رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 6-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپنىڭ ئىلگىرىكى ھەشەمەتلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى فارارى F430 كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن، پۈتۈشۈش باھاسى تەخمىنەن 400 مىڭ دوللاردىن 500 مىڭ دوللارغىچە (تەخمىنەن 2 مىليون 580 مىڭ دوللاردىن 3 مىليون 220 مىڭ يۈەنگىچە) بولىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى (mecum) ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان.
بۇ ئاپتوموبىلنى سىتىۋلغاندا تىرامپنىڭ شەخسىي ئىمزاسى ۋە تىرامپ بىناسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئادرېسىغا ئېرىشكىلى بۇلدىكە.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئاچ سېرىق رەڭلىك خۇرۇم بىلەن بېزەلگەن ھەم دەسلەپكى ماركا بەلگىسى بار بولۇپ، جەمئىي 6910 مىل (11 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ) يول يۈرگەن. كىم ئارتۇق سودىسى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

