大数跨境

بۇ بانكىلارغا پۇل ئامانەت قويسىڭىز ئۆسۈمى يۇقىرى چىقىدۇ

بۇ بانكىلارغا پۇل ئامانەت قويسىڭىز ئۆسۈمى يۇقىرى چىقىدۇ EMINBIZ
2021-01-01
2

توۋتىياۋ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى :

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش ئادىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۆزىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، شۇنداقلا ئۆزىنى تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئىشلەتكىلى پۇل يوقلۇقىدىن غەم قىلىش بىھاجەت . شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇشنى تاللايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھەم مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەم بەلگىلىك ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا پۇلنى قايسى بانكىغا ئامانەت قويسا ئۆسۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ؟ بۇنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بانكىنىڭ كۆلىمى قانچە كىچىك بولسا، ئۆسۈم نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتىكى بانكا تۈرى بويىچە قارىغاندا، بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى كىچىكتىن چوڭغا مۇنداق تىزىلىشى كېرەك : دۆلەت ئىلكىدىكى ئالتە چوڭ بانكا، مەملىكەت خاراكتېرلىك پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى، رايون خاراكتېرلىك بانكا، يېزا ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپى، پۇقراۋى بانكىلار . كۆپچىلىك بۇ تەرتىپتىن پايدىلانسا بولىدۇ.

 

كىچىك بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى بانكىنىڭ پايدا ئېلىش خاراكتېرىگە باغلىق.ھەممىمىزگە مەلۇم، چوڭ تىپتىكى بانكىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى زور، تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، كىچىك تىپتىكى بانكىلارنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئازراق پاراۋانلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش.مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بولمىسا ھېچكىم پۇلنى كىچىك تىپتىكى بانكىغا ئامانەت قويۇشنى خالىمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە تۆت چوڭ بانكىنىڭ چوڭ سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونىنى ئۆسۈم نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن  تۆت بەش يىللىق چوڭ سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆسۈم نىسبىتى % 4.25 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ . شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ خېرىدارلىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى، ئابرويى بار، خېرىدارلارغا يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ.كىچىك تىپتىكى بانكىلار بولسا چوڭ بانكىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، ئۆسۈم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ، بەزى كىچىك بانكىلارنىڭ بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى % 4.1 كە يەتكەن بولۇپ، چوڭ بانكىلارنىڭ كۆپ سوممىلىق ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىگە يېتىشەي دەپ قالدى.ئەگەر كۆپچىلىك تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈمنى قوغلاشسا، كىچىك بانكىنى تاللاشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

 

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0