大数跨境

تىرامىپنىڭ بۇ بىناسى چېقىۋىتلدى

تىرامىپنىڭ بۇ بىناسى چېقىۋىتلدى EMINBIZ
2021-02-27
0

«يەر شارى تورى خەۋىرى» « نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتىك شەھىرىدىكى «ترامپ مەيدانى» قىمارخانىسى پارتىلتىپ ئۆرىۋىتىلگەن ، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تارقاتقاندىن كېيىن« قول پۇلاڭلىتىپ خوش» دېگەندەك ئىپادە بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قىمارخانا 1984-يىلى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، 34 قەۋەتكە يەتكەن، بىر مەھەل ئاتلانتىك شەھىرىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان قىمارخانىغا ئايلانغان، ھەمدە يەنە بىر قاتار ۋەيران بولۇش گردابىغا بېرىپ قېلىشتەك سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ 2009-يىلى بۇ قىمارخانا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. 2014-يىلى تاقالغاندا، بۇ قىمارخانا پۈتۈن شەھەردىكى ئەڭ ناچار قىمارخانىغا ئايلانغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قىمارخانىنىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ، قىسمەن قۇرۇلۇشلار سويۇلۇپ ئۆرۈلۈشكە  باشلىغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇنى «قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان خەتەر» دەپ قارىغان. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئېگىزلىكى 34 قەۋەت كېلىدىغان بۇ ئىمارەت كىشىلەر توپىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پارتلىتىلدى، پۈتكۈل پارتلىتىش جەريانى 30 سېكۇنتقىمۇ يەتمىدى.

«قۇياش گېزىتى»نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى تىۋىتتېردا بۇ قىمارخانىنىڭ پارتلىتىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشىنى تارقاتقان ھەمدە ئۇنىڭغا «خوشلىشىش» چىراي ئىپادىسىنى قالدۇرغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھىلارى بۇنىڭدىن سەل خۇشال بولدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىمارەتنىڭ قالدۇق قىسمى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن چېقىۋېتىلىدىكەن، شۇ چاغدا ئەسلىدىكى يەرگە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدان

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307