大数跨境

كەلگۈسى ئون يىلدا دۆلىتىمىزدە نېمە ئەڭ پۇلغا يارايدۇ

كەلگۈسى ئون يىلدا دۆلىتىمىزدە نېمە ئەڭ پۇلغا يارايدۇ EMINBIZ
2021-08-06
2


جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ئۆي سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىمىز، ئېلىمىزدە ئۆي سېتىۋېلىش نىسبىتى %96 كە، ئىككى يۈرۈشتىن يۇقىرى ئۆي سېتىۋېلىش نىسبىتى بولسا %40 كە يەتكەن. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە بولسا ئۆي-مۈلۈك نىسبىتى پەقەت 51%، قالغان 49% كىشى ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگولۇقلارمۇ تۇغما ئۆي سېتىۋېلىشقا ئامراق ئەمەس، ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ مۇنداق ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار:

بىرى، ئۆي سېتىۋالسا نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھازىر ئۆي بولمىسا توي قىلغىلى بولمايدۇ؛ ئۆي بولمىسا نوپۇسقا ئالدۇرغىلى بولمايدۇ. ئۆي بولمىسا بالىلارنى ئوقۇتۇشمۇ چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە بىرى، ئۆينىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممەت ئاشۇرۇش رولى بار. پاي چېكى، قەرەللىك مال، فوند قاتارلىقلارنى بولسا ئوينىغانسېرى زىيان تارتىدىغانلار كۆپ. يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆي سېتىۋالغانلاردىن ئاساسەن ھېچكىم زىيان تارتمىدى، ھازىر ئۆي ھەم ئولتۇراقلىشىش خاراكتېرىگە، ھەم مەبلەغ سېلىش خاراكتېرىگە ئىگە. مۇشۇنداق خىسلەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئازراقلا پۇلى بولسىلا ئۆي سېتىۋېلىشنى تاللىغان، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆي-زېمىنغا مەبلەغ سالغاندا مۇقىم پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ناھايىتى ئېنىقكى، 2020-يىلىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى جايلاردا ئۆي باھاسى ئىزچىل ئۆرلەۋاتقان بولغاچقا، ئۆي سېتىۋېلىش ئۆي سېتىۋالماسلىققا قارىغاندا كۆپ ئاقىلانە تاللاش ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئۆي سېتىۋېلىشتىن باشقا يەنە ماشىنا سېتىۋېلىشنى تاللايىتتى. ئۆيى، ماشىنىسى بولۇش دۆلەت ئىچىدىكى پۇلدارلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى. لېكىن ماشىنا قىممىتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ئىگىسىنىڭ ھەر يىلى ماشىنىغا سەرپ قىلىدىغان خىراجىتى، مەسىلەن، ماي خىراجىتى، رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىراجىتى، يىللىق تەكشۈرۈش ھەققى، ماشىنا ئىشلىتىش بېجى، يول ئاسراش ھەققى قاتارلىقلار ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىدۇ. شۇڭا، ئۆي-جاي ۋە ماشىنىسى بار ئائىلىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى چىقىمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

ئۇنداقتا، كەلگۈسى 10 يىلدا دۆلىتىمىزدە نېمە ئەڭ پۇلغا يارايدۇ؟ ئۆي-مۈلۈك داۋاملىق «شاھانە» تەختتە ئولتۇرالامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا ما يۈن كەلگۈسى 10 يىل ھەتتا 20 يىلدا ئۆي ۋە ماشىنا ئەڭ پۇلغا يارايدىغان نەرسە بولماي قالىدۇ، بەلكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغىنى ھاۋا ۋە يەر بولىدۇ، چۈنكى، ئەگەر ھاۋا ياخشى بولمىسا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. يەر بولمىسا ئاشلىق ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ، يەر ئۆيدىنمۇ مۇھىم، دەپ قارىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ما يۈننىڭ سۆزىدىن گۇمانلاندى، چۈنكى ھازىردىن قارىغاندا دۆلىتىمىزدە ئەڭ قىممىتى بار نەرسە يەنىلا ئۆي، ھازىر ھەتتا كىچىك ناھىيە بازارلىرىدىكى ئۆي باھاسىمۇ مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

لېكىن مېنىڭچە، ئەگەر ئۆتكەن 20 يىلدا ئۆي بارغانسېرى پۇلغا يارايدىغان دەۋر بولغان بولسا، كەلگۈسى 10-20 يىلدا ئۆي بازىرى ئاستا-ئاستا بۇرۇنقىدىن سۇسلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ھەممە ئىش، ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ كەلگۈسىدە قايتا تەكرارلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كەلگۈسى 10 يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسى بىر قەدەر زور دەرىجىدە تەڭشىلىدۇ، ئۆينىڭ قىممىتى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەم قىممىتى قايتا ئۆرلىمەيدۇ دەيمىز؟

بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلار «ئۆز جايىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ»، ئۆي-زېمىن كەسپىنى تەڭشەپ تىزگىنلەۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا 270 نەچچە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىنىڭ «ئۆينى ئولتۇراقلىشىش خاسلىقىغا قايتۇرۇش» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، مەملىكەت بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى، ھەتتا بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىمۇ ئۆسۈشتىن توختاشقا باشلىدى، كەلگۈسىدە ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈش بوشلۇقى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن تۆۋەنلەش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى. بولۇپمۇ ئىلگىرى ھەر قايسى جايلاردا ئۆي باھاسى تەڭ ئۆرلەيتتى، 2020-يىلىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىدا كۆرۈنەرلىك بۆلۈنۈش كۆرۈلدى، بارغانسېرى كۆپ 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسى تۆۋەنلەش يولىغا كىردى. شۇڭا، ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ خەتىرى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ.

ئىككىنچى، جايلاردا ئۆي-جاي تويۇنۇشقا يۈزلەندى. دۆلەت ئىچىدە ئۆي باھاسى 1998-يىلىدىكى ئۆي ئىسلاھاتىدىن باشلاپ ئۆرلەشكە باشلىغان، ئۆرلىگىنىگە 20 نەچچە يىل بولدى، ھازىر ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەردە ئۆي-زېمىن تويۇنۇشقا قاراپ يۈزلىنىپلا قالماي (نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆپ يۈرۈش ئۆي-مۈلكى بار)، بەلكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بىر نەچچە يۈرۈشتىن ئۆي-مۈلكى بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى ئىلگىرىكى 6-7 كىۋادرات مېتىردىن ھازىرقى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 39 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. روشەنكى، كىشىلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈككە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئىلگىرىكى «تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق» تىن «تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش» كە ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىلىشىش دەۋرى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ، ھازىر شەھەرلىكلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىنقى بىر ئەۋلادتىن قالغان ئۆي-مۈلكى بار، كەلگۈسىدە ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئازلايدۇ.

ئۈچىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي قەرزى ئومۇميۈزلۈك تارايتىلدى، بۇ خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ، مەركىزىي بانكا شەخسلەرنىڭ ئۆي قەرزى ۋە ئۆي سېلىش قەرزىنى ئومۇميۈزلۈك تارايتىپ، دۆلەت بانكىلىرى تارقاتقان شەخسلەر ئۆي قەرزى يۇقىرى چېكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆي قەرزى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %30 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى، ئۆي سېلىش قەرزىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆي قەرزى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %40 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىستېمال قەرزى، تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز قاتارلىقلارنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىدى. ھەرقايسى بانكىلارمۇ بەس-بەستە ئۆي قەرزى كەسپىنى تارايتىپ، ئۆي قەرزىنى تەستىقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتتى ھەمدە ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى. شۇڭا ئۆي ھايانكەشلىكىنىڭ تەننەرخى ئۆرلەپ، جايلاردا نىمكەش ئۆيلەر تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. ئىشىنىمەنكى، ئۇزاق ئۆتمەي دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسى تەدرىجىي نورماللىشىدۇ.

يىغىنچاقلىساق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كەلگۈسى 10 يىلدا، ئۆي ۋە ماشىنا بۇرۇنقىدەك ئەڭ پۇلغا يارايدىغان نەرسە بولۇشتىن قالىدۇ، ئۆينىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈش نىسبىتى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، كەلگۈسىدە كۆپۈك چىقىرىش، پىشاڭنى تۈگىتىش مەزگىلى بولىدۇ. ماشىنا ئەسلىدىنلا ئاسان قىممىتى چۈشىدىغان تاۋار بولغاچقا، قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى مۇمكىن ئەمەس. كەلگۈسىدە ئەڭ پۇلغا يارايدىغىنى دەل ما يۈن ئېيتقاندەك، ھاۋا ۋە يەر بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى شەھەر كىشىلىرىنىڭ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشى ئاسان ئەمەس، شىمالدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە قىشتا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. يەر بولمىسا ئاشلىق ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ، ئاشلىق بولغاندىلا جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا ئۆي-زېمىن بارغانسېرى پۇلغا يارىمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كۇرسى چۈشىشى مۇمكىن.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307