەنە بۇنداق تىرىگە گىرىم قىلسىڭىز بەك چىرايلىق چىقىدۇ .شۇڭا بۇ مەزگىلدە سىز بىر مەخسۇس ماددىلىق يۈز يۇيۇش مەلھىمى سىتۋىلىپ ، بىر ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتدىن شۇنى ئىشلىتىشىڭىز كىرەك، لېكىن تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئىشلىتىڭ . ئۇندىن باشقا، سىز يەنە ئىلمان سۇغاپاكىز قولياغلىقنى چىلاپ،ئاندىن يۈزىڭىزنى سۈرتسىڭىز بولىدۇ. شۇڭا يۈزىڭىزنى  يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،يۈزىڭىزنى ئاستا - ئاستا سۈرتۈپ بىرىڭ، چەمبەر شەكىللىك قىلىپ سۈرۈتسىڭىز بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل بەك ماس كېلىدۇ ،بۇنداق تېرىگە ھەرقانداق يۈز يۇيۇش مەلھىمى  ئاسانلا  رېئاكسىيە قىلىدۇ . شۇڭا ماددىلىق يۈزيۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەتكەندە ، كۈچەپ سۈرتۈشتىن  ياكى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك . بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تېرىڭىزنىڭ قۇرغاقلىشىشى ھەمدە سەزگۈرلىك ئەھۋاللىرى ئاساسەن يوقايدۇ.

4. تېرە ياشارتىش سۈيى ئىشلىتىش 

تېرە ساپلاشتۇرۇش سۈيى ئىشلىتىش بەك مۇھىم، بۇنىڭ  تىرە ئاسراش ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېرە رەڭگى ئۈچۈن ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ .

 تېرە ساپلاشتۇرۇش سۈيى تېرىنىڭ PH تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلاپ ،تىرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان تېرە ياشارتىش سۈيىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان پايدىلىق تەرەپلىرى بار . مەسىلەن، مايلىق ياكى ئاسانلا دانىخورەكلىك تېرە سۈپىتى ئۈچۈن لايىھىلەنگەن تىرە ياشارتىش سۇلىرى،بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي ۋە تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ،يوقىتىدۇ . لېكىن قۇرغاق تېرىگە ئۈچۈن ئىشلەتكەندە زىيادە سەزگۈرلۈكنى پەسەيتىدۇ ، تېخىمۇ كۆپ سۇ تولۇقلايدۇ . ھەر كۈنى تېرە ساپلاشتۇرۇش سۈيىنى ئىشلەتكەندە ،تىرىنى تازىلايدۇ، ئاندىن كىيىن تېرىگە سىلىقلاش مېيى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

5. چوقۇم ۋاقتىدا گىرىم تازىلاش كىرەك

 گەرچە بىز سىزگە قانداق تىرە ئاسراشنى  ئۆگەتمەكچى بولساقمۇ،لىكىن بىز يەنىلا پات - پات ئۆزىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن گىرىم قىلىمىز .  كۈندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن گىرىمىڭىزنى يۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ .يۈزىڭىزدە بىركىچە گىرىم قىلىپ قالسا ، تەر تۈشۈكچىسىنى توسۇپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،ھەمدە دانىخورەك پەيدا بولىدۇ . شۇڭا مەخسۇس گىرىم يۇيۇش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىش كىرەك. مەسىلەن كۆپۈك چىقىرىپ يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى گىرىم تازىلاش مېيىنى ئىشلىتىش كىرەك ، ئادەتتىكى يۈز يۇيۇش مەلھىمى ئانچە ماس كەلمەيدۇ .

شۇڭا مەخسۇس تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن گىرىمنى يۇيۇپ چىقىرىش كىرەك، كىرپىك مەلھىمى ،  كۆزمەلھىمىنىمۇ پاكىز چىقىرىپ تاشلاش كىرەك.

6. دانىخورەك

دانىخورەك كىشىلەرنى ئەڭ قورقۇتىدىغان نەرسە ، گىرىمسىز سىرتقا چىقالماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى . شۇڭا ئەگەر ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز تىخىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. 

چوقۇم  تېرە ئاسراش كۈتۈنۈش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك،بۇ ئارقىلىق تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە تېرە سىرتقى يۈز قىسمى ئۆلگەن تېرىلەرنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا يۈزدە دانىخورەك باربولسا،دەرھال دانىخورەك يوقىتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،بۇنىڭغا يانداپ تېرە سىلىقلاش مايلىرىنىمۇ ئىشلىتىڭ  ، ئاپتاپتىن توسقۇچى مايلارنىمۇ ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ، ۋاقتىدا قارشى تۇرسىڭىزيۈزىڭىزدىكى قاراپىگمىنىتلارنىڭ كۆپىيشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تەركىبىدە بېنزويل ، ھىدرو پېروكسىد ۋە كىسلاتا قاتارلىق ماددىلار بولمىغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقلىرىنىڭ چىچەككە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار . ئەگەر بۇ تەدبىرلەر كار قىلمىسا، تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار ئازراق دورا ياكى يۈز مېيى ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ .

7. چوقۇم ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىش

 ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى سۈرتۈش كىرەك، ھاۋا بەك سوغۇق ، بۇلۇتلۇق ياكى قار ياغقان كۈنلىرى بولسىمۇ چوقۇم سۈرتۈش كىرەك . چۈنكى ئۇزۇن دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە ئوتتۇرا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنى ئاسان زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ . قۇياش نۇرى ئېلىپ كەلگەن يارا سىزنىڭ تېرىڭىزنى بالدۇرلا قېرىتىپ ، ئېغىر تېرە كېسىلى ۋە باشقا تېرە مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . زۆرۈر بولسا، سىز ئاپتاپتىن ساقلىنىش كوئېففىتسېنتى 30 بولغان ياكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمى ئىشلىتىپ بېرىڭ . بۇنداق ئاپتاپتىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

8. ئىزچىل يۈزىڭىزنى سىلىماڭ

نۇرغۇن ئادەمدە يۈزىنى سىلايدىغان ئادەت بار ، بۇ سىزنىڭ تېرىڭىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . يۈزىدىكى دانىخورەكنى سىقىش ، پېشانىسىنى سىيلاش،  ئىڭىكىنى تۇتۇپ ئارام ئېلىش . بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تېرىڭىزنى تېخىمۇ مايلىق قىلىپ قويىدۇ، سىزنىڭ تېرىڭىزگە باكتېرىيە ئېلىپ كېلىدۇ . يۈز تېرىڭىز بوشاپ قالىدۇ ، بالدۇر قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . دېمەك، تېرە ياخشىلاشتا بەك زۆرۈر بولمىسا يۈزىڭىزنى قالايمىقان تۇتماڭ .

9. ئىچىدىن سىرتىغا تېرە ئاسراش

 ھەر كۈنى كەچتە ئاز دېگەندە سەككىز سائەت ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە  بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بىرىش كىرەك . . تېرە ئۇيقۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ، بۇ سىزنىڭ قارىماققا روھىڭىزچۈشكۈن بولۇپ قىلىش ، كۆز ئەتراپى قارىداپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ. سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتى ئارقىلىق تېرىنى ئىچىدىن سىرتىغا  تازلاپ، مىتابولىزىمنى تىزلىتىپ تىرىنى تىخىمۇ ياخشىلايدۇ.

[2] - خىل ئۇسۇل : كۆڭۈل قويۇپ پەردازقىلىش

1. قاشنى رەتلەش

 چاچنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ تارىسا تەقى -تۇرقىمۇ ناھايتى ياخشى چىقىدۇ.دەل قاشنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بېزەش كىرەك،قاش كۆزۋە يۈزنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ئۆزىنىڭ قىشىنى سىزغاندا كۆڭۈل بۆلۈپ سىزىش كىرەك.قاش چىرايلىق بولسا بەك كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ، قاشنى چىرايلىق قىلىپ گىرىم قىلغاندا ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى كىشىلەر قەلبىدىن تىخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ .

ئەگەر سىز قاش - كىرپىك سىزغاندا نېمە قىلارىڭىزنى بىلەلمەي قالسىڭىز،ئەڭ ئاۋۋال  ئۆزىڭىزگە قايسى خىل قاش شەكلىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىڭ، تۇنجى قېتىم قىلغاندا ، پەردازچىنىڭ ياردىمىدە ئىزدىسىڭىز بولىدۇ . قاش شەكلىڭىزنى بىرقىتىم ئۆزگەرتىۋالسىڭىز،كىيىن ئۆزىڭىز ئۆيدە قاش پىچىقى ئارقىلىق ياساپ تۇرسىڭىز بولىدۇ . ھەر قېتىم قاشنى پەدازلىغان ۋاقىتتا تۆۋەندىن يۇقىرىغا پەردازلاش كېرەك .

2. ئىككى كۈندە بىر قېتىم چاچ يۇيۇش

 چاچ يۇيۇش ناھايىتى مۇھىم ، ئۇ سىزنىڭ چىچىڭىزنىڭ ۋە باش تېرىڭىزنىڭ ماي چىقىرىشىنى تىزگىنلەيدۇ، لېكىن  مايلىق بولمىغان چاچقا نىسبەتەن ئىيىتقاندا  ، چاچنى ھەر كۈنى يۇيۇش ھاجەتسىز . ئىككى كۈندە بىر قېتىم يۇسىلا كۇپايە . بۇنداق بولغاندا  سىزنىڭ چېچىڭىزنىڭ قارىماققا مايلىق ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . ئۆزىگە ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاش  . ھەر 3 ~ 4 ئايغىچە بىر قېتىم چاچ  سۈپىتىنى ساقلاش كىرەك . ھەر كۈنى  چاچ ئاسراش مەلھىمى سۈركەش لازىم ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ سىلىق پارقىراق  چىقىدۇ.

3. كىرپىك قىسقۇچ ئىشلىتىش

ئۇزۇن ھەم ئېگىلگەن كىرپىكى سىزگە بەك يېقىملىق تەسىر بىرىدۇ . لېكىن بۇنى كىرپىك مەلھىمىنى سۈرتۈشكە تايىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئاددىي ھالدا ياساش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . كىرپىك قايرىغۇچ قارىماققا بەك قورقۇنچلۇق ، ئەمەلىيەتتە ئازراقمۇ ئاغرىمايدۇ يەنە،كىرپىكنى ياخشى قىسىپ قويىمىز  . كىرپىك بىلەن قسقۇچ ئارلىقىنى ئۆلچەم قىلىمىز . توم كۆتۈرۈلۈپ كەتسە كۆزى كىرپىكى قارىماققا تېخىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ .ئاندىن ئۈستىگە   كىرپىك مەلھىمى سۇۋاش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك. 

4. كالپۇكنىڭ نەملىكىنى ساقلاش

 كالپۇك گىرىمى ئادەمنى تىخىمۇ جەلىپ قىلىدۇ . شۇڭا سىزلىۋىڭىزنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن لېۋىڭىزنى ئاسراڭ . يەنە ھۆل چىش چوتكىسى ئارقىلىق لەۋ قىسىمىنى تەكشى بىر قۇر چوتكىلاپ ئاندىن سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لەۋ سۇرۇخنى سۈركەڭ . چەكتىن ئاشقان ھاۋارايى ئاستىدا لەۋ سۇرۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك ، يەنى تەركىبىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش رولى بار بولغان  SPF لەۋ سۇرۇخ ياكى ماسكا تاقاش لازىم .

5. كۆزنى تېخىمۇ نۇرلۇق كۆرسىتىش.

كۆزنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلدۇرۇشتا،  ئەپچىل شىپالىق چارىلەر - كۆز سۇيۇقلۇقى تامچىلاش . بۇنى شۇ جايدىكى دورا دۇكانلىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا بىر ئۇدۇل يول ئىچىپ بىرىدۇ . كۆزنى نۇرلۇق قىلىش  ئۈچۈن ، سىز پەقەت ھەر ئەتىگەن  بىر _ ئىككى تامچە  ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ .

6. تىرە رەڭگىنى ئۆستۈرۈش

 تېرە رەڭگى قارىماققا ساغلام ، چىرايلىق كۆرۈنسە باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،ئەگەر ئامال بولسا سىز تېرىنى سەل ئازراق قىزىل قىلىڭ . دائىم ھەرىكەت قىلىپ ۋە سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنڭ بۇنىڭ  بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ .

7. چىش ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش 

بىر ساغلام چىرايلىق تەبەسسۇم سىزنىڭ ئومۇمىي تەسىراتىڭىزنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ . شۇڭا سىزدە چوقۇم يېتەرلىك چىش گۈزەللىكى بولىشى كىرەك . بىر كۈندە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش ، چىش چوتكىسىنى ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا ئاستا ئىغىزدا پائالىيەت قىلدۇرۇڭ .

چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈڭ، ھەر بىر تال چىشقا سەل قارىماڭ . بولمىسا كىيىن ئۇنى تازلاش تەس بولۇپ قالىدۇ. ھەر كۈنى چىش يىپى بىلەن چىش تازىلاش ناھايىتى مۇھىم . چىش يىپى بىلەن چىش كىرى ۋە چىش ئارىسىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ بەرسە ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .  يەنە  ئېغىز چايقاش سۈيىمۇ ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

[3] - خىل ئۇسۇل : بىر پۈتۈن ئوبرازى

1. تەبەسسۇم 

سىزنىڭ يۈزۈڭىز كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق تىخىمۇ جەلىپكار كۆرنىدۇ،تەبەسسۇم ئارقىلىق سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز ئىچكى قەلبىڭىزگە تارقىلىدۇ . بۇ كىشىگە بىر خىل ئۈمىدۋارلىق تەسىرى بىرىدۇ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ . كۈلۈمسىرەش سىزنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدۇ، مەيلى سىز گىرىم قىلمىغان بولۇڭ يەنىلا شۇنداق چىرايلىق كۆرنىسىز.

2. ساغلام تېرە رەڭگى

 ساغلام تېرە رەڭگىدە سىز تېخىمۇ جەلپكار بولۇپ كىتىسىز ، تېخىمۇ سىلىقلاشتۇرۇپ ئىيتقاندا باشقىلارغا بەك گۈزەل تەسىر بىرىسىز . ئەگەر سىزنىڭ تېرىڭىز تەبىئىي قوڭۇر سېرىق رەڭلىك بولسا،ئۇنداقتا  ناھايىتى ياخشى، لېكىن يەنىلا تېرە ئاسراش مېيى سۈرتۈشىڭىز كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە نۇرغۇن تېرە رەڭگى  قۇياش تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ،بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئاپتاپتىب ساقلاش مىيى ئىشلىتىشىڭىز كىرەك . ئۇ ئاستا _ ئاستا سىزدە تەبىئىي قوڭۇر سېرىق رەڭلىك تىرە پەيدا قىلىدۇ ، مەيلى قانداق ھاۋا رايى بولسۇن قارىماققا تىرىڭىز ناھايىتى پارقىراق كۆرنىدۇ.

3. مۇۋاپىق كىيىنىش

 گىرىم قىلمىسىڭىزمۇ ،ئۆزىڭىزگە ماس كەلگۈدەك مۇۋاپىق كىيىنسىڭىزلا قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق كۆرنىسىز.بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق . ھەر بىر قىز بىر قۇر مۇكەممەل بولغان كىيىم - كېچەك ئارقىلىق ئۆزىنى كونترول قىلىشى كىرەك. شۇڭا ھازىر سىزگىرىم قىلىشقا سەرپ قىلغان كۆپ ۋاقىتىڭىزنى كىيىم - كېچەك جەھەتلەرگىمۇ سەرىپ قىلىپ قويۇڭ . سىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغىنى دەل سىزگە راھەتلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان كىيىم . ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىماڭ ئېقىمىغا ئەگىشىمەن دەپ ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان،ياراشمىغان كىيىملەرنى كىيىشكە ئىنتىلمەڭ ، سىز ئەڭ قالتىس ۋاقىتتا سىز قارىماققا ئەڭ گۈزەل كۆرنىسىز.

 4. ئۆزىنىڭ چاچ پاسونىنى لايىھىلەش

 چوقۇم ئۆزىنىڭ چىچىنىڭ ھەر ۋاقىت بەك رەتلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىشىڭىز كىرەك، باشقا ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭ . يېڭى چاچ پاسونىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، مەسىلەن قىسقا ياكى ماڭلاي چاچلارنىمۇ، بىر قېتىم تەۋەككۈلچىلىك بىلەن سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . ئۆزىڭىز ياقتۇرمىغان چاچ پاسونىنى : تۈزلەپ ، بۈدۈرە قىلىپ قويۇڭ ،  ياكى بىر ئۆرۈم چاچ شەكلىدەقويسىڭىزمۇ بولىدۇ ، قىسقىسى تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇڭ . چېچىڭىزنى رەتلەپ شىلەپە كىيىپ، مودا ياغلىق چىگىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى ئاددىي ھالدا ئازراق بۈدۈرچاچنى مۇقىملاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ .

5. مۇۋاپىق يېمەك - ئىچمەك

ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ،سىز نېمە يېسىڭىز ساغلاملىق بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بار . بولۇپمۇ تېرىڭىزگە مۇشۇلارنى بىلگەن ئاساستا ،يىمەك-ئىچمىكىڭىزنى مۇۋاپىق تەڭشەك. بولمىسانامۇۋاپىق يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ئاسانلا بەدەنگە ۋە تىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ساغلام تېرە ھەم يەنە چىرايلىق گىرىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . شۇڭا كۆپرەك مېۋە - چېۋە كۆكتات يەڭ، مايلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ . ئەستە چىڭ تۇتۇو ، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بىرىڭ،بۇ مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېرىڭىزنى تىخىمۇ ساغلام قىلىدۇ . ئەگەر كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەك ئادىتى  سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ئۇيغۇنلىشالمىسا ، ۋىتامىن A.B.C تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ .بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېرىگە  ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار .

 6. ئۆزىگە ئىشنىش

ھەقىقىي گۈزەللىك بولسا ئادەمنىڭ ئىچىدە تارقىلىدۇ . شۇڭا بىز گىرىم قىلىش ئارقىلىق  مەقسىتىمىزگە يىتىپ ئىشەنچىمىزنى تاپىمىز .شۇڭا ئاياللار ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ . قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ، باشقىلار بىلەن كۆز ئالاقىسى ئېلىپ بارغاندا،ھەر ۋاقىت تەبەسسۇمنى ساقلاڭ. شۇنى ئەستە تۇتۇڭكى: گىرىم پەقەت چىراي گۈزەللەشتۈرۈش قورالى خالاس، لىكىن ھەقىقىي گۈزەللىك سىزدە ئىزچىل مەۋجۇت .

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0