大数跨境

مېنى ئىشەندۇر ، ئىشەندۇر مېنى …

مېنى ئىشەندۇر ، ئىشەندۇر مېنى … EMINBIZ
2020-12-20
0




مېنى ئىشەندۇر


زەيتۇنەم مەمتىمىن 


مېنى ئىشەندۇر

يېڭى ئاينىڭ ھامان  تولۇن بولىدىغىنىغا

كېچىلەرنىڭ ئايدىڭسىز  قالمايدىغىنىغا

قۇرۇپ كەتكەن دەريا-كۆللەرنىڭ

يامغۇر تىلەپ،شامال تىلەپ،سۇ تىلەپ

ئاسمان بىلەن تۇيۇقسىز خوشلاشمايدىغىنىغا .


مېنى ئىشەندۇر

تىلىڭدىكى بىرىنچى سۆزنىڭ 

قەلبىڭدىكى ھەسرەتلىك سىرنىڭ 

باھاردىكى ياپيېشىل تۈسنىڭ

ھاياتىڭدا باشقا بىر كۈزنىڭ  

ئىسمىمغىلا باغلىق بولىدىغىنىغا .


-كۆزلىرىنى ئۇنتۇمايمەن دېيىشتى ، 

- ۋەدىسىدە  باغرىم پۈتۈن دېيىشتى .

قوللىرىدا  ھارارەت، لەۋلەردىكى سېزىمنى ،

مەنلا  ئەمەس ،پۈتۈن ئالەم بىلىشتى .


مەن …

كىچىك ۋاقتىمدا كېپىنەك قوغلاپ باققان ،

توي قىلىپ ،ئۆي ياسىشىپ ئويناپ باققان .

شامالسىز ئاسمانغا لەگلەك ئۇچۇرۇپ ،

لەگلەككە قانات چىقىدىغاندەك ئىشىنىپ باققان .



بىراق ،ئىشەنچنىڭ 

داستىخاندىكى ناندەك ئۇلۇغلىغىنى 

زېمىندىكى تاغدەك بۈيۈكلىگىنى 

گۈل بەرگىدەك نازۇكلىقىنى 

قاراڭغۇدەك قورقۇنچلىقىنى ئويلاپ باقمىغان .


ئەپسۇس …

كېپىنەكنى تۇتالمىغاندا چوڭ بولدۇڭ دېيىشتى ،

قوشنامنىڭ ئوغلىدىن ئۇيالغاندا چوڭ بولدۇڭ دېيىشتى .

نەچچە باھار ئۆتتى ،شامال ،بوران ئۇچتى ،

لەگلەك قوغلايدىغان خىياللار مەندىن تېزىشتى .


مەن …

مانا مەن …ئاياغلىرىم بار، يوللىرىم يوق ،

كۆزلىرىم بار ،نۇرلىرىم يوق .

لەۋلىرىم  بار ،سۆزلىرىم يوق ،

تىرىك جېنىم  بار ،ھاياتىم يوق .


بىر ۋاراققا سۆيگۈ دېگەن خەت يازدىم ،

يېرىم چەمبەر ،كۆڭلۈمدەكلا بوش تۇرار.

ئۈمىد دېگەن بەك يېقىنمىش ئادەمگە ،

ئەمما ماڭا قاپقاراڭغۇ تۇيۇلار .


يالغۇز دېگۈم كەلمەيدىغان يالغۇزمەن ،

تۆت تام ماڭا كۆرسىتىدۇ ئاسماننى .

مەن رەڭگىنى ھامان زەڭگەر ئويلايمەن ،

ئۇنتۇمايمەن ئۇچۇپ ئۆتكەن بىر قۇشنى .


مېنى ئىشەندۇر 

سۆيگۈ دېگەن بەختكە 

مېنى ئىشەندۇر 

سۆيگۈ دېگەن ھەسرەتكە 

مېنى ئىشەندۈر

سۆيدۈم  دېگەن مەڭگۈگە

مېنى ئىشەندۈر 

سۆيگۈ دېگەن ئۈلۈمگە .

مېنى ئىشەندۇر ،ئىشەندۇر مېنى …




【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307